ئاپەت بار يەردە بەختمۇ بار
« - سېنتەبىر » ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، شىركىتىمىز بىر قىسىم ئورۇنلارنى ئەسلىدىكى نيۇيورك دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىدا ئىش بېجىرىدىغان بىرقانچە شىركەتكە ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىپ بەردۇق . شۇ سەۋەبلىك بۇ شىركەتلەردىكى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئامان قېلىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارنىڭ بالا - قازادىن ئامان قېلىشىدىكى سەۋەبلەردىن خەۋەردار بولدۇق .
مەلۇم شىركەت خوجايىنىنىڭ ئامان قېلىشىدىكى سەۋەب ، شۇ كۈنى ئۇ ئوغلى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان ئىكەن .
بىر خىزمەتچىنىڭ ھايات قېلىشىدىكى سەۋەب ، شۇ كۈنى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارام ئېلىش ۋاقتىدا يەيدىغان يېمەكلىك سېتىۋېلىش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كېلىپ قالغان ئىكەن .
بىر ئايال قوڭغۇراقلىق سائىتى بۇزۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبلىك ئىشقا كېچىكىپ قالغان ئىكەن .
يەنە بىرەيلەن ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئامان قاپتۇ .
بىر خىزمەتچىنىڭ كىيىمىگە سۈت تۆكۈلۈپ كەتكەچكە ، كىيىم ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن خىزمەتكە كېچىكىپ قالغان ئىكەن .
بىر خىزمەتچىنىڭ ماشىنىسى ئوت ئالمىغانلىقى سەۋەبلىك بالا - قازادىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ .
بىر خىزمەتچى ئىشىكتىن چىقىشىغا تېلىفۇن جىرىڭلىغان ، ئۇ تېلىفۇننى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ كىرگەن ئىكەن .
بىر خىزمەتچىنىڭ بالىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالغان .
يەنە بىر خىزمەتچى شۇ كۈنى يېڭى ئاياغ كىيىپ خىزمەتكە ماڭغانىكەن ، يېرىم يولغا كەلگەندە ئاياغ پۇتىنى غاجاپ كېتىپ ، پۈتىغا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن دورىخانىغا بېرىپ پىلاستېر سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ئامان قاپتۇ .
ھازىر مەن قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ، پويىز كېچىكىپ قېلىش ، لىفتتىن كاشىلا چىقىش ... قاتارلىق ئىشلارغا يولۇققاندا ، ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ : « ھازىر يولۇقۇۋاتقىنىم ، بەلكىم تەقدىرنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇشى مۈمكىن » دەيدىغان بولدۇم .
مەنبە : « تەرمىلەر ژورنىلى »
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |