ئۆملۈك
بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرىدىن سوراپتۇ :
__ جاھاندا نېمە ئۈچۈن قويلار توپ-توپ بولۇپ يۈرەلەيدۇ ،ئەمما ئىتلار ئۇنداق ئەمەس ؟
ۋەزىرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىقراق بىرى پادىشقا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن ،پادىشاھقا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسىتىپتۇ . قاش قارايغان مەزگىلدە ،ۋەزىر پادىشاھنى ئىككى ئۆينىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكەپتۇ ۋە بىر ئۆيگە قوينى سولاپ ، باغلام ئوت -چۆپ تاشلاپ بېرىپتۇ .يەنە بىر ئۆيگە بولسا ئىتنى سولاپ ، كىلوگرام گۆش تاشلاپ بېرىپتۇ .
ئەتىسى ،ۋەزىر پادىشاھنى ھېلىقى ئىككى ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ،ئۆي ئىچىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ . قارىغۇدەك بولسا ،قويلار بىخەرامان سوزۇلۇپ يېتىشقان ،ئوت-چۆپلەرمۇ يەپ تۈگىتىلگەن . ئىت بار ئۆيدىكى ئەھۋالنى كۆرۇپ ،پادىشاھ ھاڭ-تاڭ قاپتۇ . چۈنكى ،ئىتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلەر ھالاتكە كېلىپ قالغان بولۇپ ، بويۇنلىرى ۋە بۇرۇنلىرى قان يۇقى تۇراتتى . ئەمما ،گۆش ئەسلىي پېتىچە تۇراتتى . پادىشاھ دەرھال بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ .
ۋەزىر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ :
__ قويلار ئوت- چۆپنى كۆرگەندە ، ئۆملۈك بىلەن بىللە يەيدۇ . ئەمما ،ئىتلار گۆشنى كۆرگەندە ،ھەممىسىنى ئۆزۈم يېسەم بولاتتى ،دەپ ئۆزئارا چىشلەشكەن .يەنى ، مەنپەئەتكە كەلگەندە ،ئىتلار ھەرگىز بولدى قىلىشمايدۇ .شۇڭا ،جاھاندا قويلار توپ-توپ بولۇپ يۈرەلىگىنى بىلەن ،ئىتلار توپ-توپ بولۇپ يۈرەلمەيدۇ ،__ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
ئىبرەت: ئىتتىپاقلىق ئۆملۈك جىمى ئىشنىڭ ئاساسى . ئۆملۈك بولمىسا ، ئۇلۇغۋار ،كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۈشكۈلدۇر .شۇڭا ، ئىتتىپاقلىق ،ئۆملۈك ، ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم .
مەنبە : شىنجاڭ مائارىپى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |