ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئايالىنى تەسىرلەندۈرگەن قوپال سۆز


ئايالىنى تەسىرلەندۈرگەن قوپال سۆز


 

ئەپەندى ئويغاندا سائەت دىن ئاشقان ئىدى . ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن كاللىسى ۋاڭشىپ ئاغرىپ ،گاللىرى قۇرۇپ كەتكەن ئەپەندى كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى كارۋات بېشىغا قويۇلغان يوغان ئىستاكاندىكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بولدى . ئەپەندى ئىستاكاندىكى سۇنى بىر تىنىقتا ئىچىۋېتىپ رازىمەنلىك بىلەن "ئۇف" دەۋەتتى ."ھەجەپ جايىغا باردى بۇ سۇ " .چاڭقى قانغان ئەپەندى شۇندىلا ئىستاكان قويۇلغان جايدا بىر باغاقچە بارلىقىنى بايقىدى .باغاقچىنى ئايالى قالدۇرغان ئىدى .
 «مەن سەي ئالغىلى چىقىپ كەتتىم ، ئەتىگەنلىك تاماققا ئوخشۇتۇپ سۇيۇقئاش قىلدىم ،كىيىملىرىڭىزنى دەزماللاپ قويدۇم ...... سىز سۆيۈپ »
   ئەپەندى كارۋات ئۈستىدىكى قاتۇرۇپ دەزماللىنىپ چىرايلىق قاتلانغان كىيىملەرگە قارىغىنىچە كاسسىسىنى قاشلاپ بىردەم ئولتۇردى .
 _ نىمە ئىش بۇ ؟ ئەزەلدىن ئۆيگە غەرق مەس كەلسەم نەچچە كۈن خوتۇننىڭ چىرايى ئېچىلمايتتى ،بۈگۈن باشقىچىغۇ ؟؟؟
ئەپەندى قانچە ئويلاپمۇ ئاخشام ئۆيگە كېلىپ خوتۇنىنى ئالاھىدە خوش قىلىۋەتكۈدەك بىرەر ئىش قىلغىنىنى ئەسلىيەلمىدى . پەقەت ئۆيگە ئارانلا كېلىۋالغانلىغى ،ئۆيدىكى قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئۆرۈۋەتكەنلىگىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلىدى ....
 ئەپەندى كىيىنىپ ياتاق ئۆيدىن چىققىنىدا ئوغلى يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ئىدى .
 _  ئوغلۇم مەن ئاخشام سائەت نەچچىلەردە قايتىپ كەلدىم ؟
 _  يېرىم كېچىدە .. پۈتكۈل بىنانى بېشىڭغا كىيىپ ناخشا توۋلاپ قايتىپ كەلدىڭ .
 _ شۇنداقمۇ ،نىمە سەتچىلىك بۇ ئەمدى .....ھېي . ئۆيگە كىرىپ جىم ئۇخلاپ قالدىممۇ ؟؟؟
 _  نەدە جىم ئۇخلايتتىڭ ،ئۆيگە كىرىپ ئىككى تەشتەك گۈلنى چاقتىڭ ،تېلېفون ئۈستىلىنى ئۆرۈۋەتتىڭ، _ دىدى ئوغلى بىر خىل نارازى كەيپىياتتا ، _  تېخى مېنى ئويغاتتىڭ ،تازىلىق ئۆيىنى قۇسۇق بىلەن بۇلغۇدۇڭ .
ئەپەندى تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدى :
 _ ئەمىسە ئاپاڭ ..... ئۆيلەر پاك - پاكىز تازىلىنىپ قاپتىغۇ ؟؟؟
 _ ھە ئاپامنىڭ مۇئامىلىسىنى دەمسەن ،ئاپام ئاخشام شۇنداق خاپا بولغان ،سەن قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن سېنى تارتىپ ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ قۇسۇق كىيىملىرىڭنى سالدۇرماقچى بولغان ئىدى سەن «مەندىن يىراق تۇر پاسكىنا ،مەن دىگەن توي قىلغان ،ئايالى بار ئەر »دىگەن ئىدىڭ.


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203