ئارغامچىنىڭ ھىسابى
بىر باي ئۆلۈمدىن ۋە قەبرىدىكى يالغۇزلىقتىن بەكمۇ قورقىدىكەن . « مەن ئۆلگەن كۈننىڭ كىچىسى كىم مېنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتىگەنگىچىلىك قەبرىدە بىللە تۇرسا ئۇنىڭغا مال - مۈلىكنىڭ يېرىمىنى ھەدىيە قىلىمەن » دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ .
ئۇ ئۆلگەندە تۇققانلىرى « كىم بىرلىكتە قەبىرگە كىرىپ تاڭ ئاتقىچە تۇرۇشنى خالايدۇ؟ » دەپ ئەتراپتىن ئادەم ئىزدەشكە باشلاپتۇ . ھېچكىم چىقماپتۇ . ئاخرىدا بىر ھاممال :
- مېنىڭ پەقەت بىر تال ئارغامچام بار . يوقۇتۇپ قويغىدەك باشقا نەرسەممۇ يوق . تاڭ ئاتقىچە تۇرسام بەلكىم باي بولۇپ كېتىشىم مۇمكىن . - دەپ قوبۇل قىلىپتۇ .
ھاممالنى ئۆلگەن باي بىلەن بىرگە دەپنە قىلىپتۇ . سۇئال-سوراق پەرىشتىلىرى كېلىپ قارسا بىر ئۆلۈك ، بىر تىرىك تۇرغىدەك . «قانداقلا بولمىسۇن ئۆلۈك قولىمىزدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ ، بىز ئاۋۋال شۇ تىرىكتىن باشلايلى » دەپتۇ ۋە ھاممالنى سوراق قېلىشقا باشلاپتۇ :
- بۇ ئارغامچا كىمنىڭ؟ نەدىن ئالدىڭ؟ قانداق ئالدىڭ؟ نەلەردە ئىشلەتتىڭ؟...
تاڭ ئاتقىچە سۇئال-سوراق داۋاملىشىپتۇ . ھاممالنىڭ ھىساۋى تۈگىمەپتۇ . تاڭ ئارتقاندا ھاممال قەبىردىن چىقىپتۇ.
- بايلىقنىڭ يېرىمى سېنىڭكى - دەپتۇ باينىڭ تۇققانلىرى . ھاممال دەرھال شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ :
- ياق ئالمايمەن . مەن تاڭ ئاتقىچە بىر ئارغامچىنىڭ ھىساۋىنى بېرەلمىدىم . بۇنچىلىك كۆپ مال - مۈلىكىنىڭ ھىساۋىنى قانداقمۇ بېرەلەيمەن؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |