تىتانىك فىلىمى ۋە روماندىكى بىشارەت
« تىتانىك » ناملىق پاراخود دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك تەقدىر ھەققىدىكى ھېكايە سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، بۇ ھەقتىكى دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ھوللىيۋود فىلىمى تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئەمما بۇ پاجىئە ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسوننىڭ بىشارىتىمۇ ياكى بىر تەساددىپىيلىقمۇ؟
ھوللىيۋود دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود «تىتانىك» نىڭ چۆكۈپ كېتىش پاجىئەسىنى ئاپەت خاراكتېرلىك مۇھەببەت فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان ئىدى. بۇ پاجىئە ھەققىدە -ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنى پاجىئە يۈز بېرىشتىن يىل بۇرۇن شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن بىشارەت بېرىلگەن ئىدى.
ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسون -يىلى نەشر قىلىنغان« بىھۇدە ئاۋارىچىلىق » ناملىق رومانىدا كىشىلەر تەرىپىدىن« مەڭگۈ چۆكمەس پاراخود » دەپ تەرپلەنگەن ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم غايەت چوڭ بىر پاراخودنى تەسۋىرلىگەن. روماندىكى «تايتان» ناملىق بۇ پاراخود تۇنجى قېتىم ئەنگلىيىدە دېڭىزغا چۈشۈرۈلۈپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارىشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكىغا يولغا چىققان. روماندا بۇ پاراخود ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخود قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، پاراخود ئەينى چاغدىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە دۇنيادا بارلىكى بارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەن بېزەلگەن، روماندا بۇ پاراخودنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يۇقىرى تەبەقە ئاقسوڭەكلىرى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئوكيان سەپىرىدە پاراخودتتىكى ھەشەمەتلەردىن بەھر-ھوزۇر ئېلىپ ماڭغان. ھالبۇكى بۇ پاراخود ئۆزىنىڭ تۇنجى قاتنىشىدا مۇزتاغقا دۇچ كېلىپ پاجىئەلىك ھالدا چۆكۈپ كەتكەن، نۇرغۇن يولۇچى بۇ پاجىئەدە ئۆلگەن. رېئاللىققا ئايلانغان بىشارەت روماندىكى بۇ پاجىئەنىڭ يىلدىن كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن. -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى كېچىدە، شۇ چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك سانالغان «تىتانىك» ناملىق پاراخود شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى.
پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەزىلەر مورگان روبسوننىڭ يىل بۇرۇن نەشر قىلىنغان رومانىنى ئەسكە ئېلىشتى. ئۇلار روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ھەيران قېلىشتى. رېئاللىقتىكى «تىتانىك» بىلەن روماندىكى «تىتان» نام جەھەتتىن ئازراقلا پەرق قىلغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولۇپ چىقتى: ھەر ئىككى پاراخود تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەندە چۆكۈپ كەتكەن، سەۋەبى ئوخشاشلا مۇز تاغقا سوقۇلغان، چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان بولغان. ھەر ئىككى پاراخود ئوخشاشلا -ئاينىڭ بېشىدا دېڭىزغا سېلىنغان، سەپەر لىنىيىسى ئوخشاشلا ئەنگلىيە-ئامېرىكا بولغان. روماندىكى «تايتان» دا يولۇچى ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ، رېئاللىقتىكى «تىتانىك» تىكى يولۇچىمۇ نەچچىلا ئادەم كەم ئىدى. «تىتان» نىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئېغىرلىقى مىڭ توننا بولغان بولسا، «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلىقى مىڭ توننا ئىدى. «تىتان» نىڭ ئۇزۇنلۇقى مېتىر قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسا، «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا مېتىردىن نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇن بولغان. ھەر ئىككى پاراخودنىڭ رولى ئۈچ بولغان، مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن چاغدىكى سائەتلىك سۈرئىتى مىڭ مېتىر بولغان. يەنە بىر ئوخشاشلىق شۇ بولغانكى، ھەر ئىككى پاراخودتتىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئېغىر بولۇش سەۋەبى پاراخودتىكى قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى بولغان. كىشىلەر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە «تىتانىك» ناملىق پاراخود چۆكۈپ كېتىش ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلغاندىن كېيىن، بۇنى مورگان روبسوننىڭ رومانىدىكى ۋەقەلىكلەرنى ئەسلەشكەن ۋە يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، روماندا تەسۋىرلەنگەن بارلىق تەپسىلاتلارنىڭمۇ رېئاللىقتىكى پاراخودتتا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاشقان. دېمەك، روماندىكى ھېكايىنى يىل كېيىن يۈز بەرگەن «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى، دېيىشكە بولىدۇ.
ئەجەبا بۇ بىر تەسادىپىيلىقمىدۇ ؟ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |