ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
«ئەگەر» سۆزىدىن ۋاز كېچىڭ


«ئەگەر» سۆزىدىن ۋاز كېچىڭ


 

  تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ دائىم «ئەگەر» سۆزىنى ئىشلىتىپ، شارائىتىنى تەسۋىرلىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز:
«ئەگەر ئەينى چاغدا بۇ كەسىپنى تاللىمىغان بولسام، ئاللىقاچان بېيىپ كېتەتتىم»؛
«ئەگەر مەن ئەينى چاغدا ئۆي- زېمىن كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغان بولسام، بالدۇرلا مىليونېرغا ئايلىناتتىم»؛
 «ئەگەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىم بولغان بولسا، ھازىرغىچە دوكتور، ئالىم بولۇپ...»...
«ئەگەر» سۆزى ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە كەسپىدىن قانائەت ھېس قىلمايۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا قانائەت تاپقۇزىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا «ئەگەر» سۆزىگە ئاشىق بولۇپ قالغانلار ئاز ئەمەس.
  بىر مەشھۇر كىشى ئۆزىنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق بىر جۈملە ئويدۇرغانىكەن: «ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەشھۇر شەخسلەرگە ئايلانغان بولاتتى.»


 

مۇنداق بىر ھېكايە بار:
  بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر تەڭگىسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن يىغلاپ ئولتۇرغانىكەن، ئاقكۆڭۈل كىشى ئۇنىڭغا: «بالام يىغلىما، مەن ساڭا بىر تەڭگە بېرەي» دەپ ئۇنىڭ قۇلىغا بىر تەڭگە تۇتقۇزۇپتۇ. بالا تەڭگىنى ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ يىغلاپ كېتىپتۇ، ئاقكۆڭۈل كىشى ئەجەبلىنىپ، «نېمىشقا يەنە يىغلاۋېرىسەن؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ بالا: «ئەگەر مېنىڭ ھېلىقى تەڭگەم سۇغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا، ھازىر تەڭگەم بولغان بولاتتى» دەپتۇ. پايچىك ھېلىقى بالىغا دەپتۇ: «سېنىڭ تەڭگەڭ ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر مەن بالدۇرراق ھەركەتلەنگەن بولسام، يۈەن زىيان تارتمىغان بولاتتىم». خوجايىن پايچېكقا دەپتۇ:  «ئۈچ مىڭ يۈەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر مەن بىپەرۋالىق قىلمىغان بولسام، سەكسەن مىڭ يۈەنلىك سودىدىن قۇرۇق قالمىغان بولاتتىم». بېل گەيتىس خوجايىنغا دەپتۇ: « سەكسەن مىڭ  يۈەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر مەن خاتالىقنى ئازايتالىغان بولسام، مىليون دوللارلىق زىياننى ئاز تارتاتتىم »». ناپولېئون بېل گەيتىسقا دەپتۇ: «مىليون دوللار ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر  مەن تەدبىر بەلگىلەشتە كەتكۈزۈپ قويمىغان بولسام، ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىدا ھەرگىز مەغلۇپ بولمىغان بولاتتىم». گىتلېرنىڭ ئانىسى ناپالىئونغا دەپتۇ: «ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر مەن ئەينى چاغدا ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى نەسىھىتىنى ئاڭلىمىغان بولسام، - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىمىغان بولاتتى»... ... ...


 

  ئۆمۈر -  ئاتقان ئوق، يوقاتقان ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دۇنيادا «ئەگەر» سۆزىنى ئىشلىتىشكە ئامراق كىشىلەر قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ، «ئەگەر» پەقەت گۈزەل چۈشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ. «ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزگە پۇشايمان، چۈشكۈنلۈك ۋە ئەپسۇسلۇق ئېلىپ كېلىدۇ؛ «ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزنى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىڭىزدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ «ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزنى خىيال دۇنياسىغا چۆكتۈرۈپ، رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


 

«ئەگەر»دىن ۋاز كېچىڭ، ھازىرنى قەدىرلەڭ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ


 

 


 

مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203