ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە توسالغۇ بولىدىغان ئىللەتلەر


باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە توسالغۇ بولىدىغان ئىللەتلەر


 

.شەخسىيەتچىلىك .
 بۇ خىلدىكى كىشىلەر نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىدىن باشقىسىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ ، بۇنداق كىشىلەردە قۇربان بېرىش روھى بولمايدۇ .


 

.ئەركىنلىكنى زىيادە تەشەببۇس قىلىش .
بۇ خىلدىكى كىشىلەر باشقىلار بىلەن يېقىنلاشسا ، ئەركىنلىكىم بوغۇلۇپ قالىدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا ، ھەمىشە باشقىلاردىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرۈيدۇ .


 

.زىيادە مېھرىبانلىق .
 بۇ خىلدىكى ئادەملەر گەرچە مېھرىبان بولغان بىلەن ، ئەمما ئىنچىكە ئەمەس . ئۇلار يات جىنستىكىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى خالىسىمۇ ، ئەمما يېقىن ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىدۇ .


 

.قۇربان بېرىش روھى زىيادە كۈچلۈك بولۇش .
 بۇ خىل ھالەت ئاياللاردا كۆپرەك بولۇپ ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ . دەل مۇشۇ قۇربان بېرىش روھى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى دوستلۇقنى يوق قىلىدۇ .


 

. كەسپچانلىقى زىيادە كۈچلۈك بولۇش .
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە دوستانە مۇناسىۋەتكە سەل قارايدۇ ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدۇ .


 

. زىيادە تايىنىۋېلىش .
 بۇ خىلدىكى كىشىلەر دائىم باشقىلارغا تايىنىۋېلىپ ، باشقىلارنى بىزار قىلىدۇ .


 

. قۇربان بېرىشتىن قورقۇش .
بۇ خىلدىكى كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارايدۇ . بۇ خىل ھالەت ئادەمنى قارشى تەرەپتىن پۇتاق چىقىرىدىغان قىلىپ قويىدۇ .


 

. ئىشەنچنى يوقۇتۇش .
 بۇ خىلدىكى كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىپ ، ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرۈپ ، قارشى تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى ھېيىقىدۇ .


 

. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش .
 بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەممە نەرسىدىن ۋە ھەممە ئادەمدىن ئېھتىيات قىلىدۇ .


 

. پۇلنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش .
بۇ خىلدىكى كىشىلەر پۇلنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ، پەقەت پۇلنىلا تونۇيدۇ ھەمدە ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەپ قاراپ ، ئۇلاردىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىدۇ .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203