ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سۆيگۈ خېتى


سۆيگۈ خېتى


 

  بىر ئوغۇل بالا بىر قىزغا مۇنداق سۆيگۈ خېتى يېزىپتۇ :
 سۈيۈملۈكۈم:
مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ، ئەمدى مۇھەببىتىمنى ئاشكارلىمىسام بولمايدىغان يەرگە كەلدى،سز بىلەن ئارلىشىپ بىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. مېنى ھەرگىزمۇ ئالدىراپ رەت قىلماڭ، ئاۋال مېنىڭ ھېكايەمنى ئاڭلاپ بېقىڭ
 بەش يىل ئىلگىرى مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تەلەپ خېتى يازغان ئىدىم، بىراق ئۇنىڭ جاۋابى مۇنداق بولدى.
مەن سىز بىلەن دوستلۇقتىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى باغلىغىم يوق. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك ئۈمدىسزلەندىم، شۇڭا ئۇ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، نەچچە پارە قىلىپ، ئۆيۈمدىكى توڭلاتقۇغا سىلىپ قويدۇم. بىر يىلدىن كېيىن مېنىڭ كەيپىياتىم بىر ئاز ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئەپسۇس ئۇ قىزنىڭ سۆيگەن يىگىتى بار ئىكەن. مەن ئۇ قىزنى يىگىتى بىلەن قوشۇپ سۆھبەتلىشىشكە چاقىردىم، بىراق سۆھبىتىمىز پەقەتلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كالتەك بىلەن يىگىتنىڭ كاللىسىغا قويۇپ مېڭىسىنى چىقىۋەتتىم، قىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋەتتىم. ئىككىسىنىڭ جەسىتى ھازىرمۇ ئىسكىلاتتا بار. 
 يەنە ئىككى يىل ئۆتۈپ مېنىڭ كەيپىياتىم يەنە تۇراقلاشتى، مەن يەنە بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ھەم ئۇ قىزمۇ مېنى قوبۇل قىلدى. ئىككىمىز ياخشى يۈردۇق، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىمىز بىر قىتىملىق سوقۇشۇش بىلەن ئايرىلىپ كەتتۇق. ئاندىن مەن ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇ قىزنى ئۆز ئۆيۈمدە دارغا ئېسىۋەتتىم. كېيىن مەن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. ئىچىمدە « مەن ئەسلىدە مۇھەببەتلىشىدىغان ئادەم ئەمەس ئىكەنمەن » دەپ ئويلىدىم. دۇنيادىن ئىشەنچىمنى يوقاتتىم. ھەمدە بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قىزلارغا تەلەپ قويمايمەن دەپ ئويلىدىم. مۇشۇنداق ئۈمىدسىز ياشاۋاتقان كۈنلەردە سىز ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز، ماڭا قايتىدىن ھاياتنىڭ يەنىلا گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردىڭىز.
ئەمدى سىزگە راسىت گەپنى ئىيتاي، مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ھەققىي ياخشى كۆرۈپ قالدىم. سزمۇ مېنى رەت قىلمايسىزغۇ دەيمەن .


 

خەير-خوش


 

مەنبە : ئىنتىزار مۇنبىرى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203