ھەر كىمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆز قولىدا
ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، تاشقى قىياپەت ۋە يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېر ئامىلى ۋە تاشقى قىياپەت ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تىكلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىش زۆرۈر:
.ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن،ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە شۇنداقلا روھىي ھالىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلەردە قانداق تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈش، بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
.لايىقىدا بولۇش كېرەك.
ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، سوغۇق قان ، لايىقىدا بولۇش ، ھەر خىل سورۇنلاردا ئۆزىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۇتۇۋېلىش . چەكسىز خوشاللانغان ۋە قايغۇرغان دەقىقىلەردىمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم.
.ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.
ھەممىگە تەڭ يېپىشىۋالىدىغان ، مۇقىم مەيدانى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ تاللىشىدا كەسكىن ، قەتئىي بولمىغانلار ھەقىقىي زېرەك، ئىرادىلىك ھېسابلانمايدۇ.
.جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالماسلىقى كېرەك.
بىر ئادەمدە چوقۇم ئۆزىگە نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچ ، ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى ۋە ئىستىتىك قاراش بولۇش لازىم . باشقىلار نېمە دىسە شۇنى قارىقويۇق قوبۇل قىلىۋەرمەسلىك ، باشقىلارنىڭ رايىنى ئۆز رايى ئورنىغا قويۇۋالماسلىق كېرەك.
.غايىلىك بولۇش كېرەك.
ئادەتتە ئادەم ئۈچۈن بەزى خام-خىيالنىڭ بولىشى ھېسسىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبئىي ھادىسە، ئەمما خىيالنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانىسى قىلىش ياكى قىلالماسلىق ئىنتايىن مۇھىم . ئۇلۇغ ئىشلارنى نىشان قىلغان كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل ئۆتكەللىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېلەچەككە قاراپ يۈرۈش قىلالايدۇ. شۇڭا، ھاياتتا غايىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
.ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش قابىلىيىتى بولۇش كېرەك.
ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر بەلگىلەش ، ئەھۋالغا قاراپ ئىز كۆرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى. شۇڭا، ئادەمدە ھەل قىلغۇچ پەيىتتە قانداق قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئىقتىدار بولۇش لازىم.
. كەسكىن قەتئىي بولۇش كېرەك.
ھەر قانداق ئىش ھەرىكەتتە كۆز-قاراش ئېنىق، روھىي ھالەت جۇشقۇن بولۇش، ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمەسلىك كېرەك، شۇنداقلا باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
قىسقىسى ، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ ئۆز قولىدا بولىدۇ. بۇنى زېرەك، سەزگۈر كىشىلەرلا تونۇپ يېتەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ يارقىن، گۈزەل ئوبرازىنى تىكلىيەلەيدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |