ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەگەر مەندە بىر مىليون دوللار بولسا ..

 


 

ئەگەر مەندە بىر مىليون دوللار بولسا ..
 


 

     گانسولۇس ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا، مائارىپ تۈزۈلمىمىزدىكى نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىغان. ئۇ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسا ئاشۇ يېتەرسىزلىكلەرنى چوقۇم تۈزىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
      شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنۋېرسىتېت قۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن. بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتى. بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليون دوللار كېتەتتى. بۇ پۇلنى قەيەردىن تېپىش كېرەك؟ بۇ سۇئال ئىرادىلىك ياش گانسولۇسنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغانىدى.
      ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ خىيال بىلەن ئۇخلاپ قالاتتى. ئەتىگەن ئويغانسىمۇ ئاشۇ خىيال بىلەن ئويغىناتتى. ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن، ئاشۇ خىيال ئۇنىڭدىن بىردەممۇ نېرى بولمايتتى . ئۇ ئاشۇ خيالنى توختىماي ئويلانغان بولغاچقا، بۇ خىيال ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بىردىنبىر <<خىيال&t;&t; غا ئايلانغان.
        ئىلىم ئەھلى ۋە باستېر بولغان گانسولۇس باشقا مۇۋاپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە ئوخشاش، <<ئېنىق نىشان&t;&t; مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، دەپ قارايتتى. شۇنداقلا نىشانغا ئۇنى روياپقا چىقىرىدىغان كۈچلۈك ئارزۇ تايانچ بولغاندا، نىشاننىڭ ئېنىقلىقى، قىزغىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچ پەيدا قىلىدۇ ، دەپ قارايتتى.
        بۇ قائىدىلەرنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى، بىراق بىر مىليون دوللارنى قانداق تېپىشنى ياكى قەيەردىن تېپىشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا كىشىلەر بولغان بولسا، ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن بولاتتى ۋە <<ھەي بولدىلا، خىيالىم ياخشى، بىراق كارغا كەلمەيدۇ، چۈنكى مەن كېرەكلىك بىر مىليون دوللارنى مەڭگۈ تاپالمايمەن&t;&t; دېگەن بولاتتى. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق دېيىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. بىراق گانسولۇ س دوكتور ئۇنداق دېمەيدۇ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا، تۆۋەندە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاڭ:
      <<بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ پۇلنى قانداق تېپىشنى ئويلاۋاتاتتىم. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى مەن مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاپ كەلگەن. بىراق مەن ئويلىغاندىن باشقا، ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانىدىم.
ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى  شۇ چاغدا مەن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر مىليون دوللارغا ئېرىشىش نىيىتىگە كەلدىم. بىراق بۇ پۇلغا قانداق ئېرىشىشنى تېخىچە بىلمەيتتىم. مۇھىمى شۇكى، مەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىشكە بەل باغلىغانىدىم. مەن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىشكە بەل باغلىغان شۇ پەيتتە ۋۇجودۇمدا كۈچلۈك بىر ئىشەنچ پەيدا بولدى. مەندە ئەزەلدىن بۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغانىدى. كۆڭلۈمدە بىرسى ماڭا: <نېمىشقا بالدۇرراق مۇشۇنداق قارارغا كەلمىگەن بولغىيدىڭ؟ ئۇ پۇل سېنى ساقلاۋاتىدۇ &t; دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىشلار ناھايىتى تېزلا يۈز بەردى. مەن بىر گېزىتخانىغا تېلفۇن بېرىپ ئەتە سەھەردە <ئەگەر مەندە بىر مىليون دوللار بولغان بولسا قانداق قىلاتتىم؟&t; دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن دەرھال بۇ نۇتۇققا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. بىراق راستىنى ئېيتسام بۇ نۇتۇقنى تەييارلاش مەن ئۈچۈن تەس ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەن بۇ نۇتۇققا ئىككى يىلچە تەييارلىق قىلغانىدىم. شۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن نۇتۇقنى بالدۇرلا يېزىپ بولۇپ، ئىشەنچ بىلەن ئۇخلاپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ بىر مىليون دوللارغا ئېرىشكەنلىكىمنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. ئەتىسى مەن بالدۇرلا تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ، نۇتۇقنى ئوقۇدۇم ۋە خۇدادىن بۇ نۇتۇقۇمنىڭ ماڭا ئاشۇ پۇلنى بېرەلەيدىغان بىرسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنى تىلىدىم.
     دۇئا -تىلاۋەت قىلغان چېغىمدا ئاشۇ پۇلغا جەزمەن ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچ يەنە پەيدا بولدى. مەن ھاياجانلانغىنىمدىن نۇتۇق ئارگىنالىنى ئالمايلا چىقىپ كېتىپتىمەن. مەن مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلەي دېگەندە ، ئاندىن نۇتۇق ئارگىنالىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى.
     بۇ چاغدا نۇتۇق ئارگىنالىنى ئەكىلىشكە ئاللىقاچان كېچىككەنىدىم. بىراق بۇمۇ مەن ئۈچۈن خۇدانىڭ بىر شاپائىتى بولدى. نۇتۇق ئارگىنالى بولمىغاچقا، يوشۇرۇن ئېڭىم ماڭا كېرەكلىك ماتىرياللارنى يەتكۈزۈپ بەردى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆز ئارزۇيۇمنى سۆزلىدىم. مەن بۇنى پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا ئەمەس، خۇداغىمۇ سۆزلەۋاتاتتىم. مەن ئۇلارغا بىر مىليون دوللار پۇلۇم بولسا ئارزويۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن ئۇلارغا ياخشى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش توغرىسىدىكى پىلانلىرىمىنى سۆزلەپ بەردىم.
      نۇتۇقنى سۆزلەپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇمغا، كەينىدىن ساناپ ئۈچىنچى رەتتىكى بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ ئادەم نېمە قىلماقچىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ مۇنبەرگە يېقىن كەلدى ۋە قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ: <باستېر، نۇتۇقىڭىزنى ياقتۇردۇم، ئىشىنىمەنكى سىزدە بىر مىليون دوللار بولسا، بايا دېگەنلىرىڭىزنى چوقۇم قىلالايسىز. سىزگە ۋە نۇتۇقىڭىزغا ئىشەنگەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئەتە ئەتىگەن ئىشخانامغا بارسىڭىز، مەن سىزگە بىر مىليون بېرىمەن. مىنىڭ ئىسمىم فىللىپ، ئارمور&t;دېدى&t;&t; .
     ياش گانسولۇس شۇنداق قىلىپ ئارمور ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، بىر مىليون دوللارغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ پۇلغا ئارمور تېخنىكا ئىنىستىتوتىنى، يەنى ھازىرقى داڭلىق ئىللىنوئىس شتاتلىق تېخنىكا ئىنىستىتوتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.  ئۇ ھېلىقى بىر مىليون دوللارغا ئوي خىيالى ئارقىلىق ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ ئوي -خىيالىنى بولسا قەلبىدىكى ئىككى يىلچە يالقۇنجىغان ئارزۇ ۋۇجۇدقا چىقاردى.
     شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئۇ نىشانغا يىتىشكە بەل باغلاپ ۋە نىشانغا يەتكۈزىدىغان پىلاننى تۈزۈپ، سائەتكە بارمايلا، بىر مىليون دوللارغا ئېرىشتى.
      ياش گانسولۇسنىڭ بىر مىليون دوللارغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئوي-خىيالىنىڭ ۋە ئاجىز ئۈمىدىنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇدەك يېرى ياكى ئالاھىدە يېرى يوق. گانسولۇستىن ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە كىيىن ئۆتكەن نۇرغۇن كىشىلەردىمۇ ئاشۇنداق ئوي خىياللار بولغان. بىراق، گانسولۇسنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئاشۇ شەنبە كۈنى مۇجمەل ۋە ئېنىق بولمىغان ئوي-خىيالىنى كونكېرىتلاشتۇرغان ۋە ئېنىق قىلىپ:<< مەن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر مىليون دولارغا ئېرىشىمەن &t;&t; دېگەن.
      گانسولۇسنىڭ بىر مىليون دوللارغا ئېرىشىشتە قوللانغان پرىنسىپى ھېلىھەم مەۋجۇت سىزمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايسىز بۇ پرىنسىپ ھازىرمۇ ياش گانسولۇس ئۇنىڭدىن پايدىلانغان چاغدىكىدەكلا كارغا كېلىدۇ.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203