جىنايەتچى
(جىبران خېلىل جىبران)
بىر يىگىت چوڭ يولدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇراتتى . ئۇئەسلىدە كۈچلۈك ھەم قاۋۇل ئىدى ، ئەمما ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۇرۇقلاپ ، ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ چوڭ يولنىڭ دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ ، ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قۇلىنى سۇزۇپ ، ئۇلاردىن مېھىر-شەپقەت تىلەيتتى، ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكى ۋە ئېچىرقاش ئازابىدىن قىينىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە سۆزلەيتتى .
زېمىننى ئاللىقاچان قاراڭغۇ- زۇلىمەت قاپلىدى ، ئەمما ئىككى قۇلى خۇددى قۇرسىقىغا ئوخشاشلا قۇپ قۇرۇق ئىدى . ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى ، بىر تۈپ دەرەخ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئازاپ بىلەن بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى . ئاچلىق ئازابىدا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ ، كۆككە باققىنىچە نىدا قىلدى :
- تەڭرىم ئىش تېپىپ قىلاي دەپ ، بايلارنىڭ قېشىغا باردىم ، ئۈستى بېشىم جۇل - جۇل بولغاچقا ئۇلار مېنى قوغلاپ چىقاردى . ئۇقۇيمەن دەپ مەكتەپلەرگە باردىم ، چۆنتۈكۈم قۇرۇق بولغاچقا ئۇلار مېنى قۇبۇل قىلمىدى . جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ياللىشىغا ئىنتىزار بولدۇم ، ئەمما تەلىيىم كاچ كېلىپ ئستىكىم كۆپۈككە ئايلاندى . ئىلاجىسىز تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم . ئاھ تەڭرىم ساڭا چوقۇندىغان بەندىلىرىڭ مېنى كۆرۈپ ، ئۇ قاۋۇل ، ساغلام تۇرۇپ ئىش ئەمگەكتىن ئۆزىنى قاچىرۇپتۇ ، شۇڭا ئۇنىڭغا سەدىقە بېرىش جايىز ئەمەس ،دىيىشىتى . تەڭرىم ئانام مېنى سىنىڭ ئىردەڭ بويىچە تەۋەللۇت قىلدى ، مەن شۇ تاپتا سەن ئاپىرىدە قىلغان دۇنيادا ياشاۋاتىمەن ، كىشىلەردىن سېنىڭ نامىڭنى شىپى كەلتۈرۈپ سەدىقە سورىسام ، ئۇلار نىمىشقا ماڭا بىرەر بۇردا نان بولسىمۇ بەرمەيدىغاندۇ ؟
شۇ ئەسنادە ئۈمىدسىزلەنگەن بۇ ئادەمنىڭ ئۈڭى بىردىنلا ئۆزگەردى ، ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئورنىدىن دەس تۇرى ، ئۇنىڭ بىرجۈپ كۈزىدىن ئاقار يۇلتۇزنىڭكىدەك بىر نۇر چاقنىدى . ئۇ غەزەپ بىلەن دەرەخنىڭ قۇرۇپ قالغان بىر تال قۇرۇپ قالغان شېخىنى سۇندۇردى . ئۇ قۇلۇدىكى دەرەخ شېخى بىلەن شەھەرنى ئىملاپ تۇرۇپ ۋاقىردى :
- مەن ئەسلىدىنلا ھالال ئەمگەككە تايىنىپ جان باقماقچى بولغان ئىدىم ، ئەمما بۇ ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم ؛ ئەمدى مەن بىلىكىمنىڭ كۈچىگە تايىنىمەن . كىشىلەردىن مېھرى - شەپقەت تىلەپ ، ئۇلاردىن ئاش - نان سورىغان ئىدىم . ئەمما ھىچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى ؛ شۇڭا جىنايەت يولى بىلەن جان بېقىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمەن ، ئەمدى ھەرگىز شۈكرى قانائەت قىلمايمەن
بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ يىگىت بىرقانچە مېدالىيۇننى بۇلاش ئۈچۈن نەچچە ئادەمنىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى . ئۇ ئارزۇ - ئىستەكلىرى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان ھامان قارشىلىق كۆرسەتكەن رەقىبلىرىنى پارە - پارە قىلىپ تاشلىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بىردىنلا بېيىپ كەتتى . ئۇنىڭ ۋەھشىيانە زوراۋانلىغىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى . ئۇ جاھاندىكى ئوغرى - قاراقچىلارنىڭ ياۋۇزلۇققا چوقۇندىغان مەھبۇدى ، ئىلاھىغا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ رەسمىي -قائىدە بويىچە بۇ ياشنى ئۈزىنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى ئەلچىسى قىلىپ تاللىۋالدى .
ئىسانىيەت ئەنە شۇنداق ئۆزىگىچە يول تۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىدۇ ، يەنى
ئىنسانلارنىڭ بېخىلىغى تۈپەيلىدىن بىر بىچارە نامرات ئادەم جاللاتقا ئۆزگەردى ؛
ئۇلانىڭ رەھىمسىزلىگى تۈپەيلىدىن بىر ئاقكۆڭۈل ئادەم جىنايەتچىگە ئايلاندى .
< تاللانغان فېليەتۇنلار &t; ژورنىلنىڭ - يىللىق - سانىدىن ئېلىندى .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |