دادام پۇل خەجلىمەيدۇ
ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم
_ بىزلەر يۈەننى ئەتىگەندە پارچىلىساق، كەچكىچە ئاران - يۈەن ئېشىپ قالىدۇ ياكى قالمايدۇ . لېكىن چوڭلارنىڭ يانچۇقىدا بۈگۈن يۈەن بولسا ، نەچچە كۈنگىچە تۇرىدىكەن - دەپتۇ بىر يىگىت دوستىغا .
_ سەۋەبىنى بىلگۈڭ كېلىۋاتامدۇ؟ - دەپتۇ دوستى .
_ ئەلۋەتتە ، - دەپتۇ ئۇ ياش .
_ ئەمسە قۇل سال . داداڭ ئادەتتە سىرىتتا يۈرۈپ قورسىقى ئېچىپ قالسا ، ساڭا ئوخشاش دەرھال ئاشخانىغا كىرەمدۇ؟
_ ياق ، ئۇ ئادەتتە ئامال بار ئۆيگە كېلىپ تاماق يەيدۇ.
_ ئشتىن چۈشكەندە ياكى يامغۇر ياغقاند ا، بوران-چاپقۇن كۈنلەردە تاكسى بىلەن ئۆيگە قايتامدۇ؟
_ ياق ، ئۇ ئادەتتە ئامال بار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىدۇ . بەزىدە بىر نەچچە بىكەت كىلىدىغان يولدا پىيادە ماڭىدۇ.
_ سىرتلاردا يۈرۈپ ئۇسساپ قالسا ، ساڭا ئوخشاش قىممەت باھالىق ئىچىملىك ئېلىپ ئىچەمدۇ؟
_ ياق ، دادامنىڭ بازاردىكى ئىچىملىكلەر بىلەن خوشى يوق، شۇڭا ئۆيدە چاي دەملەپ ئىچىدۇ.
...
_ سۇئاللىرىمدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟
_ شۇنداق ئاداش ، مەن شۇ تاپتا پۇلنى بەكرەك بۇزۇپ-چاچىدىغانلىقىمنى، يوقىلاڭ يەرلەرگە سەرىپ قىلىدىغانلىقمنى چۈشەندىم _ دەپتۇ ھېلىقى ياش ھۈپپىدە قېزىرىپ .
_ شۇنداق دوستۇم ، ئەگەر سەن بىرەر مەسىلىگە يولۇقساڭ ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۆزۈڭندىن يامان تەرىپىنى باشقىلاردىن كۆرمەي ، ياخشى تەرىپىنى باشقىلاردىن ، يامان تەرىپىنى ئۆزەڭدىن كۆرەلىسەڭ ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى چوقۇم تاپالايسەن . داداڭدەك ئىقتىسادچىل بولالىساڭ ، يېنىڭدىكى پۇل ئازلىماي ، ئەكسىچە كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |