ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ياش ئەر-خوتۇننىڭ ئوخشاش بىر كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرىسى


ياش ئەر-خوتۇننىڭ ئوخشاش بىر كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرىسى


 


ئايالنىڭ خاتىرىسى:


 

   تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئۇ ناھايىتى غەلىتىلا بولۇپ قالدى. يولدىشىم بىلەن قاينام رېستۇرانىدا بىللە كەچلىك تاماق يېمەكچى بولۇپ دېيىشىپ قويغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، چۈشتىن كېيىن ئالىيە بىلەن نەنمىندە بازار ئايلىنىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن رېستۇرانغا كېچىكىپ قالدىم، ئۇ شۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇ ماڭا پىسەنتمۇ قىلمىدى، تۇرقى شۇنداق بىچارە بولۇپ كېتىپتۇ. مەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقايلى دېسەم ئۇ قوشۇلدى ئەمما يەنە ھېچنېمە دېمىدى. مەن ‹‹سىزگە زادى نېمە بولدى؟ ماڭا خاپىلىدىڭىزمۇ يا؟ ›› دېسەم ئۇ ‹‹سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس، كارىڭ بولمىسۇن›› دېدى. ئۆيگە كېتىۋېتىپ ‹‹ سىزنى سۆيىمەن›› دېسەم، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، خۇددى ئاڭلىمىغاندەك پەرۋاسىز ھالدا كېتىۋەردى. پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم، ئۇ نېمىشقا بۇرۇنقىدەك ‹‹مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن›› دېمەيدىغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ مەن بىلەن قەتئىي كارى بولمىدى، مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپلا قالدى. ئۇ تېلېۋىزور ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچتى، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. بىردەمدىن كېيىن مەن يېتىپ قالدىم، يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇمۇ كارۋاتقا تاشلاندى، ماڭا ھېچنېمە دېمىدى، ياخشى چۈش كۆرۈڭ دەپ سۆيۈپمۇ قويمىدى، ئۇنىڭ خىيالىدا باشقا بىر ئىش باردەك قىلاتتى، ئېنىقراقى باشقا بىر قىز بار ئوخشايدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانراق بىر پاراڭلىشىپ باقمىسام بولمىغۇدەك. مەن ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ ئۇنسىز ياش تۆكتۈم، يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئۇ چوقۇم سىرتتا باشقا بىرسى بىلەن چىقىشىۋاپتۇ.ئاھ، خۇدا، بۇ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى..........


 

 


 

 


 


ئەرنىڭ خاتىرىسى:


 

ئىتالىيە ئەجەپ ئۇتتۇرىۋەتتى دېسە............

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203