ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئوخشىمىغان فاكۇلتىت ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى


ئوخشىمىغان فاكۇلتىت ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى 


 

. سىياسەت فاكۇلتىتى:


 

ئەگەر ھۆكۈمەت بىر ئادەم ئۆمرىدە بىرلا قىزنى تاللىسا بولىدۇ دەپ بەلگىلىمە تۈزسە ئىككىلەنمەستىن سىزنى تاللاشقا رازى ئىدىم، ئۆلسەممۇ پۇشايمان قىلمايتىم،ئەپسۇس ھۆكۈمەت ئۇنداق بەلگىلىمە تۈزمەپتۇ..... ...... شۇڭا........ ۋاي بولدىلا~


 

. قانۇن فاكۇلتىتى:


 

ئوماق قىز، مېنىڭ ھېسياتىمنى ئوغرىلاپ، يۈرىكىمنى بۇلاپ كەتتىڭىز. شۇڭا ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىش قارارىغا كەلدىم. سودىيە سىزنىڭ بارلىق دېلو ئارخىپلىرىڭىزنى كۆرۈپ، بىردەك مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: بىر ئۆمۈر ماڭا باغلاندىڭىز


 

.مۇھىت ئاسراش فاكۇلتىتى:


 

كەيپىيات رايىدىن مەلۇمات: تۈنۈگۈن كەچ سائەت نۆلدىن بۈگۈن كۈندۈزگىچە سىزنى بەزى-بەزىدە سېغىندىم. چۈشتىن كېيىنگە يېقىن ئازراق سېغىنىش ئالامەت سېغىنىشقا ئۆزگىرىپ، كەيپىياتىم نۆلدىن تۆۋەن بەش گىرادۇسقا چۈشتى. ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈش بېسىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ خىل كەيپىياتىم سىزنى كۆرگەنگە قەدەر داۋاملىشىشى مۈمكىن.


 

. ئېلان لايىھىلەش فاكۇلتىتى:


 

لايىق ئىزدەش ئېلانى: ئەر، تولۇق كۇرس، نەچچە نومۇر كام قالغان؛ دۆلەت ھالقىغان كارخانىدا ئىشلەيمەن، كېنتاكىيدا ئۈستەل سۈرتىمەن؛ ئۆيۈم بار، كۆپ ئادەم بىللە؛ ماشىنام بار، ماتورسىز؛ چىرايلىق، مۇلايىم قىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا ئىزدەيمەن، نەچچە يىلدىن كېيىن.


 

. ماتىماتىكا فاكۇلتىتى:


 

مېنىڭ ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىزگە خىل تاللاش بېرەي:
 .سىزنى سېغىنىۋاتىمەن ,
 B .سىزنى بەك سېغىنىۋاتىمەن،
C. سىزنى بەك بەك سېغىنىۋاتىمەن،
.سىزنى سېغىنماي تۇرالمايمەن،
.يۇقىرقى تاللاشلارنىڭ ھەممىسى توغرا.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203