ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تۇغۇلغان ئايغا قاراپ خاراكتىرىنى بىلىش


تۇغۇلغان ئايغا قاراپ خاراكتىرىنى بىلىش


 

‏- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى ‏:
ھاكاۋۇر ، سوغۇققا چىداملىق . قەيسەر مەردانە ، خۇش پېئىل كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى:
تەبىئىي ئەقىللىق ، چېچەن كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە . ئىقتىسادىي چىڭ ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:
بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ . لېكىن ھەقىقى چىن دىلدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەمەس .
ئاجىزلىقى:
ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇر بولغاچقا باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ


 

‏ - ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
ئاق كۆڭۈل سەمىمىي بولۇپ ، لېكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولىدۇ . ئەخلاق پەزىلىتى -قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە ، ئۆز ئابرۇيىنى ھاياتتەك قىممەت بىلىدۇ . كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ .
مۇھەببەت كەلگۈسى:
كۆپ كىشىلەر بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئويلايدۇ ، بىراق سەمىمىي نىيەتتە بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز ، مۇھەببەتتىن كىيىن ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ . ئەمما ئاخىردا يەنىلا بەختكە ئېرىشىدۇ .
ئاجىزلىقى:
ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ . ھەسەتخۇرلىقى ، ئابرويپەرەسلىكى كۈچلۈك .


 

- ئاي :
‏‏‏‏مىجەز ئالاھىدىلىكى:
مۇلايىم ، ئاقكۆڭۈل ، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىدە ياخشى ، ئاددىي - ساددا ، بىلىمى بار . كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى :
مول بىلىملىك ، تەدبىرلىگى ئېنىق كېلىدۇ . تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە ، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە ،يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ھەمراغا ئېرىشىدۇ ، لېكىن ناھەقچىلىككە ئۇچرايدۇ .
ئاجىزلىقى :
غەيرىتى كەمچىل ،مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى:
تۈز كۆڭۈل ، سۆزگە ماھىر ، لىرىك ھىسسىياتقا ئىگە ، خىيالچان ، ئىجات قىلىش قابىلىيتىگە ئىگە كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى:
غايىلىك ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان كېلىدۇ.
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:
مۇھەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ ، لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ . تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ .
ئاجىزلىقى:
كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى:
ئىنتايىن ھېسسىياتچان بولۇپ ، ھاياجانلىنىدىغان ، روشەن كۆز قاراشقا ئىگە ، باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە ماھىر .
ئەخلاق پەزىلىتى:
ئەدەبىيات _سەنئەت بىلىمگە ئىگە بولۇپ ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق . غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارىتالايدۇ .
مۇھەببەت كەلگۈسى:
ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ . لېكىن ھېسسىياتى مۇقىم ئەمەس ، كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ .
ئاجىزلىقى:
ئالدىراڭغۇ ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
شوخ ئىنتىلىشچان خاراكتېرگە ئىگە ، ئوچۇق يورۇق ، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى:
مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئامراق . ئىنتايىن كەسكىن ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:
مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ بەختلىك ئائىلە قۇرالايدۇ ، ئەمما چاكىنا كىشىلەرنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ .
ئاجىزلىقى:
ھېسسىياتى تۇراقسىز ، ئىشلارغا بىردەم قىزىپ ، بىردەم سوۋۇپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى:
مەردانە كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ، مۇستەقىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك ئېغىر بېسىق .
ئەخلاق پەزىلىتى :
ئاددىي _ساددا ،ئوچۇق قول ئىش باشقۇرۇش قابىلىيتىگە ئىگە ، ئەمگەككە چىداملىق .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
بۇ خىل كىشىلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ ، بىرلا ھەمرا بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ ، ھەمدە دەرت ئەلەمگە ھەمدەم بولۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ .
ئاجىزلىقى :
ئالدىراڭغۇ ، قىلغان ئىشى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
ئەقىللىقلىقى كۆزدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان ، تالانتلىق ،چاققان كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى :
سەمىمىي پاك كىشىلەرگە ئامراق ، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قورساق ، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
لايىق قوغلاشمايدۇ ، كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ .
ئاجىزلىقى :
تەرسا ،ئاداۋەت ساقلاش ئىددىيسىگە ئىگە، دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
جۇشقۇن مىجەزگە ئىگە ، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان ، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ
ئەخلاق پەزىلىتى ، سەمىمىي كەمتەر ئېھتىياتچان ، يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ ، لېكىن نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ .
ئاجىزلىقى :
شەخسىيەتچى .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
دائىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغان ، جەسۇر ۋە سېخى . باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى :
توغرا ئىستىللىق ، نازاكەتلىك ۋاپادار ، ئاسانلىقچە ئادەم ئالدىمايدىغان كېلىدۇ .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
ھاكاۋۇر بولغاچقا ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ .
ئاجىزلىقى:
باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەپ ئويلاپ ، تولا ئالدىنىپ قالىدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
زېھنى ئۆتكۈر قابىلىيەتلىك ، پايدا زىيان بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى:
مەسئۇلىيەتچان ، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىجاتكارلىققا ئىگە .
مۇھەببەت كەلگۈسى :
بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ ، تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ .
ئاجىزلىقى:
جاپاغا چىدىمايدۇ ، ئاجىز كېلىدۇ .


 

- ئاي :
مىجەز ئالاھىدىلىكى :
قەيسەر ، غەيرەتلىك ، باي تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان ، مەغلۇبىيەتنى يىڭەلەيدىغان كېلىدۇ .
ئەخلاق پەزىلىتى :
تۈز كۆڭۈل ، خۇشخۇي ، ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ .
مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى :
مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ . لېكىن غەيرەت قىلسىلا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ .
ئاجىزلىقى:
نەزىرى ئۈستۈن .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203