ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاچچىقسۇدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى


ئاچچىقسۇدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى


 

* سوغۇق سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ، ئۇنىڭغا توڭ گۆشنى چىلىسا ، توڭ گۆش تېز ئېرىيدۇ. توڭ بېلىقنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرىتسىمۇ بولىدۇ.


 

* بوغۇزلىغان توخۇ، غاز، ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى بىر چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇلغان قايناقسۇغا بىر نەچچە مىنۇت چىلىسا، ئۇلارنىڭ پەيلىرىنى تازىلاش ئاسان بولىدۇ.


 

* مۇچ قورىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، مۇچ ئاچچىق بولماي، مەززىلىك پىشىدۇ .


 

* ھەر كىلوگرام سۇغا مىللىلېتىردىن ئاچچىقسۇ قويۇپ، بېلىقنى بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ ئاندىن قاسرىقىنى قىرسا، قاسرىقى ئاسان تازىلىنىدۇ.


 

* تومۇز ئىسسىقتا بېلىقنى ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان سۇغا چىلاپ قويسا، بېلىق بىر كچە - كۈندۈزدىمۇ بۇزۇلمايدۇ.


 

* شورپىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىچسە، بەدەننىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە پايدىسى بولىدۇ.


 

* تۇخۇم پىشۇرغاندا سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، تۇخۇم يېرىلماي پىشىدۇ.


 

* گاڭپەن دۈملىگەندە، بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىپ دۈملىسە، گۈرۈچ ئاپئاق، تىرىك ھەم مەززىلىك پىشىدۇ.


 

* كۆكتات يۇغاندا كۆكتات يۇغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، كۆكتات يوپۇرمىقىدىكى قۇرۇتلارنى يوقىتىپ، تازىلاش ئاسان بولىدۇ.


 

* يېڭى گۆشنى ئاچچىقسۇغا چىلانغان رەختكە ئوراپ ساقلىغىلى بولىدۇ.


 

* كالا گۆشى پىشۇرغاندا، ھەر كىلوگرام سۇغا بىر - ئىككى چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قايناتقاندا، كالا گۆشى ھەم مەززىلىك، ھەم يۇمشاق پىشىدۇ.


 

* ئاقلانغان بەرەڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ تېپىتىۋەتسە، بەرەنگىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ.


 

* پوشكال، بوغۇرساق سالغاندا خېمىرغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېيىشلىك بولىدۇ.


 

* كۆكتات قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، ۋىتامىن C نىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 

* پىدىگەن قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، قارىيىۋالماي كۆركەم پىشىدۇ.


 

* بېلىق پىشۇرغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بېلىقنىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.


 

* ئاچچىقسۇ قۇيۇپ مور يۇغان سۇدا داستىخان، لۆڭگىلەرنى يېنىك ئۇۋىلاپ يۇسا كىرى ئاسان چىقىدۇ.


 

* لەغمەن پىشۇرغاندا سۈيىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ قايناتقاندا، چۆپ تىرىك ھەم ئاپئاق پىشىپ، يېيىشلىك بولىدۇ 


 

 مەنبە : ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203