ئاتا-ئانىنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى
مەن ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلالايمەن، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ياشىيالمايمەن.
مەن ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيمەن، لىكىن سېنى ئۆگىنىشكە زورلىيالمايمەن.
مەن قانداق ئادەم بولۇشۇڭغا يول كۆرسىتەلەيمەن، لېكىن بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا مەسئول بولالمايمەن.
مەن ساڭا ئاق-قارىنى قانداق پەرق ئېتىشنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېنىق تاللاپ بېرەلمەيمەن.
مەن ساڭا مىھىر-مۇھاببىتىمنى تولۇق بېغىشلىيالايمەن، لىكىن ھەممىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىيالمايمەن.
مەن ساڭا دوست-بۇرادەرلىرىڭ بىلەن جاپادىمۇ،ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشنى ئۆگىتەلەيمەن، لىكىن سېنى شۇنداق قىلىشقا زورلىيالمايمەن.
مەن ساڭا باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن ساڭا ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەلەيمەن، لېكىن ساڭا دوست تاللاپ بېرەلمەيمەن.
مەن ساڭا جىنسىيەت توغرۇلۇق تەربىيە بېرەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ پاكلىقنى ساقلىشىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ بىرەلەيمەن، لېكىن سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرەلمەيمەن.
مەن ساڭا ھاراقنىڭ زىيانلىقلىقىنى ئەسكەرتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۇنى رەت قىلالمايمەن.
مەن ساڭا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن ساڭا ئادەم ھاياتىدا يۈكسەك نىشان بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن سەن ئۈچۈن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلمەيمەن.
مەن ساڭا ئادەم بولۇشنىڭ ئالىي پەزىلىتىنى ئۆگىتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ ئاق كۆڭۈل ئادەم بولۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن سىنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭنى كۆرسىتىپ بىرەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن ساڭا قانداق ياشىغاندا تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن ساڭا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلالمايمەن.
مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ساڭا ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايمەن، لېكىن ساڭا ئىستىقبال ۋە كەسىپ ئاتا قىلالمايمەن.
...
بالام، مەن ساڭا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن، چۈنكى مەن سېنى سۆيىمەن؛ لېكىن، شۇنى چۈشىنىشىڭ كىرەك، مەن سەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى خالىساممۇ، لېكىن مۇھىم قارارلارنى ئۆزۈڭ چىقىرىشىڭ كېرەك. شۇڭا، مېنىڭ تىلەيدىغىنىم، توغرا يول تاللىشىڭ ئۈچۈن، پارلاق قۇياش ھاياتلىق يولۇڭنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرسۇن...
مەنبە : « تەرمىلەر ژورنىلى»
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |