قىزلار كۆز يېشى قىلماڭلار
مەن سىزگە :<< بۈگۇن كارىدور پەلەمپەيلىرنى سۈپۈرۋىتىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم &t;&t;دىدىم . سىزنى ماڭا تەسەللى بېرىپ :<< قەدىرلىگىم ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ &t;&t;دەيدىغۇ ، دەپ ئويلىغان ئېدىم ، ئەمما سىز :<< ئالدىرماي سۇپەرسىڭىز بولمامتى &t;&t;دىدىڭىز .
مەن بەكلا ئازاپلاندىم ، يۇشۇرۇنچە يىغلىدىم ، سىزنى مىنى ئازىراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن ، مەن بىلەن كارى يوقكەن دەپ ئويلىدىم .
لىكىن شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ كارىدورنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پاكىز بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، مىنىڭ قايتا سۇپۇرشۇمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بايقاپ قالدىم .
ئەسلىدە بۇ سىزنىڭ ھەر كۈنى مىنۇت ۋاقىت چىقىرشىڭىزنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
********************
مەن سىزگە :<< مىنىڭ ۋىلىسپىتىم بۇزۇلۇپ قالدى ، مەن بۇگۇ ن يېرىم سائەت پىيادە مىڭىپ ئاپتوبوس بىكەتكە ئاران يىتىپ كىلەلىدىم &t;&t; دىدىم ، ئەسلىدە سىزنى ماڭا كۆيۇنگەن ھالدا :<< نىمىشقا تاكسى بىلەن كەلمىدىڭىز ؟ ھېرىدىڭىزمۇ ؟&t;&t;دەيدىغۇ ، دەپ ئويلىغان ئېدىم ، ئەمما سىز :<< يىقىنلا يەرغۇ ، پىيادە ماڭسىڭىز ئورۇقلايسىز &t;&t; دىدىڭىز .
مەن ئاچچىقلاندىم ، يەنە يىغلىدىم . سىزنى مىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن ،ماڭا كۆيۈنمەيدىكەن ،دەپ قىياس قىلدىم .
ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە بولسا ئۇستەل ئۈستىدە تۇرغان سىزنىڭ ۋەلىسپىتىڭىزنىڭ ئاچقۇچىنى ، ھەمدە سىزنىڭ مەن ئۇچۇن تەييارلاپ قويغان ناشتىلىقىڭىزنى كۆردۇم .
*******************
مەن سىزگە :<< مىنىڭ ئامىرىكا ، شىۋىتسارىيەلەرگە برىپ گۈزەل مەنزىرلەرنى تاماشا قىلغۇم بار &t;&t;دىدىم . سىزنى :<<خۇدا بۇيرىسا مەن سىزنى چوقۇم شۇ جايلارغا ئاپىرىپ كىلىمەن .&t;&t; دەيدىغۇ ، دەپ ئويلىسام ، سىز :<< بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ شۇنداق مەنىسىز ئىشنىمۇ قىلامدۇ - كىشى &t;&t; دىدىڭىز.
مەن يەنە يىغلىدىم ، لىكىن كىيىنچە مەن ئۆيىمىزدە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلار رەسىم توپلاملىرىنىڭ كۆپلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ، بەزى رەسىملەر ئۈستىدە سىزنىڭ قۇيۇپ قويغان بەلگىلىرڭىزنى كۆرۈپ قالدىم .
*******************
مەن سىزگە :<< دوستۇم بىلەن سىرىتقا چىقماقچى ئىدىم ، كەچ قىلىشىم مۇمكىن &t;&t;دىدىم . سىزنى :<< تىلفون بىرىشنى ئۇنتىماڭ ، ئامال بار تېزىرەك قايتىپ كىلىڭ &t;&t; دەيدىغۇ ، دەپ ئويلىغان . ئەمما سىز بىپەرۋالىق بىلەن :<< ئىختىيارىڭىز ، كۆڭۈللۈك ئويناڭ &t;&t; دىدىڭىز .
مەن رەنجىگەن ھالدا يىشىمنى سۈرتكەچ چىقىپ كەتتىم ، ئەمما كەچ سائەت بىردە قايتىپ كەلگىنىمدە بولسا ، سىزنىڭ كېرىسلودا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كۆردۈم .
********************
مەن سىزگە :<< مەن سىزگە ياتلىق بولالىغىنىمدىن ئۆزەمنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن &t;&t; دىدىم . سىزنى :<< مەنمۇ شۇنداق &t;&t; دەيدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما سىز :<< تىگىشنى تىگىپ بولدىڭىز ، ئەمدى بۇلارنى دەپ نىمە قىلىسىز &t;&t; دىدىڭىز .
مەن ھۇجۇرا ئۆيىمىزگە بىكىنىۋىلىپ يىغلىدىم .
كىيىن تاساددىبىيلا سىزنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن لۆڭگە بىلەن كارۋىتىمىز نىڭ باش تەرىپىگە ئېسىلغان تويلۇق سۈرتىمىزنى پۇتۇن مىھرىڭىز بىلەن سۇرتىۋاتقانلىقىڭىزنى ، ھەمدە رەسىمگە ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم .
*********************
مەن ئاخىرى چۈشەندىم . سىز دە كۆرۈنۈشكە ئىتىبار بەرمىگەندەك قىلغان بىلەن ، سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ، مىنى ھەقىقىي سۆيىدىغان يۈرەك بار ئىكەن .سىز مىنى سۆيىدىكەنسىز ، ئەمما ئىغىزىڭىزدا ئىپادىلىمەيدىكەنسىز.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |