بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس
چىراي شەكلى ھەممىگە باقىۋەندە ئەمەس؛ ئەگەر چىراي شەكلىڭىز جايىدا بولمىسا ، قابىلىيىتىڭىزنى نامايەن قىلىڭ ؛ ئەگەر قابىلىيىتىڭىز بولمىسا ، باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن بېقىڭ.
باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە ، قولىڭىزنى ئۇزۇنغىچە قويۇۋەتمىسىڭىز، يات جىنستىكىلەر باشقىچە خىيالدا بولۇپ قالىدۇ.
باشقىلاردىن پۇل قەرز ئېلىپ ، ساخاۋەتچىلىك قىلىش خىيالىدا بولماڭ.
ئۆزىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ. مەسىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىڭىز ، باي بولۇش جەريانىڭىزنى سۆزلەپ يۈرمەڭ، بەزىدە ئائىلە ئالبۇمىمۇ باشقىلارغا سۆز-چۆچەك بولۇپ بېرىدۇ...
بەزىلەر سىزگە باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بەرگەندە، پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ، باشقا ئىنكاس قايتۇرماڭ .
ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشىنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەڭ.
ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يېتەرلىك ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاڭ.
تەنقىد قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلىڭ، ماختاشقا توغرا كەلگەندە، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ.
باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىماڭ.
گەپ قىلغاندا ، "بىز " سۆزىنى كۆپ ئىشلىتىڭ، ھە دېگەندىلا "مەن " دەپ گەپ باشلىماڭ.
باشقىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ماختاڭ ، مەدھىيلەڭ.
تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، شۇڭا ئادەم كۆپ يەردە ئاز گەپ قىلىڭ.
"ياق"دېگەننىڭ ئورنىغا "بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ"، "مەن ئامال بار...."،"بۇنىڭغا بىر نىمە دېيەلمەيمەن"،"بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن سىزگە چوقۇم خەۋىرىنى بېرىمەن"....دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.
ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |