ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئازاپتىن ئازات بولاي دىسىڭىز


ئازاپتىن ئازات بولاي دىسىڭىز


 

بىر يىگىت دانىشمەندىن سوراپتۇ:
_ئاتا-ئانامدىن كىچىك قىلىپ ، يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغانىدىم. چوڭ بولۇپ تۇرمۇشۇم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ ، يەنىلا ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. بۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بارمۇ؟
دانىشمەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ، ئىككى خالتا تۇز ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ . يىگىت دانىشمەننىڭ سۆزى بويىچە ئىككى خالتا تۇز ئېلىپ كەپتۇ. دانىشمەن بىر چىنە سۇنى تەييارلاپ بىر خالتا تۇزنى چىنىدىكى سۇغا تۆكۈپ ھېلىقى يىگىتكە سۇنى ئىچكۈزۈپتۇ . قالغان بىر خالتا تۇزنى بىر كۆلگە تۆكۈپ كۆلدىكى سۇدىنمۇ ئىچكۈزۈپتۇ، ئاندىن:
_ ئازاپ خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ ، سەن ئۇنى سىغىمچانلىقى كىچىك نەرسىگە سالساڭ ، ئەلۋەتتە ئاچچىق تېتىيدۇ ، چوڭ كۆلگە سالساڭ ، خۇددى دەرياغا تالقان چالغانغا ئوخشاش ئىش. ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭۈلنى كەڭ تۇتۇش كېرەك،-دەپتۇ .
ئىنسان ھاياتتا تۈرلۈك-تۈمەن قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ھاياتلىقنىڭ ئاسمىنى دائىم ئوچۇق بولىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ تۈتەكلىك، قار-شىۋىرغانلىق كۈنلىرىمۇ بولىدۇ. كىم بىلسۇن تەقدىرنىڭ يەلكىنى ئوڭ كەلگەن ئامەت شامىلى بىلەن بەكمۇ ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كېتىۋاتقان بىر چاغدا شىددەتلىك بوران -چاپقۇنغا دۇچ كېلىپ ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
ئازاپنى ئويلىغانسېرى «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك، ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشۇلۇپ ئادەمگە زەربە بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئازاپنى يۈك قىلىۋالماي، كۆڭلىمىزنى كەڭ تۇتساق، ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرمۇش يەنىلا بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ، ئىللىق قۇچىقىنى ئاچىدۇ.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203