ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىش
ئەر ياشتىن ئاشتى،بىراق ئۇ توي قىلمىدى،شارائىتى ناچارمۇ ئەمەس،ئۆزىمۇ خېلى قاملاشقان. پەقەت شۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىدىغان بىرەر قىز ئۇچرىمىدى خالاس.
بىر كۈنى ئەر مەلۇم بىر ژورنال تارقىتىش ئورنىغا ئىش بېجىرگىلى باردى،باش مۇھەررىرنى ساقلاپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ دىققىتىنى بىر قىز تارتتى، ئىللىق قۇياش نۇرى قىزنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ تۇراتتى، قىزنىڭ قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرغان چاچلىرى قىزنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.شۇ پەيتتە ،ئەر يۈرىكىنىڭ رىتىمسىز سوقۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، قىزدىكى ناھايىتى سۇس ئەمما كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان نازۇكلۇق ئەرنى جەلىپ قىلغان ئىدى.
باش مۇھەررىر بىلەن قىلىدىغان ئىشى تۈگىگەندىن كىيىن ، ئەر يۈزىنى قىزارتىپ تۇرۇپ قىزدىن تېلېفۇن نومۇرىنى سوراپ ئالدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار تونۇشۇپ قالدى ، مۇناسىۋىتىمۇ خېلى يېقىنلاشتى ، ئۇلار مۇھەببەتلەشتى. ئەر ئويلايتتى: تەڭرىم ماڭا شۇنداق سېخىلىق قىلدى، مۇشۇنداق مۇلايىم ھەم لاتاپەتلىك بىر قىزنى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىپ بەردى . قىزمۇ ئويلايتتى: مەن نىمىدىگەن بەختلىك ئادەم دېڭىزىدىن شۇنداق بىر چىقىپ مېنى شۇنچە قەدىرلەپ ،سۈيۈپ،ئەتىۋارلاپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمگە ئوخشاشلا مەڭگۈلۈك بولۇپ قېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇلار توي قىلدى،تويدىن كېيىنمۇ ئۇلار يەنىلا تويدىن بۇرۇنقىدەك قول تۇتۇشۇپ دېڭىز بويىغا بېرىپ قۇياشنىڭ چىقىشىدىن ھۇزۇرلىناتتى، ئاي نۇرىدا ئولتۇرۇپ پىچىرلىشىپ پاراڭلىشاتتى. ئۇلارنى تونۇيدىغان ھەر بىر كىشى ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارايتتى.ئەر بىلەن ئايال ئەشۇ مۇھەببەتنىڭ شىرىن تەمىدىن ھۇزۇرلىنىپ قانمايتتى.
بەلكىم ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ بەختلىك قىلغان تەڭرىنىڭ ئۇلارغا ھەسەت قىلغۇسى كېلىپ قالدىمۇ ،ئەيتاۋۇر بىر كۈنى ئەر ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئىشقا كېتىپ بارغاندا ، پۇت-قولى تۇيۇقسىز ئۇيۇشۇپ قېلىپ پەقەت ماغدۇر قالمىدى، ئالدى تەرەپتىن بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى كەلدى، ئەر پۈتۈن بەدىنىدىكى كۈچىنى يىغىپ بىر چوڭ تىراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
ئەر ماشنىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ ماشىنىدىن چۈشتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى قارا تەر بېسىپ كەتكەن ئىدى ، خېلى ئۇزاق ئارام ئالغاندىن كىيىن ئەر ماغدۇرىغا كەلدى ، پۇت-قوللىرىمۇ ئۇيۇشۇپ قېلىشتىن قالدى.
شۇندىن كىيىنكى كۈنلەردە ئەر پات-پات شۇنداق بولۇپ تۇردى، ئەر ئايالىدىن يوشۇرۇن خىزمەتدىشى بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. دوختۇر ئۇنىڭغا: «بەلكىم سىز بىر خىل ئېغىر تىپتىكى مۇسكۇلدا ماغدۇر قېچىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپسىز» دېدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، ئۇ بىلىدۇ، بۇخىل كېسەللىكنىڭ بىرخىل داۋاسىز كىسەل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ كىچىك چېغىدا ئۇنىڭ بىر قوشنىسى مۇشۇنداق كىسەل بولۇپ قېلىپ شەھەرمۇ-شەھەر چېپىپ يۈرۈپمۇ داۋا تاپالمىغان، مال دۇنياسى داۋاسىز كېسەلنى داۋالىتىشقىلا سەرپ بولغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭغان ئىدى. ئەر دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا ساق ئىككى سائەت ئولتۇردى، ئايالى تېلېفۇن قىلىپ ئىزدىگەندىلا ئاندىن ئېسىگە كېلىپ ئۆيىگە قايتتى.
ئۇ ناھايىتى چىداملىق بىر ئەر ئىدى، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ ئايالىغا: «مەن ئەتە كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم» دېدى. ئايالى ئېرىنىڭ دائىم سىرتلارغا تۇيۇقسىز كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچ ئۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى.
كەچتە ئەر ئايالىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئايالىدىن: «ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاپ نېمە ؟»دەپ سورىدى،«ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىدىن ئايرىلىپ كېتىش» ئايالى جاۋاپ بەردى. ئەرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى،ئۇ يەنە ئايالدىن:«ئۇنداقتا بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك بولغىنى نېمە ئىش؟»دەپ سورىدى.«ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۈتۈش، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېرىنىڭ قولىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاش»دەپ جاۋاپ بەردى ئايالى.ئەر ئاڭلىغاندىن كىيىن كۆز ياشلىرى ئۈن-تىنسىز ئېقىپ چۈشتى. ئەر يەنە سورىدى:«ئۇنداقتا بىر ئەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاپ بىلەن ئەڭ چوڭ بەختىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن ؟»دەپ سورىدى. ئايال بېشىنى چايقىدى،ئەر ئالدىرىماي:«ۋەتەن خەلق ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بىرەلىگەندىن باشقا، بىر ئەرنىڭ ئەڭ زور بەختى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى بەختلىك قىلىش؛ ئەڭ زور ئازابى بولسا ئۆزىنىڭ سۆيگەن ئادىمىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش»ئايال گاڭگىراپ قالدى، «مەن بىر ئەرنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ھەم ئازابىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن. مەن پەقەت سېنىڭ مەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە بولۇشىڭنىلا ئويلايمەن» ئەر جىمىپ كەتتى،«بىلسەڭ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەزىدە ئايرىلىپ كېتىشمۇ باشقىچە بىر خىل بەخت» دىدى.
ئىككىنچى كۈنى ئەر كاماندۇرۇپكىغا ماڭدى،ئەر ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن شامالدا تېخىچە ئۆزىگە قول پۇلاڭشىتىپ تۇرغان ئايالىنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باقماي ئېقىپ چۈشتى.
بىر ئايدىن كىيىن ئەر قايتىپ كەلدى، چىرايلىق بىر ئايالنى باشلاپ كەلدى،ئايالى سەل ئەجەبلىنىپ قالغان بولسىمۇ «سېنىڭ خىزمەتدىشىڭمۇ؟»دەپ سورىدى. ئەر ئايالىنىڭ ئەجەپلىنىش قاپلىغان چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ :«ياق، مېنىڭ سىرتتىكى ئايالىم بولىدۇ »دېدى. ئايالنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، كۆزى ياشقا تولدى،ئەرنىڭ باغرى سۇ بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۇنداق ئەمەس دىگۈسى بار بىراق يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن« بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى» دېدى.
ئايال كىيىم كىچەكلىرىنى يىغىشتۇردى، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا، بىر قۇتا ئاشقازان دورىسىنى قولىغا ئېلىپ :«ئاشقازىنىڭنىڭ دەردى بار، ئىچىشنى ئۇنتۇلۇپ قالما ». ئەرنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى،بېشىنى باشقا ياققا بۇرىۋالدى.ئايال يىغلاپ تۇرۇپ:«بىر ئاي بۇرۇن ئاغزىدىن چۈشۈرمەي سېنى سۆيىمەن دىگەن ئادەمنىڭ بۇنچە تىز ئۆزگىرىپ كېتىشنى ئويلىماپتىكەنمەن»دېدى.
