زادى كىم ئۆزگەردى؟
ئېرى دەيدۇ: خوتۇنۇم ئۆزگۈرۈۋالدى،كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ،بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
خوتۇنى دەيدۇ: ئېرىم ئۆزگۈرۈۋالدى،كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ،ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى يوق،بارغانسېرى ئوغلۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
مۇئەللىم دەيدۇ: ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى،ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى،كىچىكلا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ،دائىم دەرستىن قالىدۇ،ئاندىن ھەدەپ دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا يۈگۈرەيدۇ.
ئوقۇغۇچى دەيدۇ: مۇئەللىملەر ئۆزگىرىپ كەتتى،پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ،دەرسنى چىن كۆڭلىدىن ئۆتمەيدۇ،نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا قالدۇرىدۇ،بىزنىڭ قاتناشماي ئىلاجىمىز يوق،ھېيت-بايراملاردا يەنە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلمىساق بولمايدۇ.
دوختۇر دەيدۇ: بىمارلار ئۆزگەردى،ئۇلارغا تاقابىل تۇرماق تەس بولىۋاتىدۇ.دورىنى كۆپرەك يېزىۋەتسەكلا قۇيۇلۇپ كەتتىم دەيدۇ،كىچىككىنە چاتاق چىقسىلا ئەرز قىلىدۇ.
بىمارلار دەيدۇ: دوختۇرلار ئۆزگەردى،ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئالىيجانابلىقىنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدۇ،ئۇلار ماشىنىغا تايىنىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ،يەنە تېخى قىزىل بولاققا ئامراق.
سودىگەر دەيدۇ: ئىستېمالچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى،بارغانسېرى مالدىن تولا ئېۋەن ئىزدەيدۇ،ھېچنىمىدىن -ھېچنىمە يوقلا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە ئەرز قىلىدۇ.
ئىستېمالچىلار دەيدۇ: سودىگەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى،بارغانسېرى پايدىنىلا كۆزلەيدىغان بۇلۇپ كەتتى،پۇل تېپىش يولىدا ھەر قانداق ۋاستىدىن باش تارتمايدۇ،مېلىغا ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇپ پۇقرالارغا زىيان سالىدۇ.
رەھبەرلەر دەيدۇ: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزگىرىپ كەتتى،ئىشتا ئاكتىپ ئەمەس،ئىلگىرىكىدەك جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغانلار يوق،يەنە تېخى رەھبەرلەرگە يانىدۇ.
خادىملار دەيدۇ: رەھبەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى،ئىگىلىك يارىتىش مەزگىلىدىكى جاپاغا چىداش،تۆۋەندىكىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇش دېگەنلەر تارىخقا ئايلىنىپ قالدى،ھازىر ئۇلار ئاسانلا خاپا بۇلۇپ چېچىلىدىغان ،راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
ئەمەلدارلار دەيدۇ: پۇقرالار ئۆزگىرىپ كەتتى،كىچىككىنە ئىش بولسىلا يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ.ھە دېسىلا بىنادىن ئۆزۈمنى تاشلايمەن دەپ جامائەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ.
پۇقرالار دەيدۇ: ئەمەلدارلار ئۆزگىرىپ كەتتى،پۇقرالارغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ،كۈن بۇيى مەدھىيىلىنىشنىلا بىلىدۇ،ئاتالمىش سىياسى نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىلا قوغلىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا پارا يېيىشىنى ،چىرىكلىشىشنى ،ئاشنا تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ.
مەنبە : جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |