ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
چىڭگىزخانىنىڭ بەش مەشھۇر سۆزىنىڭ سىرى


 


چىڭگىزخانىنىڭ بەش مەشھۇر سۆزىنىڭ سىرى


 

چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا قىلغان بەش مەشھۇر سۆزى دۇنيادا كەڭ تارقالغان ، بۇسۆزلەرگە بۇ تەڭرى ئەركىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىرى يۇشۇرۇنغان . 


 

بىرىنچى مەشھۇر سۆز : ئوت-چۆپ ئۈنگەنلىكى جاي ئات باقىدىغان جايىم بولسۇن .
چىڭگىزخاننىڭ نىشانى يايلاق شاھى بولۇش، مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئوت-چۆپ ئۈنگەنلىكى جايلارنى ئات باقىدىغان قىلىش ئىدى . ئۇلۇغۋار  غايە بۈيۈك شەخسنى يارىتىدۇ،گەرچە ھەممىلا ئادەم شاھ بۇلالمىسىمۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ياشاش نىشانى بولۇش كېرەك.


 

ئىككىنچى مەشھۇر سۆزى : دانىشمەنلەر ياكى قابىللارغا ئېرىشسەملا ئۇلارنى كەتكۈزمەي ، ماڭا ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن .
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزقابىلىيىتىنى نامايەن قىلالىشى ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ ، لېكىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى بۇنى چوقۇم ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىشى كېرەك .


 

ئۈچىنچى مەشھۇر سۆزى : دۈشمەننى يېڭىپ ، ئولجا ئالغان بايلىقلارنى تەڭ تەقسىم قىلىمىز .
بۇچىڭگىزخاننىڭ ئولجىلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدۇر . ھازىرقى زامان جەمىئيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان يەككە ئېلىشىدىغان شەخسىي قەھرىمانلىق دەۋرىدە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئومومىي گەۋدە بويىچە مۇكاپاتلاش ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىناۋەت ۋە ئابرويىنى ئۆستۈرىدۇ .


 

تۆتىنچى مەشھۇر سۆزى : پولاتتەك ئىنتىزام بولمىسا ، جەڭ ھارۋۇسىنى يىراققا ھەيدىگىلى بولمايدۇ .
ئۇرۇش ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىڭگىزخاننىڭ ياسىقى ئېلان قىلىنىپ ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالاندى . ئۇنىڭ ئۈچ تۇغقىنى ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ ، ئۇرۇش ياسىقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چىڭگىزخاننىڭ جازالىشىغا ئۇچىرىدى . ياساقنىڭ قاتتىق بولىشى ، تۇغقانلار بىلەن ياتلارغا  باراۋەر تەدبىقلىنىشى ئۇنى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ زور ھىمايىسىگە ئېرىشتۈردى .


 

بەشىنچى مەشھۇر سۆزى : كۆكسى-قارنىڭ قانچە كەڭ بولسا ، ئېتىڭ شۇنچە يىراققا چاپالايدۇ .
كۆكسى-قارنى باشقىلارنىڭكىدىن كەڭ بولغاندىلا ، جاھاننى سىغدۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ . ئۇ ئادەم ئىشلىتىشىە مىللىتى ، كېلىپ چىقشى ، تارىخىنى سۈرۈشتە قىلمايتتى ، ھەتتا ئۇ ئىلگىركى دۈشمەنلىرىنىمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنىدى . ئۇنىڭ ئالتۇن خانلىقىنىڭ ئەل بولغان ۋەزىرى ، قىتانلاردىن بولغان ياللۇغ چۇسەينى ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ <ئۇزۇن ساقال&t; دېگەن لەقەم بىلەن ئاتاپ ، ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىشتەك كەڭ قورساقلىقى كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ.


 

مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203