ھەقىقىي ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟
ھەقىقىي ھېسسىيات ،باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە مۇھتاج بولۇپ ،قارشى تەرەپ ۋە ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ئۇنىڭغا كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ خالاس.
ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھەببەت يولىدا ،باشلىنىش بولمىسا ئاخىرلىشىشمۇ بولمايدۇ .مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن قىزچاق ،يۈرەكلىرى تىترىگەن ھالدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلامسىراپ تۇرۇپ،«مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دىيىشنى ،باشقىلار ئاڭلىيالمايدۇ ھەم كۆرەلمەيدۇ .ئۇنىڭ تەسىرلەندۈرمەكچى بولغان نىشانى غۇۋا بولۇپ،ئۆزىنىڭ كۆزيېشى بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدۇ،خالاس .بۇ ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى ،باشقىلارغا دىمەي ئۆزىڭىز بىلسىڭىزلا بولدى.بۇنداق ئۇلۇغ تۇيغۇ،ھېسسىياتتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە ئىرادە ھەم مۇكەممەل روھ بولىشى لازىم.بۇنى سىز باشقىلار ئاڭلىمايدۇ ھەم كۆرەلمەيدۇ دېسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتى بەلكىم ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.شۇڭلاشقا ئۆزىڭىز چۈشىنىشكە مۇھتاج بولغان ،قارشى تەرەپ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولمىغان ،سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلكىلىك تۇيۇلغان نەرسە ھېسسىياتتىن ئىبارەت.
بىر كۆرۈش بىلەنلا بىر -بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ قارىشى،ھېسسىي تۇيغۇلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.بۇنداق ھېسسىيات پەقەت ئۆزىگە -ئۆزى تەسەللىي بېرىشتىن ئىبارەت .مەسىلەن : سىز دەريا بويىغا بېرىپ سۇغا تاش ئاتقان ۋاقتىڭىزدا ،سۇدىن چىققان ئاۋازدىن كۆڭلىڭىز ئازراق تەشۋېشلىنىشى مۇمكىن .بۇنداق جىمجىتلىقتا ئۆزىڭىزدىن گۇمانلىنىپ،مەن سۇغا نىمە ئاتتىم؟ تاشمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ ؟ دېگەن سوئاللار كېلىشى مۇمكىن .ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغاندا ،ئارتىسلارنىڭ «مېنى ئالدىدىڭ،ھېسىياتىمنى نابۇت قىلدىڭ » دېگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا كۈلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن .بۇ پەقەت سىزدىكى ھېسسىياتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۆزىڭىزدىكى يېتىلمىگەن ھېسسىياتنى باشقىلارغا تاڭىمەن دېيىشىڭىز پۈتۈنلەي خام خىيالدىن ئىبارەت .ھېسسىياتنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك ؟ئۆزىڭىزگە ۋە قارشى تەرەپكە كۆرسەتكەن تەسىرى قانچىلىك ؟بۇنى پەقەت ئۆزىڭىزلا چۈشىنەلەيسىز .بۇ پەقەت غەيرىي خىيالدىن ئىبارەت.
مەنبە : ھاياتلىق ژونىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |