ھاياتنىڭ قېلىپى يوق
ئۆمەرجان سىدىق
ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم كىشىلىك تۇرمۇش سەپىرىدە يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ ، ئالاقە قىلىدۇ . ئاقىللاردىن ، ھەر خىل كىتاب - دەستۇرلاردىن قانداق ياشاش ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئۈگۈت ، تەۋسىيىلەرنى ئاڭلايدۇ. ئازاب - ئوقۇبەتكە يولۇققاندا ھەر خىل تەسەللىيلەرگە ، ئازابلارنى قانداق تاشلىۋېتىش ، قانداق ھايات كەچۈرۈش ھەققىدىكى ئەقىل ، مەسلىھەتلەرگە ئېرىشىدۇ . ئەلۋەتتە دۇنيا مۇشۇنداق قىزغىنلىقى ، مېھرىبانلىقى ، ياخشى نىيەتلىك ئىنسانلىرى بىلەن گۈزەلدۇر.
نىھايەت بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى ، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ ، دۇنيادىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئوپئوخشاش ھايات كەچۈرمىشى بولۇشى ناتايىن . ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تاللىغان ياشاش شەكلى ، تۇرمۇش يولى بولىدۇ ، شۇڭا باشقىلارنىڭ نەسىھەت ، ئۆرنەكلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇكى ، شۇلارغا ئوخشاش ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك ياشىماقچى بولسىىز خاتالاشقان بولىسىز ، تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنى يۈكلىۋالىسىز .
ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر سىزگە : « ئازابلارنى ئۆزەڭگە روھىي يۈك قىلىۋالما، دادىل كەينىڭگە تاشلىۋېتىپ، خۇشال - خورام ياشا » دەپ تەسەللىي بېرىشىدۇ ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى . لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ ئەگەر ئازابلارنى راستىنلا بوپىغا ئوخشاش كەينىگە تاشلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولسا ، يۈرەكتىكى دەرتنى تاملاردىكى بېزەڭ ئېلانلارنى قىرىۋەتكەندەك قىرىپ چىقىرىۋەتكىلى بولسا ، بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى - ھە؟ ۋەھالەنكى ، بۇ ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ، ئەمەلىيەتتە ئادەم مۇشۇنداق ئازاب ۋە خوشاللىقنى تەڭ ھېس قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەنلا باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ . دۇنيا ئازاب ۋە خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا جەلپكار بولىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇ . شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ، ئازابلىنىپ يۈرمەڭ ، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ ، سىزگە ئىش ئۆگىتىۋاتقان ، ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەرت - ئېسەلىرى بولىدۇ . پەقەت ھاياتقا ، تۇرمۇشقا ، ئازابقا دادىل يۈزلىنىڭ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ . مەغلۇبىيەت ، ئازاب - ئوقۇبەت ، جۇدالىق دېگەنلەر ھەر قانداق كىشى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر جەرياندۇر ، بۇ جەريان سىزنى تاۋلايدۇ ، چېنىقتۇرىدۇ ، تەجرىبە ئۆگىتىدۇ . سىز مۇشۇنداق پېچتا تاۋلىنىپ چىققىنىڭىزدىلا ، ئۆزىڭىزگە خاس ھايات يولىنى تاپالايسىز ، باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ياشىيالايسىز .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |