سىز بۇلارنى ھېس قىلغانمۇ ؟
ئەتىگەندە ئويغىنىپ ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر بايلىق .
ئەزەلدىن ئۇرۇش خەتەرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولسىڭىز ياكى تۈرمىگە قامالغىنىڭىزدا ،قاتتىق ئازاب ۋە ئاچلىقتىن ئىبارەت قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ......لېكىن سىزنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئېرىشىدىغان بەختىڭىز ،دۇنيادىكى مىليون ئادەمنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
توڭلاتقۇڭىزدا بەلگىلىك يىمەكلىك بولسا ،ئۇچىڭىزدا يىتەرلىك كىيىم-كىچەك بولسا ھەمدە يېتىپ قوپىدىغان ھۇجرىڭىز بولسا ،ئۇ ھالدا سىز ئېرىشكەن بۇ بايلىق دۇنيادىكى %ئادەمنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
بانكىدا پۇل ئامانەت قويالىغان بولسىڭىز ھەمدە پۇل قاپچۇقىڭىزدا نەق پۇل بولسا ،ئۇ ھالدا سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقان %ئادەم قاتارىغا كىرگەن بولسىز .
ئاتا-ئانىڭىز ھايات بولسا ھەمدە ئۆي ئايرىمىغان بولسىڭىز ياكى جۆرىڭىزدىن ئاجرىشىپ كەتمىگەن بولسىڭىز ،ئۇ ھالدا سىز ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسىز .
بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ ھەمدە دائىم خۇش پېئىل يۈرەلىسىڭىز ،قەلبىڭىزدە تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ھازىرلانسا،ھەقىقەتەن بەخىتلىك ھىسابلىنىسىز.
بىر كىشىنىڭ قولىنى تۇتقىنىڭىزدا ،ئۇنى قۇچاقلىيالىسىڭىز ياكى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قول سالالىسىڭىز ....ئۇ ھالدا ھەقىقەتەن بەخىتلىك ھېسابلىنىسىز،چۈنكى سىزنىڭ پۈتكۈل قىلغانلىرىڭىز تەڭرىنىڭ قىلغىنى بىلەن ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.
مۇشۇ بۆلەكلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسىڭىز ،ئۇنداقتا قوش بايلىققا ئېرىشكەن بولىسىز. چۈنكى بۇ تىرىليون ئادەم ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان ئەڭ چوڭ بايلىقتۇر.كۆرۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە ،ناھايىتىمۇ .ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزگە:"ۋاھ،ئەسلىدە مەن ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك ئادەم ئىكەنمەن "دەيسىز.دەرۋەقە شۇنداق ،سىز بۇلارنى ئويلاۋىتىپ ،ئۆزىڭىزدە يەنە قانداق خوشاللىنارلىق تۇيغۇنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان بولىشىڭىز كېرەك.
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |