ئادەمنى ئويغا سالىدىغان سۆزلەر
ئانا بۆشۈكتىكى بالىسىغا : « ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا » دەپ ئۆگىتىدۇ ؛ چوڭلار يەسلى باللىرىغا : « تەربىيچىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ » دەپ ئۈگىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، بالامەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن « مۇئەلللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ » ؛ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن « باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ » ؛ باشلىق بولغاندىن كىيىن « يۇقىرى دەرىجىلىكرەھبەرلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ » .جۇڭگودا باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاش « تەربىيسى » چۇڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا ، شۇڭا كىشىلەرمۇ مۇستەققىل پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم بولغان . بۇ بەلكىم مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر .
ئالىملارغا قارىغاندا سەنئەت ساھەسىدە نام چىقىرش ئاسان بوپكەتتى ، ھۇقۇق سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىۋاتىدۇ . خوشامەتچىلىك ئاممىغاكۈيۈنۈشنى بېسىپ چۈشتى . پۇل - مال دوستلۇقنى بېسىپ چۈشتى . ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش تاشلىنىپ قالدى . ئىقتىدارغا قارىغاندا گۈزەللىكنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولدى . مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەمەلى خىزمەتتىن ئەلا بولدى . يالغان گەپ راست گەپكە قارىغاندا يېقىملىق ئاڭلىندىغان بولدى .
مەن مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۆلىۋالغان قىز-يىگىتلەرنى كۆردۈم ، لىكىن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۆلىۋالغانلارنى كۆرمىدىم .
دۇنيادا ھېچقانداق ئادەم سېنىڭ كۆز يېشى قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ ، ئەرزىيدىغان ئادەم سېنى ياش تۆككۈزمەيدۇ.
ئەدەبىياتى تەرەققى تاپمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس .چۈنكى ئۇ بىر روھى ئىلىم ، ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل ئەدەبىياتتىن باشلانغان .
ھايۋان چېغىدا ئالدىغا قويۇپ بەرگەن يۇندىنى ئاۋال پۇراپ بېقىپ ئاندىن ئىچىدۇ . بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ھازىر ئالدىغا قانداق مەدىنيەت ئۇچىرسا ، يېڭىلىق دەپ قۇبۇل قىلىۋەرمەكتە ، مۇشۇ نوقتىدىن ئىيتقاندا ،ھازىر بىر قىسىم ھايۋانلار بىز ئۈچۈن ئۈلگە .
بىراۋنى چۈشەنسىڭىز ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز .
بىراۋنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسسۇلىنى پىششىق بىلسىڭىز ، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايسىز .
بىراۋنىڭ مەقسىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ، ئۇنى قايىل قىلالايسىز .
بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىڭىز ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە قول قويدۇرالايسىز .
بىراۋنىڭ مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ، ئۇنى تىزگىنلىيەلەيسىز .
بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق ھۆكۆمدار ۋە يىتەكلىگۈچى بولمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار نامسىز بۈيۈك ئۇستاز بولسا ، بەزى ئاتا -ئانىلار جىنايەت ۋە رەززىللىكنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
سىز باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلىقىغا ئۇچىرسىڭىز ، سىزنىڭ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ . باشقىلارغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ .
يانفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىز بىلەن قۇلاقنىڭ ئارلىقىنى يىقىنلاشتۇرغىنى بىلەن ، قەلىبلەرنىڭ يىراقلىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ .
سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ ، خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ .
« سىتۇدىنىتلىرىمىزنى مىللى مەدىنىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ » دىيىشتىن بۇرۇن ، ئۇلارغا بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىىلارغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ .
ئەر كىشىدىن غۇرۇر كۆتۈرلۈپ كەتكەندە ، ئايال كىشىدىن ھايا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ .
يىگىتلەرنىڭ يېرىم يالاڭغاچ قىز ئالدىدىكى سۈكۈتى ، ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سوئال .
دۇنيا تارىخىدىن مەلۇمكى ، ئىلىم -پەندىن قوغلانغان تىلنىڭ شۆھرىتى بولمايدۇ ، ئەدەبىياتتىن قوغلانغان تىلنىڭ جېنى بولمايدۇ . پەلسەپەدىن قوغلانغان تىلىنڭ مىڭىسى بولمايدۇ . سىياسى تۇرمۇشتىن قوغلانغان تىلىنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ . ئائىلىدىن قوغلانغان تىلىنىڭ ئۆزىمۇ بولمايدۇ .
كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ ، ئۇبدانلا چاۋاك چېلىپ ، ئالقىشلاپ قويساڭلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرگىزمۇ جاراھەتلەنگەن ، بۇرۇقتۇملانغان ، تىڭىرقىغان روھقا تەسكىنىلىك بېرەلمەيدۇ .
زامانىمىزدا مۇقام ئاڭلايدىغانلار ئاز ، ئۇنىڭ بىلەن ماختىندىغانلار كۆپ .
بۇ بىزدىكى كۆچەت تىكىشنى ياختۇرمايدىغان ، مىۋىگە ئامراخلىق پىسخكىسى .
بىز غەرىپ مەدىنيىتىدىن ئۆزىمىزگە نىمىنى ئۆزلەشتۈردۇق ؟ ئەلۋەتتە ھاياسىزلىقنى ....
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ . بىزدە ئاشۇ قاغىچىلىكمۇ ئاڭ يۇقمۇ ؟
دۇنيا تارىخىدىن ساۋاق شۇكى ، كىيىنكىلەرنىڭ پىشانىسىدە قۇللۇق تامغىسى بار دىيىلسە ، ئۇنى ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن .
بۇ دۇنيا ھەر بىر ئادەمگە پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن ، ئەمما ۋاقىتنى يارتىپ بەرمىگەن .
ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ . ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە ..
ئۆز تارىخىدىن پەخرلىنىشنىلا بىلىپ ، كۆز ئالدىدىكى رىقابەتنى كۆرەلمىگەن قەۋىم مەڭگۈ خار قەۋىمدۇر .
ئەڭ قوپال مەخلۇق ئىيىق ، پىل ، ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق يولۋاس - شىرلارنى تەربىيلەپ سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە كۆندۈرگەنلەرنى كۆرۈپ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ <<باللىرىمىز تەربىيەگە كۆنمىدى ، گەپ ئاڭلىمىدى &t;&t; دىگىنىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم .
دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھازا ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئۆلۆمنىڭ دەھشىتىنى چۈشۈنىش ، ئۆلگۈچىدىن ئىبرەت ئىلىپ ، ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىش ئۈچۈندۇر .
ئاياللانىڭ يېىرم يالاڭغاچ كوچىغا چىقىشى ، ئەرلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى مەسخىرە قىلىشى .
نادانلار شەھرىدە ، ئالىم ئەڭ غېرىپ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |