ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
خاراكتېرى ناچار 100 خىل ئەرلەر


خاراكتېرى ناچار 100 خىل ئەرلەر


 

 دۇنيادا كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان، تەقى تۇرقى قاملاشقان ئەرلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلارنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ يۈرمەكتە. لېكىن ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كىشىلەرنى بىزار قىلىدۇ. مېنىڭچە، ھېچقانداق بىر ئەر كىشى ئۇنداق ئەرلەردىن بولۇشنى خالىمىسا كېرەك. بىراق نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ قاتارغا قوشۇلۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئوسال ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ زادى قانداق ئەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 


 

پەداز قىلىدىغان ئەرلەر.
قاتتىق ئىسسىق كۈنلەردە كىيىم كەيمەي بەدىنىنى ئوچۇق قويىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ قىز دوستى بىلەن بولغان ئىشىق مۇھەببەت ئىشلىرىنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
كەشىنى كىيىمىنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىدىغان ئەرلەر.
بوينىغا زەنجىر ئېسىپ ئۈزۈك سېلىۋالىدىغان ئەرلەر.
جىددىي ئىش چىققاندىمۇ تاكسىغا ئولتۇرۇشقا كۆزى قىيمايدىغان ئەرلەر.
قىز دوستى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشۈپلا قىزنى ئاتا - ئانىسىغا كۆرسىتىدىغان ئەرلەر.
غىزانى قىزلاردەك نازلىنىپ يەيدىغان ئەرلەر.
ئۆي ئىچىدىمۇ قارا كۆزەينەك تاقاپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەر.
چىمچىلاق قولىنىڭ تىرنىقىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالىدىغان ئەرلەر.
بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدىن بېلەت سېتىۋېلىشقا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ قولىدىن بېلەت سېتىۋالىدىغان ئەرلەر.
قىز دوستىنىڭ يېنىغا بارغانلىقىنى دائىم باشقىلارغا دەپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
مۇسكۇلنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى سالامەتلىكى ياخشى ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدىغان ئەرلەر.
مەيدە تۈكلىرىنى كۆرسىتىپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
كاستۇم بۇرۇلكا كىيگەندە ئالدىغا قەغەز تاقىۋالىدىغان ئەرلەر.
كىنو كۆرۈۋېتىپ قىز دوستىغا كىنونىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدىغان ئەرلەر. 
گازىر چېقىشقا بەك ئۇستا ئەرلەر.
ئاياللارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولماي پەقەت بېشىنىلا لىڭشىتىپ قويىدىغان ئەرلەر. 
چوڭ كىچىك ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسىدە ئورۇندۇقنى پاق  پاق قېقىۋېتىپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەر. 
ئاق ئىشتان، ئاق بەتىنگە كىيىدىغان ئەرلەر.
چېچىغا ماي سۈركەپ پارقىرىتىپ يۈرىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىغا يارىمىغان تەرەپلىرىنى يېڭى قىز دوستىغا دەپ بېرىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنى قىزلاردىنمۇ بەكرەك كېلىشكەن دەپ قارايدىغان ئەرلەر.
سورۇنغا قاراپ گەپ قىلمايدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ قىلدەك نەرسىسى باشقىلارغا ئۆتۈپ قالغاندا ئىچى ئېچىشىپ ئولتۇرالماي قالىدىغان ئەرلەر.
ئاپىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئەرلەر.
كوت  كوت ئەرلەر.
ھۆپۈپنى يۇڭدىماي يەيدىغان، ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغايدىغان ئەرلەر.
قىز دوستى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپلا ئۇنى ئىلكىمگە ئۆتتى دەپ قارايدىغان ئەرلەر.
تونۇشماي تۇرۇپلا يانچۇقىدا بەش تەڭگىسىنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ قىزلارغا پۇل خەجلەيدىغان ئەرلەر.
ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن تىلىنى چايناپ گەپ قىلىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنى كېلىشكەن ئەر دەپ چاغلايدىغان ئەرلەر.
تۆشۈكى بار كۆڭلەكنى كىيىۋېلىپ ئۆزىنى گۈزەل دەپ چاغلايدىغان ئەرلەر.
ئېغىز - ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ قىزلارنى زېرىكتۈرۈپ قويىدىغان ئەرلەر.
قىز دوستى بىلەن ئۇچرىشىپلا سۇ ئۈزۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىغان ئەرلەر.
كوچىدا كېتىۋاتقاندا كۆزىنى قىزلاردىن ئۈزمەيدىغان ئەرلەر.
كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتمەي يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
ھەممە ئىشتا ئىتائەتچانلىق بىلەن باشقىلارغا بوي سۇنىدىغان ئەرلەر.
زىيان تارتسىمۇ دېمىنى  ئىچىگە يۇتىدىغان ئەرلەر.
ئاۋاز چىقارماي يول ماڭىدىغان ئەرلەر.
ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قىزلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان ئەرلەر.
ئەجنەبىيلەرنى دوراپ مۈرىسىنى قىسىپ، ئىككى قولىنى خالىغانچە سېلىپ يۈرۈيدىغان زەيپانە ئەرلەر.
ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازى تىترەپ چىقىدىغان ئەرلەر.
قىزلارغا كۆڭۈل بۆلگەندە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەرلەر.
پاكىزە نەرسىلەردىنمۇ قۇسۇر چىقىرىدىغان ئەرلەر.
قەھۋەنى قوشۇقتا ئىچىدىغان ئەرلەر.
يېنىدىكى قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى مەقسەتلىك ئاشكارىلايدىغان ئەرلەر.
چېقىمچى ئەرلەر.
پەقەت قىزلارنىڭ ئالدىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى بەتخەجلىك قىلىدىغان ئەرلەر.
ئاغزىنى توسۇپ قىزلارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ گەپ قىلىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ تاماكا چېكىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغان، ئەمما باشقا قىزلارغا تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئەرلەر.
كۆزى قىزلارنىڭ كۆزىدىنمۇ چوڭ ئەرلەر.
ئېغىز - ئېغىزغا تەگمەي ئۆزى ئۇچراتمىغان قىزلارنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئەرلەر.
ياشقا كىرگىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئەرلەر. 
يولدىن ئۆتكەندە قىزلارنى قۇچاقلىۋالىدىغان ئەرلەر.
قەستەن بىچارە ھالغا كىرىۋالىدىغان ئەرلەر.
قىزلارنىڭ ئالدىدا مال ساتقۇچى بىلەن باھا تالىشىدىغان ئەرلەر.
پۇل چىقىرىشتا ھەمىشە قىزلاردىن كېيىن چىقىرىدىغان پىششىق ئەرلەر.
بېشىدىن كېپەك تۆكۈلىدىغان، بولۇپمۇ كېپەك چاچ مېيىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئەرلەر.
پات - پات يۇيۇنمايدىغان، بەدىنى تەر پۇراپ تۇرسا، ئۇنى ئۆزىدىن ئەرلىك ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ئەرلەر.
بۇرنىدىكى تۈكچىلەر سىرتقا چىقىپ قالسىمۇ كېسىۋەتمەيدىغان ئەرلەر.
قىز دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ بولغاندىن كېيىن بولغان ئىشلارنى داۋراڭ سالىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ &t;ھېلىقى< تەرەپلەردىن دائىم بىشارەت بېرىدىغان ۋە ئۇنى ماختايدىغان ئەرلەر.
سەرلەپ مىسقاللاپ ھېسابلىشىدىغان، بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن ھېسابلىشىدىغان ئەرلەر.
ئېغىزى ۋە پۇتى پۇرايدىغان ئەرلەر.
جەلىپ قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، غەرەزلىك ھالدا داۋاملىق ياش قىزلارنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئەرلەر.
جىنسىي پاراكەندىچىلىك ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئەرلەر.
قىزلارنى بىر قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلىپلا باشقىلارغا مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشتىم دەپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
 ھەمىشە ئېغىزدىلا مەن ئاياللارنى چۈشىنىمەن دەيدىغان ئەرلەر.
زورلۇق زومبۇلۇق قىلىدىغان، بولۇپمۇ ئاياللارنى ئۇرىدىغان ئەرلەر.
قىزلارغا گەپ قىلغاندا، ھەمىشە مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىرتقى قىياپىتىڭىزگە قارىمايمەن دەيدىغان ئەرلەر.
قورسىقىدا بىلىمىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما دائىم ماختىنىپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
ساپاسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئالىيجاناپ دەپ كۆرسىتىدىغان ئەرلەر.
گېپى تۈگىگەندىن كېيىنمۇ جاۋغىيىدا كۆپۈك تۇرۇپ قالىدىغان ئەرلەر.
سىرتتا قالايمىقان ئويناپ كىرىپ ئايالىنى باشقىلارغا دېمەسلىككە ۋەدە بېرىشكە قىستايدىغان ئەرلەر.
بالىسى سوئال سورىغاندا ھەمىشە ماڭ، ئاپاڭدىن سورا دەيدىغان ئەرلەر.
تىرنىقى قاپقارا تۇرىدىغان ئەرلەر.
ھە دېگەندىلا ئاياللار تەرەپتىن ھاقارەتلىنىدىغان ئەرلەر.
قىزلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ھە دەپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەر.
ئاياللارنى ئەرلەردىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ئەرلەر. 
گەپنى ئەگىتىپ بىر ئېغىز گەپنى ئۈچ ئېغىز قىلىپ دەيدىغان ئەرلەر.
چىش ئارىلىقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېلىۋەتمەي يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
كۆزلىرىدىكى چاپاق بىلەنلا سىرتقا چىقىدىغان ئەرلەر.
كىچىككىنە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھەممە ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان ئەرلەر. 
ئۆزىنىڭ ھېچقانچە پۇلىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دائىم رېستۇرانلاردا تاماق يەيدىغان ئەرلەر.
ئالدى بىلەن قىز تەرەپنىڭ جەمەتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپ، ئاندىن قىز قوغلىشىدىغان ئەرلەر.
قىز دوست بىلەن ئۇچراشقاندا قىز كېچىكىپ قېلىپ ئەپۇ سورىغاندا، ئەپۇ سورىشىڭىز ھەقلىق دەيدىغان ئەرلەر.
نەرسە يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى  سۈرتۈۋەتمەي ئىككى كالپۇكىنى مايلاشتۇرۇپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر;
شالاپشىتىپ تاماق يەيدىغان ۋە ئېغىزىدىن تاماق چۈشۈرمەيدىغان ئەرلەر.
ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ۋە قىمار ئوينايدىغان ئەرلەر.
تورتخانىدا مايدا پۇشۇرۇلغان، قەلەمچىلەنگەن تاتلىق ياڭيۇنى بىر قېتىمدىلا تۇتاملاپ يەۋىتىدىغان ئەرلەر.
مايدا پۇشۇرۇلغان تۇخۇمنى يىگەندىن كېيىن بارمىقىنىڭ ھەممىنى يالاپ چىقىدىغان ئەرلەر.
خىزمەت ئورنىدىمۇ قىسقا ئىشتان كىيىپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
قىزلارغا ئوخشاش كىيىم كىيىدىغان، يەنى ناھايىتى نېپىز، سۈزۈك رەختلەردىن كۆڭلەك كىيىدىغان ئەرلەر.
كۆڭلىكىنىڭ ئۈچ تۈگمىسىنىلا ئېتىپ مەيدىسىنى ئېچىپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر.
بوينىغا گالىستۇك تاقاپ، پۇتىغا لاتا كەش كىيىدىغان ئەرلەر.
ئىشخانىدا خۇشامەت قىلىدىغان، ئۆيگە كەلگەندە ئايالىنى تىللاپ ئۇرىدىغان ئەرلەر.
ئۆزىنىڭ نەتىجە قازانغالىقىنى، يەنى مۇكاپاتلانغانلىقىنى، ئەمەلىي ئۆسكەنلىكىنى، پۇل تاپقانلىقىنى كۈندە نەچچە قېتىم دەيدىغان ئەرلەر.
خالىغان يەرگە تۈكۈرۈپ، خالىغان يەرگە تاماكا قالدۇقىنى تاشلايدىغان ئەرلەر.
باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ نەرسىسىدەك ئالىدىغان ئەرلەر.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203