كىشىلىك ھاياتتىكى 11 چوڭ ئىش
.بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ،ئەمما ئۇ سېنى ياخشى كۆرمىسە،بۇ قاتتىق ئازاب.ئەمما بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ ئازاب.
.ساڭا نىسبەتەن نۇرغۇن ئادەمدەك بىلىنگەن بىر ئادەمنى ئۇچرىتىشىڭ ھاياتىڭدىكى ئەڭ قايغۇلۇق ئىش،ئەمما سەن ئۇنى كىيىن بايقايسەن،بۇ چاغدا سەن ئارقاڭغا يېنىشقا ئامالسىز،پەقەت تەغدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولىسەن.
.ئەڭ يېقىن دوستۇڭ سىلەر ئايۋاندا ئولتۇرغاندا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ،ئەمما سىلەر ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى قىزغىن سۆزلەشكىنىڭلارنى ھېس قىلىسەن.
.بىز ھەقىقەتەن بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا،ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆزىمىزدە بولغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بەزى ئىشلارغا يولۇققاندا،خاتا ئۆتكۈزۋەتتۇقمۇ-يوق دىققەت قىلدۇقمۇ؟
.بىر مىنۇتتا بىر ئادەمگە يولۇقىسەن،بىر سائەتتە بىر ئادەمنى ياقتۇرۇپ قالىسەن،بىر كۈندە بىر ئادەمگە كۈيۈپ قالىسەن.ئەمما بىر ئادەمنى ئۇنتۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلىسەن.
.تاشقى گۈزەللىكنى قوغلاشما،ئۇ ئادەم ئالدايدۇ.بايلىقنى قوغلاشما،ئۇ تۈگەيدۇ.سېنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئادەمنى قوغلاش،چۈنكى كۈلكە ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشاش قاراڭغۇ كۈنۈڭنى پاللىدە يورۇتىدۇ.
.ئۆزەڭنىڭ خىيالىنى سۈرىۋەر،بارماقچى بولغان يېرىڭگە بېرىۋەر،قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىلىۋەر.چۈنكى ھايات بىر قېتىملا كېلىدۇ،پۇرسەت قايتا كەلمەيدۇ.
.مەڭگۈ باشقا ئاياغنى كىيىپ بېقىشقا ئىنتىل،ئەگەر سەن كىيگەن ئاياغ پۇتۇڭنى قىستىسا،باشقىلارنىڭمۇ پۇتىنى قىستىشى مۇمكىن. ,
.غەرەرسىز ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆز جىدەل-ماجرانى ئۇلغايتىۋىتىشى مۇمكىن،قاباھەتلىك بىر ئېغىز سۆز ھاياتنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.دانالىق بىلەن ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆز جاراھەتنى داۋالاپ،باشقىلارغا بەخت تىلىشى مۇمكىن.
.ئەڭ خوشال ئادەم ھەممە نەرسىسى تەل بولغان ئادەم بولماستىن،بەلكى ئۆزىدە بار بولغان نەرسىدىن تۇلۇق پايدىلانغان ئادەمدۇر.
.مۇھەببەت تەبەسسۇم بىلەن باشلىنىپ،سۆيۈش بىلەن يىتىلىپ،كۆز يېشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.سەن تۇغۇلغاندا يىغلايسەن،ئەتراپىڭدىكىلەر كۈلىدۇ.ھاياتىڭ ئاخىرلىشىپ،ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا،سەن كۈلىسەن ئەتراپىڭدىكىلەر يىغلايدۇ.
بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدە، كىشىلىك ھاياتىمىزدا بىز بىلىشكە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ.
لېكىن بەزەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزىللىرنى بىلىمىز، قىلىمىز، يەنە بەزىللىرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ قانداق ئادەم ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلسا بولىدۇ؟ دۇنيادا غېمى يوق، دەردى يوق ئادەممۇ بارمىدۇ؟|
بۇ سۆزلەرنى قەلب خاتىرەڭگە ئوبدان پۈتۈپ،تۇرمۇشتا ئازراق ئىلھامغا مۇھتاج بولغىنىڭدا ئېلىپ قارا.ھايات قىممەتلىك.ۋاقتىڭنى ئېقىن سۇدەك بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمە. كىشلىك ھايات-ھەممىدىن قىممەت
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |