ئاياللار كۆپ دەيدىغان 15 يالغان سۆز
.سىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم ھەرگىزمۇ باي بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمەس.
(بەلكى نام -ئابرويى ئۈچۈن بولسا كېرەك).
.مېنى شۇنداق يەرلەرگە بارغۇسى بار دەمسىز،شۇ دوستۇم زورلاپ تۇرىۋالغاچقىلا باردىم.
(خۇددى ئەلەر بىلمەيدىغاندەك-ھە).
.توۋا،سىز تاماق ئەتسىڭىز ئەجەپ ئوخشايدىكىنا
(ئۇستاتلىقىنى قاراڭلار...)
.بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلاتتىڭلار؟دەپ بېرىڭە ئاچچىقلانمايمەن...
(ئايال كىشى مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ كۈنلەشنى توختاتمايدۇ،بۇ گەپكە ئىشەنگەنلەر ساراڭ).
.دوسىتلىرىم بۇ كېيىمنى كەيسەڭ بەك يارىشىدىكەن ،دېدى.
(ۋاي باش،ئالغۇسى بولسا ئۇدۇللا دەۋەرسە بولمىدىمۇ).
.كونا ئەر-خۇتۇنلاردىن بوپ قالدۇق،يەنە نېمە بايراملىق سوۋغات بېرەتتىڭىز؟
(سوۋغات بەرمەي باقچۇ قېنى؟).
.پۇل يىتىشمىسە، مەن ئىشلىسەممۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ
(ھازىر سېنى مەن بېقىۋاتىمەن ؟)
.مېنىڭچە مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن.
(سېنى قەتئى ياخشى كۆرمەيمەن)
.ئەمەلىيەتتە سىز ناھايىتى ياخشى ئادەم.
(باشقىلارغا بېرىپ كۆرسەت ياخشىلىقىڭنى)
.سىز راسىتىنلا بەك ياخشى ئادەم،راسىت دەۋاتىمەن...
(ئەجەپ بىزار قىلدى،ئوھوش)
.ھازىرچە تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلاشقۇم يوق.
(ماڭە نېرى،سەن ماڭا تەلەپ قويىۋاتامسەن)
.ماڭا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ بولامدۇ؟
(كۆلگە غاز،قىزغا ناز كېرەك شۇنىمۇ بىلمەمدىكى)
.شارائىتىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
(ئەمما مەن ئويلىغاندەك ئەمەس)
.سىز بەك ئوماق جۇمۇ
(بالىلاردەكلا،ئالداشقا ئاسان...)
.نىمىگە ئالدىرايسىز،ئاۋال دوسىت بولۇپ ئۆتۈپ باقايلى.
(مەنمۇ شۇ پۇرسەتتە سەندىن ياخشىراقى بارمۇ قاراپ باقاي)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |