ئوغلۇم ، ئېسىڭدە بولسۇن
. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلاردىن رەنجىپ كەتمە ، ھاياتتا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇريىتى يوق . ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشلەرگە مىنەتدارلىقىڭنى بىلدۈرگىن ، ئۇلارنى قەدىرلە ھەم ئىھتىيات قىل . چۈنكى ئادەم قىلغان ھەر قانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولدۇ . ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ھەمىسى سېنى ھەققى ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن ، قارشى تەرەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە .
. ئايرىلىپ قالسا قەتئىي بولمايدىغان ، ئادەم ئېرىشمىسە قەتئىي بولمايدىغان نەرسە بولمايدۇ . بۇ نوقتىنى چۈشۈنۈپ يەتسەڭ ، كەلگۈسىدە ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭ سېنى تاشلاپ كەتكەندە ياكى ئەڭ ياخشى كۆردىغان نەرسىلىرىڭدىن ئايرىلغاندا ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيسەن .
. ھاياتلىق ناھايتى قىسقا بولىدۇ ، بۈگۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتسەڭ ، ئەتىلا ھاياتلىقنىڭ سەندىن يىراقلاشقانلىقىنى ھېس قىلسەن . شۇڭا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇشنى تىلەپ ئولتۇرماي ، ھازىردىن باشلاپ ھاياتلىقنى قەدىرلە ، ھەر بىر كۈنىڭدىن بەھىرى ئال.
. گەرچە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەنلەر بولسىمۇ ، ئەمما بۇ تەربىيە كۆرمىسىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . سەن ئۈگەنگەن بىلىم ، خۇددى سىنىڭ قۇرالىڭغا ئوخشايدۇ . ئادەمدە قۇرال بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ.
. مەن قېرىغاندا سېنىڭ بېقىشىڭنى تەلەپ قىلمايمەن ، ئوخشاشلا ، سېنى قاتارغا قېتىپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ مەجبۇريىتىممۇ ئادا بولغان بولىدۇ. شۇڭا سەن كېيىنكى ئۆمرۈڭدە ماڭا تاينىۋالماي ، مۇستەقىل ياشىشىڭ كېرەك . قانداق ياشاش ئۆزەڭگە باغلىق .
. سەن چوقۇم لەۋزىدە تۇردىغان ئادەم بولغىن ، ئەمما باشقىلارغا ۋەدەڭگە ۋاپا قىل ، دەپ تەلەپ قىلما . ئوزەڭ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىل ، باشقىلاردىن ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلما . سەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭدا باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا ئازاپلىنىپ كەتمە ، چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ .
. مەن نەچچە يىلدىن بۇيان لاتارىيە بىلىتى ئېلىۋاتىمەن ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ مۇكاپاتقا ئېرشىپ باقمىدىم . بۇ دەل باي بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش لازىملىقىنى، « ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش » دەپ ئولتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
.قېرىنداشلىق - ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ ، شۇڭا قېرىنداشلىق مېھرىنى قەدىرلەش كېرەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |