رەسىملىك كىتاب
ماسىشىتا ريۇيىچى ( ياپونىيە)
ياپونچىدىن تۇردى لىتىپ تەرجىمىسى
باش قىشنىڭ بىر كۈنى، چايكىلار كىتامون * ( كىتامون -- يەر نامى، شىمالىي ئىشىك مەنىسىدە.) دېڭىزغا قايتىپ كېلىشكە باشلىغان چاغ. كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكى يېزىلمىغان بىر خالتا تاپشۇرۇۋالدىم. ئېچىپ قارىسام ئىچىدىن <<موموتارو&t;&t; نىڭ بىر پارچە رەسىملىك كىتابى چىقتى، كۆرۈپلا سەل جۇدۇنۇم ئۆرلىدى. چۈنكى بەزى چاغلاردا ئىخلاسمەن كىتابخانلىرىمدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلار رەسىملىك كىتابلىرى سوۋغا سۈپىتىدە كېلىپ قالاتتى. لېكىن شۇنچە يىراق يەردىن ئادەتتىكى بىر رەسىملىك كىتابنى تاللاپ ئەۋەتكەنلىكى تۇرۇپلا كۆڭلۈمگە غەلىتە تۇيۇلدى. ئوغلۇم كېن يىچىنى چاقىرىپ كىتابنى شۇنداق ئاچسام، ئىچىدىن بىر پارچە خەت پالاققىدە يەرگە چۈشتى. كونۋېرىت سىرتىغا: <<بىردىنبىر دوستۇم <&t; غا &t;&t;دېگەن خەت يېزىلغانىدى. خەتنىڭ ئارقىسىغا قاراپ چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
خەتنىڭ كەينىگە << F. خىدپتو &t;&t; دەپ رەھمەتلىك دوستۇمنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.
دوستۇم:
سەن بۇ خەتنى بەش يىلدىن كېيىن، ياق، سەككىز يىلدىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشىڭ مۇمكىن. مەن بۇ قىشنى چىقىرالمايمەن، ساڭا بۇنى دېمىدىم. ئۈچ - تۆت كۈن بۇرۇن ياتقان ئورنۇمدا شۇنداق ئۆرۈلۈشۈمگە تۇيۇقسىز يۆتەل تۇتۇپ، خۇددى قۇسقانداك ئاغزىمدىن بەلغەم كەلدى. ئۆپكەم شۇنچىلىك سېسىپ كەتكەنمىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇندىلا ھاياتىمنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ئەمدى ئۇزاق ياشىيالىشىم مۇمكىن ئەمەس. بەلغەمنى ئۆزۈم يالغۇز تەستە يىغىشتۇرۇۋالدىم. ھېچكىم يوق چاغدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى ئاتا - ئاناممۇ سەزمىدى.
ھازىرقىدەك بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرەلىشىممۇ بىر نەچچە كۈنلا داۋاملىشىشى مۇمكىن. شۇڭا ھالىم سەللا ياخشى بولغان بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا ئازراق بولسىمۇ يېزىپ قوياي دېگەن ئويدا قولۇمغا قەلەم ئېلىشىم.
پەقەت سەنلا ماڭا ئاداققىچە دوست بولۇپ كەلدىڭ. خىزمىتىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مېنى يوقلاپ تۇردۇڭ. تۈنۈگۈنمۇ كەپتىكەنسەن، ئۇخلاپ قالغان بولسام كېرەك، زادىلا تۇيماپتىمەن. كېيىن ئاپام قايتىپ كېلىپ، تومپوچكىغا تىزىپ ئقويۇلغان دۇفۇ ۋە مايلىق قورۇمىلارنى كۆرۈپ: << ئاپلا، < &t; ئەپەندى كېلىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟&t;&t; دېگەندىلا، ئاندىن بىلدىم. سېنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك يوقلاپ كەلگەنلىكىڭگە يارىشا مەن دائىم ئۇخلاپ قېلىپ بەك سەت ئىش قىپتىمەن. نېمىسقىكىن، ئەجەل يېقىنلاشقانسېرى تولا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم. ياق، مەن ئۇخلىمىدىم، خىيال سۈردۈم، تۈنۈگۈنمۇ پۈتۈن بىر كۈن ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاپ چىقىپتىمەن. مۇنداق بىر كۆڭۈللۈك ئىش خىيالىمغا كىرىپ قالدى. نېمدەپ مۇنداق غەلىتە ئويغا كېلىپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. مانا ھازىرمۇ ئاشۇ كۆڭۈللۈك خىيال ئاتا قىلغان ئاخىرقى غەيرىتىم بىلەن خەت يېزىۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن.
بۇ مۇنداق ئىش. مەن سېنىڭ بالاڭغا بىر پارچە رەسىملىك كىتاب ئەۋەتىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم.
سېنىڭ بالاڭغا ؟ شۇنداق، دەل سېنىڭ بالاڭغا. سېنىڭ تېخى توي قىلىش دېگەنلەرنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىڭنى، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىمەن. سەن كېچە سائەت بىر - ئىككىلەردە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، دۇفۇ ياساپ جاپالىق ئىشلىسەڭمۇ كەمبەغەلچىلىكتىن يەنىلا قۇتۇلالمىدىڭ، ئىنىلىرىڭ كۆپ، ئائىلەڭدىكىلەر چېچىلىپ كەتتى. سېنىڭ شۇنچىلىك قاتتىق كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىڭنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا تارتىۋاتقان ئازابلىرىمنى ھېچقانچە ئېغىر ھېس قىلمايمەن.
لېكىن، تۈنۈگۈن ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ، نېمىشقىدۇر سېنىڭ ئۇزاق ياشىيالايدىغانلىقىڭغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم. سېنى مۇشۇ ئورۇق ئەپتى بىلەن مەزمۇت ياشاپ، باشقىلارغا ئوخشاشلا توي قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم، بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەن. ئاز بولغاندا بەش يىل، كېچىككەندە سەككىز يىلدىن كېيىن بىر بالىغا دادا بولىدىغانلىقىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ خۇش بولدۇم. بۇ مەن .ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك تەسەۋۋۇر. سېنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپ، خوتۇن ئېلىپ، بالىلىق بولىدىغانلىقىڭنى ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ. بۇ تەلپۈنۈش يېشى، ھاياتقا بولغان قىيالماسلىق يېشى.
مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمەن. لېكىن سېنىڭ ھايات ياشاپ ئۆي - ئوچاقلىق بولىدىغانلىقىڭنى تەسەۋۋۇر قىلسام، بۇ ئىش قانداقتۇر مېنىڭ كەلگۈسۈمگە مۇناسىۋەتلىكتەك ھېس قىلىمەن. يۈرىكىم سېنىڭ يۈرىكىڭگە، ھەتتا بالاڭنىڭ يۈرىكىگە باغلىنىشتەك ئويلاپ قالىمەن.
بۇ باغلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالاڭغا بىر پارچە رەسىملىك كىتاب سوۋغا قىلىشنى نىيەت قىلدىم.
ماڭا ھاردۇق يەتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىۋاتىدۇ. ئۆگۈنۈم بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئەتەم باردۇر، دەپ ئويلايمەن.
تۈنۈگۈنكى ئىشتىن كېيىن، ئاپامغا بىر پارچە رەسىملىك كىتاب ئالغۇزدۇم. كەمبەغەلچىلىكتە بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى ئېغىزدىن چىقىرىشمۇ تەس ئىكەن، لېكىن بۇ، ھەممىگە چىداپ كېلىۋاتقان مەندەك بىر ئادەمنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەتۈرلۈكى بولغاچقا دەۋەردىم.
<< ئۈچ ياشلىق بالىلار كۆرىدىغان رەسىملىك كىتابتىن بولسۇن &t;&t;دېۋىدىم، ئاپام ھەيرانلا قالدى. بەلكىم مېنى بارا - بارا كاللىسىدىن ئېزىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغاندۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن ئېلىپ بەر، ماڭا بەك لازىم، دەپ يۈرۈپ ئاپامنى ماڭدۇرسام، نەدىكى بىر <<موموتارو&t;&t;نىڭ رەسىملىك كىتابىنى ئەكەپتۇ. نېمىشقا ئوبدانراقىنى تاللىمىغاندۇ، دەپ سەل قورسىقىم كۆپتى. لېكىن قاندىقىنى سېتىۋالىدىغانلىق توغرۇلۇق ئۆزۈممۇ ئاپامغا بىر نەرسە دېمىگەن. يەنە تېخى <<موموتارو&t;&t;نىڭ ياخشىمۇ بىلمەيمەن. ئۈچ ياشلىق گۆدەك بولىنى قايسى خىلدىكى كىتاب خۇش قىلالايدۇ، مەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
مەن خەتنى كىتابقا قىستۇرۇپ دادامغا بېرىپ قوياي دەپ ئويلىدىم ۋە دادام كەچتە كېلىشىگىلا مۇنداق دېمەكچى بولدۇم: <<دادا، ناۋادا مېنىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭ < &t;نى ھەرگىز تاشلىۋەتمە. ئۇ توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ قالسا، بۇ رەسىملىك كىتاب بىلەن خەتنى ئۇنىڭغا بېرىپ قوي. بۇ مېنىڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم. چوقۇم بىر ئامال قىلىپ يەتكۈزۈپ بەر.&t;&t;
دادام ھەيران قېلىشى، <<نېمىدەپ قالايمىقان سۆزلەپ يۈرىسەن، سەن يەنە ياشايسەن&t;&t; دەپ مېنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. لېكىن چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى داداممۇ، ئاپاممۇ كۆڭلىدە بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈمنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ قويىدىغانلىقىدا گەپ يوق.
دوستۇم، بۇنىڭدىن يەتتە - سەككىز يىل كېيىن ئۆيۈڭگە توساتتىن <<موموتارو&t;&t; نىڭ رەسىملىك كىتابى كېلىپ قالغىنىدا قانچىلىك ھەيران قالىدىغانلىقىڭنى ئويلىسام خۇشاللىقىمدىن تۇرالماي قالىمەن. چۈنكى ئۆزۈم ئۆلۈپ كەتكىنىم بىلەن شۇ چاغقىچە سەن بىلەن ھەقىقىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ساقلاپ قالالايمەن ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ خوتۇئۇ - بالىلىرىڭ بىلەن بۇنچە چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ تۇرالايدىغانلىقىمغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.
بىرلا ئەندىشەم بار. دادام شۇ چاغقىچە ساقلىيالماي تۈگەپ كېتىپ قالارمىكىن دەيمەن. سەن تېخى بىلمەيسەن، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن بىر ھەدەم، ئىككى ئاكام ھەتتا ئاپاممۇ مەن ئاغرىغان كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن. ھازىرقىسى ئۆگەي ئاپام.
ئەڭ ئاخىردا ئېشىپ قالغان مەنمۇ ئۆلسەم، بىز بىر ئائىلىنىڭ قېنى تۈگەيدۇ دېگەن گەپ. بۇ ئىشلارنىڭ دادامغا قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن. ئۇنىڭسىزمۇ، قايتا باش كۆتۈرۈپ بولمايدىغان ئىشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن قەرزگە بوغۇلغان دادام ئۈمىدسىزلىكتە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى دېمىسەممۇ چۈشىنىسەن. شۇنداقتىمۇ بۇ رەسىملىك كىتابنىڭ سېنىڭ بالاڭنىڭ كىچىككىنە قوللىرىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. مەيلى نېمىلا بولسۇن، مەندە بۇنچىلىك بىر ئارزۇنىڭ بولىشى ئەرزىمەس ئىش بولمىسا كېرەك.
يەنە كۆزۈم تورلىشىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇق يېزىشقىمۇ مادارىم يەتمەيدۇ. بالاڭنىڭ ساغلام بالىلاردىن بولۇشىنى... ھەراست، مۇنۇ <<موموتارو&t;&t; ئەپەندىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن.
شوۋا (جاۋخې) نىڭ -يىل -دېكابر
_ قانداق گەپ بۇ ... قانداق گەپ بۇ _ مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي بىر خىل غۇدۇرايتتىم، _ زادى قانداق گەپ بۇ؟ _ كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
_ ۋاي دادا، يىغلاۋاتىسەنغۇ ... دادا ئاپا تېز كەل دادام يىغلاۋاتىدۇ ...
ھەيران بولغان كېن يىچى ئاۋازىنىڭ بارىچە ئاپىسىنى ۋارقىردى. خوتۇنۇممۇ چۆچۈپ يۈگۈرۈپ كەلدى. مەن ئۈن - تىنسىز خەتنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. ئون ئىككى يىلدىن بۇيان كونۋېرتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىچىدىكى ھەر بىر قۇر خەت خۇددى تۈنۈگۈن يېزىلغاندەكلا ئوچۇق ئىدى. خەت ھازىرغىچە ئېچىلمىغانلىقتىن شۇنداق تۇرغان بولسا كېرەك. خوتۇنۇم خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، قانداقتۇر بىر يامان ئىشقا يولۇققاندەك تىترەك ئاۋازدا سورىدى:
_ ئۆلگەن ئادەمدىن كەلگەن نەرسىكەنغۇ بۇ؟
_ شۇنداق، ئون ئىككى يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن نەرسە ئەمدى كەپتۇ.
مەن يەنىلا ئىشەنگۈم كەلمىگەندەك رەسىملىك كىتابنى -- <<موموتارو&t;&t;نى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتىم.
دوستۇم << F &t;&t; بۇ خەتنى يېزىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى.
ئۇ چاغلاردا خوتۇنۇم ئون بىر ياشلىق بىر نارەسىدە قىز بولغاچقا، << F &t;&t; نى تونۇمايتتى. لېكىن بۇ جان - جىگەر دوستۇمنىڭ ئىشىنى نەچچە قېتىملاپ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەنىدىم. بەزىدە بىرەر ئىشقا ئاچچىقىم كېلىپ نەسىھەت قىلغان چاغلىرىمدا مەقسەتلىك ھالدا مۇشۇ دوستۇمنىڭ ئىشىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
شۇنداق، بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ دوستۇمنىڭ ئىشىنى تا ھازىرغىچە ياد ئېتىپ كېلىۋاتاتتۇق. شۇ كۈنى كەچتە ئۇزۇندىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان كونا كۈندىلىك خاتىرەمنى ئېلىپ خوتۇنۇمغىمۇ ئاڭلىتىپ ئوقۇدۇم. ئادى بىلەن شوۋانىڭ -يىل -دېكابر كۈنىدىكى بەتنى ئاچتىم.
-دېكابر
ئەتىگەن سائەت ئىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مايلىق قورۇما تەييارلاشقا كىرىشىم. پۇتۇمدىكى ئۈششۈك قىزىرىپ، قىچىشىپ ئاغرىيتتى. بۈگۈن ئون ئىككى قاپ دۇفۇ ياسىدىم، ھەممىسى بولۇپ قىرىق پارچىدەك چىقار.
چۈشتىن كېيىن مىڭ تەستە ۋاقىت چىقىرىپ، ئازراق ئاپېلىسىن ئېلىپ << F &t;&t; نى يوقلاپ باردىم. بۈگۈن خېلە ياخشى بولۇپ قالغاندەك كۆرۈندى. كۈلۈمسىرەپ مەندىن ئامانلىق سورىدى. نەچچە كۈن بۇرۇنقى زەئىپ چىراينىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىمدە يىنىك تىنىپ قويدۇم. مەن ئاپېلىسىننى ئاقلاپ ئاغزىغا سېلىپ قويسام سۈيىنى لەززەتلىنىپ شورىدى. << مەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر پىلان ئويلاپ قويدۇم&t;&t; دېدى << F &t;&t;. <<شۇنداقمۇ، قانداق پىلان ئۇ؟&t;&t; ھەيرانلىقىمنى چاندۇرماي سورىدىم. <<دېمەيمەن، بۇ دېگەن مەخپىي پىلان&t;&t; دېدى ئۇ خۇشال كۈلۈمسىرەپ ۋە ماڭا مەمنۇنىيەت بىلەن قاراپ قويدى.
تۆت كۈن ئاۋۋال يوقلاپ بارغىنىمدا، كارىۋاتتا تورۇسىغا قاراپ ياتقىنىچە: <<مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن&t;&t;دەپ زارلىنىپ كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياش تۆككەنىدى. مانا بۈگۈن قانداقتۇر بىر پىلان تۈزۈپتۇ، دېمەك، ئۆزىنىڭ ياشىيالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. مەن خۇشاللىقىمدىن قىن - قىنىمغا پاتماي قالدىم.
_ شۇنداق، سەن ياشايسەن چوقۇم ياشىغىن ئۆلۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭ ئەمدى ياشاپ ئاشۇ كۆڭۈللۈك پىلانىڭنى ئەمەلگە ئاشۇر.
كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئون ئىككى يىل بۇرۇن يېزىلغان بەتلىرىنى خوتۇنۇمغا ئوقۇپ بېرىۋاتقاندىلا، ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنى دېگەنلىرىنىڭ تېگىگە ئاندىن يەتتىم. ئون ئىككى يىل بۇرۇن << F &t;&t; كېسەل كارىۋېتىدا يېتىپ تۇرۇپ تۈزگەن <<كۆڭۈللۈك پىلان&t;&t; كەلگۈسىگە بىر پارچە رەسىملىك كىتاب تەييارلاپ قويۇش پىلانى ئىكەن ئەمەسمۇ مەن تېخى ئۇنى ياشاشقا قايتىدىن ئۈمىد باغلاپ، ھاياتلىق دۇنياسىغا قارىتا <<كۆڭۈللۈك پىلان&t;&t; تۈزۈپتۇ، دەپ خۇش بولغانىكەنمەن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ پىلان تۈزگەنىكەن.
كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋاراقلىدىم. -چىسلادىن كېيىن بىر قانچە كۈن ئالدىراشچىلىقتا << F &t;&t;نى يوقلاپ بارالماپتىمەن. ئىككىنچىقېتىم ئۇنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىم شوۋانىڭ -يىل يىڭى يىل كۈنى بولۇپ چىقتى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ گېلى ئاغرىپ سۈتتىن باشقىسى ئۆتمەس بولۇپ قالغانىكەن. ئۇ كۈنى ئۇ ھالسىزلىنىپ، ئۇخلاپ قالغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ يېتىپتىكەن، ماڭا قاراپ كۆزىنى ئېچىشقىمۇ ماغدۇرى يەتمىدى. بۇ ئەجەلنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
-يانۋار
سائەت ئىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. سىرتتا سوغۇق شامال ھۇقىيتاتتى. قارا قىش كىرىپ قالدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە، ئىش ئارلىقىدىكى بوش ۋاقىتتا يانچۇق دەپتىرىمدىكى نەرسىلەرنى ئۆگىنەي دەپ تۇرسام، << F &t;&t;نىڭ بىر تۇغقىنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ ئادەم << F &t;&t;نىڭ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى، سەكرات ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالدىراپ يولغا چىقتىم.
<< F &t;&t;نىڭ تۇغقانلىرى سىغدىلىپ يۈرۈپ، ماڭا << F &t;&t;نىڭ باش تەرىپىدىن ئورۇن بوشىتىپ بەردى. << F &t;&t;نىڭ ھامما ئاچىسى: << بالام ( ) ئەپەندى كەلدى &t;&t; دېۋىدى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قاراپ خۇرسەنلىك بىلەن باش لىڭشىتتى. << نېمە بولدۇڭ؟ &t;&t; دەۋەتتىم مەن مەقسەتسىزلا. << F &t;&t; بىر نەرسە دېدى، لېكىن ئاۋازى بەك تۆۋەن بولغاچقا گېپىنى ئاڭلىيالمىدىم.
قىسقىغىنا ئۈچ كۈن ئىچىدە مۇنچە چوڭ ئۆزگىرىپ، ئەجەلنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دېمىم سىقىلىپ، بېشىم قايغاندەك بولدى. ئۇ كۆزىنى ھەريان سالاتتى، تورۇسقا، ماڭا قارايتتى. لېكىن مېنى كۆرەلىدىمۇ، يوق، بىلىپ بولمايتتى.
خۇددى بۇ دۇنياغا قىيالمىغاندەك، خۇددى دېڭىزدىن ھېلىلا لەيلەپ چىققان ئادەمدەك، ئۇ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ چوڭ - چوڭ نەپەس ئالاتتى. كېيىن ئۇ يۆتىلىپ قېقىلىپ، بىر گەپنى تەكرارلاپ جۆيلۈشكە باشلىدى.
_ دادا، مۈشۈكنى قوغلىۋەتسەڭچۇ. يوتقىنىمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. ئېلىۋەتسەڭچۇ. ئۆھۈ... ئۆھۈ... ئېل... ۋەت...سەڭچۇ...
<< F &t;&t;نىڭ دادىسى يوق مۈشۈكنى قوغلاۋاتقاندەك، تۇتۇۋالغاندەك ھەركەتلەرنى قىلىپ قويدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە ئېغىز ئاچتى:
_ دادا، <<موموتارو&t;&t;نىڭ رەسىملىك كىتابىنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ. ئۆھۈ... ئۆھۈ... ئۇنتۇپ قالما... ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ.
<< F &t;&t; بالىلىق دەۋرىگە قايتىپ قالدىمۇ نېمە. نەدىكى بىر <<موموتارو&t;&t;نىڭ رەسىملىك كىتابىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدىغۇ دادىسىمۇ ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋەدە بېرىۋاتاتتى. ھەممە تۇغقانلىرى كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئەستە ساقلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈۋاتاتتى.
چۈشتىن كېيىن مۇھىم ئىشىم بولغاچقا، بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ قايتتىم. << F &t;&t;نىڭ دادىسى كەينىمدىن چىقتى.
_ ئوغلۇمنىڭ بۇنچە بولۇپ كېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بالدۇراق بىلگەن بولسام، قانچە پۇل كەتسىمۇ داۋالىتاتتىم. ئۇ نېمىشقا كېسەل بۇ يەرگە يەتكۈچە ماڭا دېمەيدۇ. زادى نېمىشقا ھېچ بىلەلمىدىم، _ دېدى ئۇ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلەتتى. كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا مەن يەنە كەلدىم. ھەممەيلەن << F &t;&t;نى چۆرىدىۋاپتۇ. << F &t;&t;ئاخرقى نەپەسلىرى بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى، بىر نېمىلەرنى دەيتتى. دادىسى قۇلىقىنى يېقىن ئاپىرىپ توختىماي باش لىڭشىتاتتى. سائەت سەككىزلەردە ئۇ قېلىن قاپاقلىرىنى تەسلىكتە ئېچىپ ماڭا قارىدى:
_ سەن ئەتىمۇ دۇفۇ ياسىغىلى كېچە سەئەت ئىككىدە تۇرمىساڭ بولمايدۇ، بېرىپ ئۇخلا...
<< F &t;&t; نىڭ ئوچۇق ئېيتقان بۇ سۆزى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى بولغاي، ئويلىمىغان يەردىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
_ بۇلاردىن غەم قىلغۇچە ئۆزۈڭ بالدۇراق ئۇئىلا، _ دېدى بىر تۇغقىنى. << F &t;&t; نىڭ بۇنچىلىك ئىشلارنى ئېنىق دىيەلىشى ھەممەيلەننى خاتىرجەم قىلغانىدى. ئۇلار، ئۇنى بۈگۈن كېچە سالامەت ئۆتۈپ كەتكۈدەك، دېيىشتى.
مەن سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا قايتىپ كەتتىم. سىرتتا قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى.
-يانۋار
ئەتتىگەن سائەت يەتتىدىكى ئىش ئارلىقىدا ئۇنى يوقلاپ ئۆتتۈم. << F &t;&t; نىڭ دادىسى ئۇنىڭ بىر كېچە كىرپىك قاقمىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ ئەھۋالى ئۇنچە ئېغىردەكمۇ قىلمايتتى. ئۇ ئىش ئۈستىدىن كەلگەنلىكىمنى بىلىۋالدىمۇ، قانداق، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا مىننەتدارلىق نەزىرىدە قارىدى. شۇندىلا مەن يىنىك تىن ئالدىم. كەچتە يەنە كەلمەكچى بولۇپ قايتتىم. چۈشكە يېقىن كوئۇرا تەرەپنىڭ نەرسىلىرىنى تارقىتىۋېتەي دەپ ئىشىك ئالدىدا موتوسىكىلىتقا نەرسە تېڭىۋاتسام، تۈنۈگۈن ئاخشام << F &t;&t; نىڭ يېنىدا كۆرگەن بىر تۇغقىنى ۋېلىسىپىتلىق يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىپ بولۇپ كەينىگە بۇرۇلدى - دە، << ئۇ قازا قىلدى&t;&t; دەپ توۋلاپ قويۇپلا كېيىپ قالدى. يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. ئورنۇمدا تۇرالماي، يەرگە زۇڭ ئولتۇرۇپ قالدىم. <<نېمە بولدى؟&t;&t; توۋلىدى دادام ھەيران بولۇپ. << ( F ) ئۆلۈپ كېتىپتۇ.&t;&t; مەن ئەھۋالنى ئۇنىڭغا قىسقىلام ئۇقتۇردۇم. <<ئۆلۈپ كېتىپتۇ...&t;&t;دادام بۇ سۆزنى قايتا - قايتا تەكرارلايتتى.
چۈشتىن كېيىن << F &t;&t; نىڭ ئۆيىگە باردىم. دوستۇم چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون بىردە كۆز يۇمۇپتۇ. ھازىرغىچە تارتقان بارلىق دەرد - ئەلەملىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپتۇ.
_ ئوغلۇم، بۇ... داداڭنىڭ ئەڭ يېقىن بىر ئاغىنىسى ناھايىتى يىراق يەردىن ئەۋەتكەن كىتاب ئىكەن. _ دېدى خوتۇنۇم ۋە رەسىملىك كىتابنى كېن يىچى بىلەن بىللە بېرىلىپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى. بالام كېن يىچىنىڭ <<موموتارو&t;&t;ھېكايىلىرىنى مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغانلىقى ئېنىق، شۇڭا بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس ئىدى. لېكن ئۇ كىتابنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرۈۋاتاتتى.
دوستۇم << F &t;&t;، كۆرۈۋاتامسەن ؟ بالام كېن يىچى ھازىر خۇشاللىقىدا قىزىرىپ، بەئەينى <<موموتارو&t;&t;٭ (مومو -- شاپتۇل دېگەن مەنىدە) نىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالدى. شۇ تاپتا بۇ بىر پارچە رەسىملىك كىتاب بولماستىن، كېچە ئاسمىنىدىكى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ نۇر يىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھېلىدىن - ھېلىغا چاقناپ تۇرىدىغان بىر پارلاق يۇلتۇزنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ نۇرى سېنىڭ قەلىپ تۇرۇڭ. ئون ئىككى يىللىق مۇساپىنى تاماملاپ ھازىرغا يېتىپ كەلگەن مۇھەببەت نۇرۇڭ.
دوستۇم << F &t;&t;، مەن ھازىر دۇفۇچىلىقتىن يازغۇچىلىق قىلىشقا ئۆتتۈم. ھايات بولغان بولساڭ بۇ ئىش ساڭىمۇ ماس كېلەر ئىدى. ئىختىدارسىزلىقىمدىن بۇرنۇمغا يەپلا يۈرۈۋاتىمەن، بىلىمسىزلىكىمدىن بەزىدە، نېمە دەپ مۇنداق نامى چىقمىغان يازغۇچى بولۇپ قالغاندىمەن، دەپ قاقشاپ كېتىمەن. مانا ئەمدى ئون ئىككى يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈشتىن كەلگەن رەسىملىك كىتاب كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ يېقىندىن بۇيان ناھايىتى كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىمنى سېزىپ، ئىنتايىن خىجىل بولماقتىمەن. ئون ئىككى يىل بۇرۇن كەمبەغەلچىلىكتىن دوختۇر چاقىرالماي ئۆلۈپ كەتكەن سېنى ۋە قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىگەن ئۆزۈمنى ئويلىسام، خۇددى ئۆزۈمنى ھازىرغىچە ياشاشقا مۇناسىپ ئەمەستەك سېزىمەن.
_ دادا، ئۇ دوستىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەمدىكەن؟ _ سورىدى كېن يىچى.
_ ياق، بالام، داداڭنىڭ ئۇ دوستى ناھايىتى يىراقتا، بىزنىڭ ئۆيگە كېلەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سېنى كۆرگۈسى كېلىپ ئۇ كىتابنى ئەۋەتىپتۇ، _ دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
مەن دېڭىز ياقىسىدىكى بىر شەھەردىن << F &t;&t; نىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغانىدىم. بىر ئېغىزلىق كىچىككىنە ئۆيدە << F &t;&t; نىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرىدىكەن. << F &t;&t; مۇ، مۇشۇ ئۆيدە قازا قىلغانىدى. << F &t;&t; نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دادىسىنى بىر يوقلاپ باردىم. ئۇ ئادەم ئىخلاس بىلەن دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتقانىكەن. مەن ئارقا ھويلىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. << F &t;&t; نىڭ يوتقان - كۆرپىللىرى توخۇ كاتىكىگە تاشلاپ قويۇلۇپتۇ. شۇ چاغدىلا مەن تۇنجى قېتىم ياش تۆكتۈم. مەن دۇئا - تىلاۋەتكە بېرىلىپ كەتكەن بوۋايغا گەپمۇ قىلماستىن ئاستا چىقىپ كەتتىم. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە بىر ئىزلەپ بېرىپ ئۇلارنىڭ << &t;&t; شەھىرىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئادرېسىنى سۈرۈشتۈرمەكچىمۇ بولدۇم. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇلار << F &t;&t; نىڭ ئۆتۈنىشىگە ئەمەل قىلىپ، كېن يىچى ئۈچ ياشقا كىرگۈچە ساقلاپ، ئاندىن بۇ كىتابنى ئەۋەتىپ بېرىدىغان ئىشنى ماڭا ئېيتمىغانىدى. << F &t;&t; نىڭ ئۆلىمى بىلەن تەڭلا ئۆزۈمنىڭ ئۇلاردىن يىراقلىشىپ قالغانلىقىمنى ئويلىسام ناھايىتى بىئارام بولاتتىم.
<< F &t;&t; نىڭ ھامما ئاچىسى بولسا كېرەك، بىر ئايال تۇغقىنىنىڭ ئېيتىشچە، مەن ئۇلارنى يەنە ئىزدىسەم مېنى تاڭ قالدۇردىغان ئىشمۇ بارمىش. ئىككى يىللاردىن كېيىن << F &t;&t; نىڭ دادىسى << K &t;&t; شەھىرىدىكى بىر قېرىلار ساناتورىيىسىدە ئۆلۈپ كېيىپتۇ. كېيىن ئالغان خوتۇنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈچ يىل كېيىن << &t;&t; شەھىرىدە قازا قىلىپتۇ.
ئۇنداقتا ماڭا بۇ كىتاب بىلەن خەتنى ئەۋەتىپ بەرگەن زادى كىمدۇ؟ خالتىنىڭ سىرتىدا << F &t;&t; شەھىرىدىكى بىر پوچتىخانىنىڭ تامغىسىدىن باشقا ھېچ مەلۇمات يوق. << F &t;&t; نىڭ دادىسى كۆز يۇمۇش ئالدىدا بىرەرىگە تاپىلاپ قويغانمىدۇيا؟ لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ مۇنچىلىك قىلىپ بېرەلىشى ناتايىن. ئۇنداقتا بۇ رەسىملىك كىتابنى ئون ئىككى يىلدىن كېيىن ئەۋەتىپ بەرگۈچىنىڭ دوستۇم << F &t;&t; نىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئىنكار قىلالىسۇن
بىراق، ئۆتمۈشتىن تارتىپلا نۇر چېچىپ كېلىۋاتقان، يورۇقلۇق مەنبەسىدىن چاقنىغان كىچىككىنە نۇر دەستىسى چەكسىز قاراڭغۇ ئالەمنى كېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەندەك، دوستۇم << F &t;&t;، سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەلىپ ئارزۇيۇڭ بولغان رەسىملىك كىتاب - <<موموتارو&t;&t; مانا ھازىر مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ ...
( ياپونچە <<ياپون تىلى&t;&t; ئوقۇشلىقىدىن )
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |