لوقمان ھەكىمنىڭ نەسىھىتى
ئىلىم -ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم، پەزىلەتلىك ئىنسان سۈپىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئىلىنىدۇ ھەمدە مەخسۇس بىر سۈرىنىڭ ئىسمى << لوقمان&t;&t; نامى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر <<لوقمان&t;&t; سۈرىسىدە لوقمان ھەكىم ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار بىرىلىپ ئۇندىن كىيىن ئوغلىغا قىلغان ئىلىم-ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر قىسىم نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان. ( قۇرئان كەرىم ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، -سۈرە لوقمان، - بەتتىن كۆرۈۋىلىڭ)
لوقمان ھەكىمنىڭ كىملىكى ھەققىدە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەدىمكى يۇناندا سوقرات، ئارستوتىللاردىن كىيىنرەك ياشاپ ئۆتكەن ئەپلاتون -دەل بىز دەۋاتقان لوقمان ھەكىم شۇدۇر. ( لىكىن ئەپلاتوننىڭ لوقمان ھەكىم ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە يىتەرلىك دەلىل - ئىسپات يوق). تۆۋەندىكىسى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ، << ئەشيالار خاسىيتى&t;&t; نامىلىق رىسالىنىڭ مۇئەللىپى نەجمۇددىن خوجا ھاجىنىڭ مەزكۇر رىسالىسىدە بايان قىلىنغان لوقمان ھەكىمنىڭ نەسھەتلىرىدىن :
. ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن.
. كىمگە پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
. ھەممىنىڭ ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.
. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
. دوستۇڭنى قېيىن كۈندە سىنا.
. دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.
. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
. دانا ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت.
. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.
. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.
. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
. ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.
. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.
. دوست- يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.
. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
. ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.
. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.
. خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل.
. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.
. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
. كىيىم- كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
. جامائەت بىلەن بىللە بول.
. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.
. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.
. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.
. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما.
. خوتۇن(خاتۇن) ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
. پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە.
. ھەرقانداق ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.
. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما.
. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما.
. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.
. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.
. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما.
. تۈكۈرۈك(خەپۈرۈك) ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
. جىددىي سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
. قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ، چېقىمچىلىق قىلما.
. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
. تىلنى ئايا.
. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.
. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
. ئېغىۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما.
. ئىلاجنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
. بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە.
. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
. مال- دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
. كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.
. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
. مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما.
. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
. پايدا- زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
. مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما.
. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
. جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ.
. پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.
. ئاددىي- ساددا، كەمتەر بول.
.ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت قىلىش، دۈشمىنىڭگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش، جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىراۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.
بۇ نەسىھەتنىڭ تۆۋەندىكى ۋارىيانتىمۇ تارقالغان:
-ئىھ ئوغلۇم، ئاللانى يەككە-يىگانە دەپ تونۇغايسەن.
-قانداقلا ۋەز نەسىھەت قىلماقچى بولساڭ ئاۋال ئۆزۇڭ ئەمەل قىلغايسەن.
-سۆزنى ئۆز قابىلىيىتىڭگە قاراپ سۆزلىگەيسەن.
-جامائەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلگەيسەن.
-كىملەرنىڭ قانداق ھەققى بار ئۇنى تونۇغايسەن.
-ئۆزەڭنىڭ مەخپى سىرىڭنى دىلىڭدا مەھكەم ساقلىغايسەن.
-دوستنى قاتتىقچىلىق يەتكەندە سىنىغايسەن.
-دوستنى پايدا-زىياندا ئىمتىھان قىلىپ بىلگەيسەن.
-ئەخمەق،نادان ئادەملەردىن يىراق قاچقايسەن.
-ئاقىل ئادەملەرنى دوستلۇققا تاللىغايسەن.
-ياخشىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشقا تىرىشىپ سەئىي قىلغايسەن.
-ئاياللارغا ئانچە ئىشىنىپ كۆڭۈل باقلىمىغايسەن.
-ھەر قانداق ئىشنى ئاقىل ۋە مەسلىھەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسلىھىتى بىلەن قىلغايسەن.
-ھەر قانداق سۆز قىلساڭ دەلىل-ھۆججىتى بىلەن قىلغايسەن.
- ياشلىق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىلگەيسەن.
- ياشلىق ۋاقتىڭدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭنى تەييارلاپ ئالغايسەن.
- دوست-يارەنلىرىڭنى ئەزىز مۆھتىرەم بىلگەيسەن،ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بولغايسەن.
- ئاتا-ئاناڭنىڭ ھاياتلىغىنى غەنىيمەت بىلگەيسەن.
- ئۇستازنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشىراقى دەپ بىلگەيسەنكى،ئۇ ئاخىرەت ئۈچۈن تەربىيەقىلغۇچىدۇر.
- خىراجەتنى كىرىمنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ قىلغايسەن.
- ھەر قانداق ئىشتا ئوتتۇرىھال بولغايسەن.
- جۇۋانىمەردلىك ۋە سېخىلىقنى ئۆزەڭگە ھۈنەر قىلغايسەن.
- ئۆيۈڭگە مېھمان كەلسە خىزمىتىنى ۋاجىپ تەرىقىدە ئادا قىلغايسەن.
- ھەر قانداق ئۆيگە بارساڭ تىل ۋە كۆزۈڭنى ساقلاپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغايسەن.
- بەدەن كىيىملىرىڭنى پاك تۇتقايسەن.
- كۆپچىلىك جائائەتتىن ئايرىلىپ قالمىغايسەن.
- بالا-چاقا تاۋاباتلىرىڭغا ئىلىم ئەدەپ ئۆگۈتۈشكە سەئىي قىلغايسەن.
- مۇمكىنقەدەر تاۋاباتلىرىڭغا ئوق ئېتىش،ئات مىنىش قاتارلىق ھەربىيماھارەت،مەشىق ،مۇداپىئە،ھۇشيارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆگەتكەيسەن.
- كۆينەك،چاپان،ئۆتۈك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيمەكچى بولساڭ ئوڭ تەرەپتىن باشلاپكىيگەيسەن،سالغاندا سول تەرەپتىن
باشلاپ سالغايسەن.
- ھەر كىمگە سۆز قىلساڭ ياكى بىر مۇئامىلە قىلساڭ شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپقىلغايسەن.
- كىچىسى سۆز قىلساڭ ئاستا ،پەسراق،كۈندۇزى سۆز قىلساڭ ئەتراپىڭغا قاراپراققىلغايسەن.
- ئاز يىيىش،ئاز ئۇخلاش،ئاز سۆزلەشنى ئۆزەڭگە ئادەت قىلغايسەن.
- ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزەڭگە ياقتۇرمىساڭ يەنە بىراۋغا ھەم لايىق كۆرمىگەيسەن.
- ھەر قانداق ئىش قىلساڭ ياخشى ئويلاپ ئەقىل-پاراسەتلىك ھەم تەدبىرلىك بىلەنقىلغايسەن.
- ياخشى بىلىپ ئۆگەنمەي تۇرۇپ،<مەن بىلىمەن &t;دەپ ئۇستاتلىق قىلمىغايسەن.
- ئاياللارغا،كىچىك بالىلارغا مەخپىي سىرىڭنى دىمىگەيسەن.
- كىشىنىڭ خەيىر-ئېھسانىغا كۆڭۈل باغلاپ قالمىغايسەن.
- نائەھلى ئادەملەردىن ۋاپانى ئىمىد تۇتمىغايسەن.
- ئويلانماستىن ئالدىراپ ھېچقانداق ئىشقا قەدەم قويمىغايسەن.
- ئۆزەڭ قىلمىغان ئىشنى <مەن قىلدىم&t;دىمىگەيسەن.
- بۈگۈن قىلىدىغان ئىش-ئەمەلنى ئەتىگە قويمىغايسەن.
- ئۆزەڭدىن چوڭ ئادەملەرگە ئۇيۇن-چاقچاق قىلمىغايسەن.
- ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كۆپ سۆزلىمىگەيسەن.
- كۆپچىلىككە گۇستاخلىق قىلمىغايسەن.
- ھاجەتمەن كىشىنى نا ئىمىد ياندۇرمىغايسەن.
- ئۆتۈپ كەتكەن ئاداۋەتنى تەگەپ ئۇرۇش-تارتىش قىلمىغايسەن.
- باشقا بىر كىشىنىڭ خەيىر-ئىھسانىنى ئۆزۈڭنىڭ خەيىر-ئىھسانىغائارىلاشتۇرمىغايسەن.
- ئۆزۈڭنىڭ پۇل مېلىڭنى مەيلى دوست،مەيلى دۈشمەن بولسۇن ھېچكىمگە كۆرەتمىگەيسەن.
- ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىم مال-دۇنيانى دەپ تۇغقانچىلىقنى ئۈزمىگەيسەن.
- ياخشى ،سالىھ ئادەملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلمىغايسەن.
- ئۆزۈڭگە تەمەننا قىلىپ قاراپ قالمىغايسەن.
- جامائەتلەر ئۆرە تۇرغان بولسا سەن ئولتۇرۇپ ئالماي ئۇلارغا مۇففەقىيەت قىلىپئۆرە تۇرغايسەن.
- قوللىرىڭنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ گىرە قىلمىغايسەن.
- خالايىقنىڭ ئالدىدا تېشىڭنى ئاختۇرمىغايسەن.
- ئەسنىگەندە ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئىتىپ ئالغايسەن.
- قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۈشكۈرۈپ،مىشقىرمىغايسەن.
- خالايىقنىڭ يۈزىگە باقتۇرۇپ كېرىلمىگەيسەن.
- خالايىقنىڭ ئالدىدا بۇرنۇڭنى كوچىلىمىغايسەن.
- ئۇيۇن-چاقچاق ئارىلاش كىشىنى كۈلدۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلمىغايسەن.
- بىر كىشىنى كۆپچىلىك ئالدىدا خىجىل قىلمىغايسەن.
- قاش كۆزۈڭ بىلەن ناز قىلىپ بىراۋنى ئەيىپلىمىگەيسەن.
- بىر قاتار سۆزلىگەن سۆزنى قايتۇرۇپ سۆزلىمىگەيسەن.
- كۈلكە كەلتۈرىدىغان سۆزنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگەيسەن.
- كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە ئايالىڭنى ئىزھار،ئەبرەل بىلىپ ماختىمىغايسەن.
- ئۆزۈڭنى خوتۇن كىشىگە ئوخشىتىپ ياسانمىغايسەن.
- ھەرگىز ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭنىڭ ناتوغرا مەخسىتىچە بولمىغايسەن.
- مالا-قۇرۇق سۆزدىن تىلىڭنى ساقلىغايسەن.
- سۆزلىگەندە قولۇڭنى شىلتىمىگەيسەن.
- كىشىنىڭ يامان سۆزىنى قىلغان يەردە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ،ياردەملىشىپبەرمىگەيسەن.
- ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە پادىشاھ ھۆرمىتىنى ساقلىغايسەن.
- ئۆلگەن كىشىنىڭ يامان سۆزىنى سۆزلىمىگەيسەن.
- مۇمكىن قەدەر كىشى بىلەن ئۇرۇش-تالاش ،دەۋا-دەستۇر قىلىشمىغايسەن.
- كىشىنىڭ كۈچىنى سىنىغۇچى بولمىغايسەن.
- بىراۋنىڭ تەجىربىدىن ئۆتكەن نەرسىسىنى سالاھىيەتسىز گۇمان قىلمىغايسەن.
- ئۆزنېنىڭنى كىشىنىڭ داستىخىنىدا قويۇپ يىمىگەيسەن.
- ھەر قانداق دۇنيالىق ئىشتا ئالدىراڭغۇلۇق قىلمىغايسەن.
- مال-دۇنيالىق ئۈچۈن ئۆزەڭنى قاتتىق مۇششەققەتكە سالمىغايسەن.
- ھەر-كىم ئۆز ۋۇجۇدىنى تونىسا ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇغايسەن.
- چاپان،كۆينەكنىڭ يېڭىگە ئېغىز-بۇرنۇڭنى ئېيتمىغايسەن.
- ئاچچىغىڭ كەلگەندەئويلاپراق سۆزلىگەيسەن.
- ئەتىگەندە كۈن چىقىپ بولغاندا تۇرمىغايسەن.
- ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭمىغايسەن.
- كوچا-بازارلاردا،خالايىقنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە يىمىگەيسەن.
- بىر كىشى سۆزلەۋاتسا سۆزىنى ئارىلاپ سۆزلىمىگەيسەن.
- پىشانەڭنى تىزىڭغا قويۇپ ئولتۇرمىغايسەن.
- ھەر جايدا بولساڭ ئوڭ-سولغا قارىماي يەرگە قاراپ ئولتۇرغايسەن ياكى ماڭغايسەن.
- مىھمان بار چاغدا بىر كىشىگە ئاچچىقلانمىغايسەن.
- مۇمكىنقەدەر ئات-ئۇلاغقا ياغىنداق مىنمىگەيسەن.
- مىھماننى ئىشقا بۇيرىمىغايسەن.
- ساراڭ،مەس كىشىلەرگە سۆز قىلمىغايسەن.
- ئىشى يوق بىكار،بىپاك ئادەملەر بىلەن كوچىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ ئولتۇرمىغايسەن.
- ھەر قانداق پايدا-زىيان ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئابرويىنى تۆكمىگەيسەن.
- لاپخور ۋە مۇغەمبەرلىك قىلمىغايسەن.
- ھەر قانداق كىشىنى ئۆزەڭگە دەۋاگەر قىلىپ قويمىغايسەن.
- ئۇرۇش-تالاش،پىتنە-پاسات بار جايلاردىن يىراققا قاچقايسەن.
- پۇلسىز،پىچاقسىز بىخود يۈرمىگەيسەن.
- ئۆزەڭنى خارلىققا سالمىغان ھالدا باشقىلارنىڭ خاتىرىسىنى رىئايە ۋە جەمىئىيقىلغايسەن.
- كەمىنە كەمتەربولغايسەن.
- ئاللاغا سادىق ئىخلاس بىلەن،ئۆز نەپسىڭنى قەھرى غەزەپ قىلماق بىلەن،ئۇلۇغلارنىڭخىزمىتىنى قىلماق بىلەن،كىچىكلەرگە مىھرى-شەپقەت قىلماق بىلەن،كەمبەغەللەرگەخەيىر-ساخاۋەت قىلماق بىلەن،دوست-يارەنلىرىڭگە ۋە تاۋاباتلىرىڭغا ۋەز نەسىھەتقىلماق بىلەن،دۈشمەنلەرگە يۇۋاش-يۇمشاق بولۇپ مادارە قىلماق بىلەن،جاھىل،نادانلارغاخامۇشلۇق بىلەن،ئۆلىمالارغا
ھۆرمەت ساقلىماق بىلەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۇزگەيسەن.
- كىشىنىڭ مېلىدىن تاما قىلمىغايسەن،ئالدىڭغا ئەكەلسە قايتۇرمىغايسەن،لىكىنجوغلىمىغايسەن،خۇدا يولىدا سەرىپ قىلغايسەن.
-ياشلىق دەۋىرنى غەنىمەت بىلىپ ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخىت_ساادىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار ، ئىلىم مەرىپەت ئۈگىنىڭلار ، كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن بۇ ياشلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ .
-دوست يارەنلەرگە ، پڭشقەدەم ئاقساقاللارغا ھىساپنىڭ سىرىتىدا ئىززەت ئېكرام قىلىڭلاركىن ، كىيىن سىلەرگىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغانلار بولسۇن .
-ھالال تاپقان دۇنيانى بەەنداز خەجلەپ ئىسراپ قىلماڭلار ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر پۇلغا زار بولىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن .
-ھەر داىم چىرايىڭلار ئوچۇق_يورۇق بولسۇنكى ، تەرىڭلارنى تۇرۇپ يۈرمەڭلار ، بۇنىڭ زىيىنى ئىنتاھىن ئېغىر . بىرىنچىدىن ، يۈزۈڭلەرگە قورۇق چۈشۈپ بۇرۇنراق قېرىپ كىتىسىلەر ، ئىككىنچىدىن ، خەلىق ئالەم سىلەرنى «توڭ قاپاق» دەپ يىراقلىشىدۇ ، ھەمسۆھبەت بولىشىڭلاردىن قاچىدۇ .
-ئاتا _ ئانىغا جان_دىل بىلەن خىزمەت قىلىش ۋاجىپتۇر ، تەڭرى « ئاتا_ئانىلارنىڭ سۆزىدىن چىقماڭلار ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار » دەپ بۇيرۇغان .
-ئۇستازلارغا ئاتا_ئاناڭلاردىنمۇ چوڭراق ئېھتىرام قىلىڭلاركى ، ئاتا_ئانا سەۋەپچى بولۇپ يۇقۇرى ئالەمدىن روھىڭلارنى بۇ دۇنياغا چۈشۈرگەن ئۇستاز سىلەرنى تەربىيلەپ يەنى يۇقۇرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ .
-ھەر ۋاقىت ئوتتۇرھال بولۇڭلاركىن ، ئىسراپخورلۇق قىلماڭلار . مۇسۇلمانچىلىق مېزانىدا ئىشنىڭ ياخشىسى ئوتتۇرۇھال بولۇش دىيىلىدۇ .
-ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا جاۋانى مەرت_ساخاۋەتلىك ، جەمىيەت پاراۋانلىقى ئۈچۈن پۇل مالنى ئايىمايدىغان سېخى ئادەم بولۇڭلار ، ھەرگىز بېخىل بولماڭلار .
-ئۆتكەن كونا خۇسۇمەتنى ھەرگىز تەگەپ يۈرمەڭلار ، ئاداۋەت __ بۇ جاھاندا ئەركىن ئىناق ، ئەپ بولۇپ ياخشى ئۆتۈشكە زىيان كەلتۈرىدۇ .
-ھالال دۇنيانى ھارام پۇلغا قوشماڭلار ، ھارام پۇل ھالالغا ئارلاشسا ، سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھالالنى بۇزىۋېتىدۇ .
-ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا ھەرگىز گەپ توشىماڭلار ، بىراۋنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئارىلىشىپ مەسلىھەتنى بۇزغۇچى بولماڭلار ، كىشىنىڭ مەسلەھەتىنى بۇزغان ، سودىسىنى بۇزغان ئادەمنى تەڭرى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ .
-غەزىنەڭلاردىكى نەق پۇلنى دوست ۋە دۈشمەنگە دەپ يۈرمەڭلار ، بۇنىڭدىن جېنىڭلارغا زەخمەت يېتىپ قېلىشى مۇمكىن .
-نادان ۋە مەككار ئادەملەرنىڭ دوستلۇقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىپ ، ئىچ سىرىڭلارنى ئېيىتماڭلار .
-ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئاداۋەت تۇتىشمىغان ياخشىدۇر ، چۈنكى ئاداۋەت ، جىدەل ماجرادىن تارىخىمىزدا ھەرگىز ياخشى ئاقىۋەت چىقمىغان .
-ئۆزىنىڭ قاىدىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئادەمدىن يەنە بىراۋغا ھەرگىز پايدا يەتمەيدۇ . بۇنداق ئادەمدىن مەنپەەت تالاشماڭلار .
-ئەي ئوغۇلچىقىم ،ناماز ۋاقتىدا تەئىدىل تەركان بىلەن ئوقىغىن،كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرىغىن،يامانلىقتىن توسقىن،ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋىر قىلغىن، چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەرزىيەتكە ئۇچىرايدۇ .
-بۇھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
-كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن ،زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى دوست تۇتمايدۇ .
-كىم يامانلىق قىلسا، يامانلىق كۆرگۈسى.
مەنبە: ئەشيالار خاسىيىتى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |