ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزچاق بىرسىگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ

 
قىزچاق بىرسىگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ


 

 شۇنداقمۇ قىزلار بار، ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا بارلىقىنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىدە، كۆڭلىدە، ھەتتا چۈشىدە پەقەت ياخشى كۆرگەن ئادىمىلا بولىدۇ، ئۆزىنى بولسا پۈتۈنلەي ئۇنتۇيدۇ. ئەمما ئاخىرىدا رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلگەندە ئۆزىنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭا بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا بارلىقىڭىزنى بېغىشلىماڭ ياكى بارلىقىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىمەڭ؛
 چۈنكى بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بېغىشلىۋەتسىڭىز، سىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز بولالماي قالىسىز، ھەممە ئىشتا ئۇ سىزنىڭ بۇرنىڭىزدىن يېتىلەپ ماڭىدۇ، سىز خۇددى سىھىرلەنگەندەك ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىسىز، ئاخىرقى ھېسابتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىدىن، ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان خۇشاللىقتىن ئايرىلىسىز، سىز ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىسىز، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا پۈتۈن دۇنيانى پەقەت ئۆزىڭىز دەپ ھېس قىلىسىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا بولسا پۈتۈن دۇنيانى پەقەت ئۇ دەپ ھېس قىلىسىز.
چۈنكى بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بېغىشلىۋەتسىڭىز، سىز ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا يول قويىسىز، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرىسىز، نەتىجىدە ئۇ بارا-بارا بۇنداق يول قويۇشقا كۆنۈپ قالىدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزگە سەل قارايدۇ. ھەتتا سىزدىن بىزار بولىدۇ، سىزنى ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى يوق دەپ قارايدۇ، سىزنى كەمسىتىشكە، سىزگە سەل قاراشقا، سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا باشلايدۇ.
 بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بېغىشلىۋەتسىڭىز سىز بىر تال شامغا ئوخشاپ قالىسىز، ھىچنېمىگە قارىماستىن ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە ئازراق ئىسسىقلىق ۋە نۇرغا ئېرىشىسىز، ئەمما سىز كۆيۈپ تۈگىگەندە بولسا سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز قالمىغان بولىدۇ. قارشى تەرەپ بولسا بىر قول چىراق، ئۇ توختىماي باتارىيە ئالماشتۇرۇپ مەڭگۈ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
 بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بېغىشلىۋەتسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، سىزنى شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ، نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنىڭمۇ سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ. چۈنكى سىز ئۇنى شۇنداق ئۈگۈتۈپ قويغان. ھەرگىزمۇ مەن ئۇنى پۈتۈن دىلىم بىلەن سۆيگەن ئىكەنمەن، ئۇمۇ مىنى پۈتۈن دىلى بىلەن سۆيىدۇ دەپ ئويلىماڭ؛ چۈنكى مۇھەببەتنىڭ قائىدىسى يوق، كۆپىنچە ھاللاردا مۇھەببەت بەكمۇ ئادالەتسىز بولىدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن بىرنى ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇغان ھالدا ياخشى كۆرمەڭ؛ بارلىقىنى قارشى تەرەپكە بېرەلەيدىغان مۇھەببەت پەقەت كىتابلاردىلا تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى جەمئىيەت بولسا بارلىقىنى بىر ئادەمگە بېغىشلىۋەتكەنلەرنى تازا قارشى ئالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق بوشلۇق بىرىڭ، ئۆزىڭىزگىمۇ ئازراق بوشلۇق قويۇپ قويۇڭ؛ پەرۋانىنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرىشى بىزنى ناھايىتى تەسىرلەندۇرسىمۇ، ئەمما پەرۋانە ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولغاندىن كىيىن يەنە ئەسلىگە قايتالامدۇ؟ ئەگەر سىز شۇنىڭغا ئوخشاش ھالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىز ۋاقتى كەلگەندە ھېچنېمىگە ئەرزىمىسە سىز بۇ رەھىمسىز رىئاللىققا يۈزلىنەلەمسىز؟
شۇڭا بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز بارلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئاتىۋەتمەڭ؟ ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنىمۇ بىلىڭ؛


 

مەنبە : مەجنۇنيار تور خاتىرىسى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203