ئايال ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندە ئەرنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي ئېقىپ چۈشتى،ئارقىدىنلا ئەر ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلىدى.ھېلىقى ئايال ئۇنىڭغا قولياغلىقنى سۇنۇپ:«ئۇنى قوغلاپ چىققىن، ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتقىن »دېدى. ئەر بېشىنى چايقىدى.
ئۈچ ئايدىن كىيىن ئەر ئاجرىشىش كىلشىمنامىسىگە قول قويدى،بۇ چاغدا ئۇنىڭ كېسىلى شۇنچە ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ پەقەت دورا بىلەنلا ئۆرە تۇراتتى.ئاغرىق ھەر قېتىم قوزغىغاندا ،ئەر دوزاخ ئازابى تارتقاندەك قىينىلىپ كېتەتتى.ھېلىقى چىرايلىق ئايال،ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل سېسترا،ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ:« بۇنچە ئازاپ تارتقۇچە ئايالىڭغا ھەممىنى ئېيتساڭ بولمامدۇ؟» دېدى. ئەر:«ئۇنىڭ ھەممە بىساتىنى سېتىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن دېگىنىدىن،مېنىڭ جىمجىت كەتكىنىم ياخشى،ئۇنىڭغا چۇڭقۇر سېغىنىشلىق ئازاپنى قالدۇرۇپ كەتكىنىمدىن ئۇ بالدۇرراق ئازاپ مەنبەسىدىن يىراقلاشقىنى ياخشى».
ئەر كارىۋاتتا تۈگۈلۈپ ئاغرىق ئازابىنى تارتماقتا...ئازاپتا تولغىنىپ ئايالىنىڭ ئسمىنى چاقىرماقتا. سېسترا ئەردىن يەنە قانداق ئۆتۈنۈشىنىڭ بارلىقىنى سورىغاندا ئەر ئايالىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. سېسترا ئۇنىڭ ئايالىنى ئىزدەپ تاپالمىدى، ئايال بۇ شەھەردىن ئاللىقاچان ئايرىلغان ئىدى.
يىلدىن كىيىن ئايال ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۆزىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىرى بىلەن توي قىلدى.يەنە بالىلىقمۇ بولدى.ئۇ كاماندۇرۇپكىغا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھېلىقى شەھەرگە يەنە كەلدى، ئۇ بۇ قېتىم ئون يىل بۇرۇن ئەرنىڭ ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سوغۇقلۇق بىلەن تاشلىۋەتمەكچى بولغىنىنى ئېنىق بىلىش مەقسىتىدە كەلگەن ئىدى.ئايال ھېلىقى سېسترانى ئىزدەپ تاپتى،سېسترا ھېچ نەرسە دىمەي ئايالنى قەبرىستانلىققا باشلاپ باردى،قەبرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«ئۇ ھازىر مۇشۇ يەردە،مەن بىر دوختۇر، ئۇنىڭ كېسىلىگە مەسئۇل دوختۇر،ئىرىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ ساقايمايدىغانلىقىنى ئوبدانلا بىلگەچكە سېنىمۇ تەڭ ئازاپ قوينىغا باشلاپ كىرىشنى خالىمىدى،سېنىڭ ئۇنى دەپ كىيىنلىكىڭىنى تاشلاپ قۇيىشىڭدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى،شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنىڭ ئۆينىڭ -شەخسسى بولۇپ قالدىم »دېدى.
ئايال قەبرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى مەيلىگە قۇيۇپ بەردى،ئۇ ھەممىنى چۈشەندى،ئېرىنىڭ ئەينى چاغدا:«بىلسەڭ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەزىدە ئايرىلىپ كېتىشمۇ باشقىچە بىر خىل بەخت»دىگىنىنى چۇڭقۇر چۈشەندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |