تۇزاق
كەتسىمۇ سىنشى ( ياپونىيە )
ئىسكەندەر ئابلا تەرجىمىسى
ئاخىرقى ترامۋاي كېتىپ قالغان، بېكەتتىكى چىراغلارمۇ ئۆچكەنىدى. چىقىش ئېغىزىدا بېلەت تەكشۈرگۈچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
بېكەتتە تاكسى كۈتۈپ تۇرغان يولۇچىلار ئۆزلىرىنى يامغۇردىن دالدىغا ئېلىپ ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ تۇرۇشاتتى. ھەپتىنىڭ ئاخىرى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاچقا، ئۆچىرەت ئىلگىرىكىدىن ئۇزۇن ئىدى. يامغۇر ھازىرلاردىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
خاماساكى كەيپى ئۇچقان ھالدا ئۈن - تىنسىزلا ماشىنىنى بېكەتكە يېقىن ئەكېلىپ توختاتتى. ئۆچىرەتنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر قىز قول ياغلىقىنى بېشىغا دالدا قىلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان خاماساكىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. خاماساكى ئىختىيارسىز <<ۋۇي&t;&t; دەۋەتتى. ئۇ، بايا بىر يولۇچىنى ئېلىپ كەتكەندە بۇ قىز ئۆچىرەتنىڭ ئالدىدا تۇرغانىدى. ئارىلىقتىكى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا بىرەر تاكسى كەلمىدىمىكىنە؟ بۇنداق ۋاقىتتا بېكەتتە قىزلار كۆپ بولمايتتى. شۇڭا بۇ قىز كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. قىز نۆۋىتىنى يولۇچىلارغا ئۆتۈنۈۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
قىز بارىدىغان يېرىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى، خاماساكى كۆپ ئويلاپ تۇرمايلا قىزنى ماشىنىغا چىقىرۋالدى.
ماشىنا قوزغالدى. قىز بېشىنى ئالدىدىكى ئورۇننىڭ يۆلەنچۈكىگە يېقىن ئەكىلىپ، شوپۇرغا زەن سېلىپ قارىدى. خاماساكى يۈزىگە ئۇرۇلغان تىنىقنى سېزىپ بېشىنى سەل بۇرىدى.
-كەچۈرۈڭ، قارىسام بولمامدۇ، -قىز ئەركىلىگەندەك بىر قىياپەتتە سورىدى.
- ياقەي، بىراق... نېمىگە قاراۋاتىسىز؟
-ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم، شۇڭا قارىدىم.
-شۇنداقمۇ؟ ماشىنا ئىچى بەك قاراڭغۇ، ھېچنىمىنى كۆرەلمەسسىزمىكىن.
- شۇڭا، يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ كۆرەيمىكىن دەيمەن.
- ئالدىغا ئۆتۈپ ئولتۇرۇڭ، ئالدى - كەينىنىڭ باھاسى ئوخشاش.
خاماساكىنىڭ چاقچىقىدىن قىز كۈلۈپ قويدى. خاماساكى ماشىنىنى توختىتىپ ماشىنا ئىشىكىنى ئاچتى.
قىزنىڭ يۈرەكلىك ئېيتقان سۆزلىرى بۇ زېرىكىشلىك يامغۇرلۇق كېچىدە شوپۇرنى تاتلىق ھېسلارغا چۆمدۈردى.
قىز ئالدىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئىشىكنى ياپتى. قىزنىڭ ئاغزىدىن كېلىۋاتقان ھاراق بۇسىدىن بىر قىسما بولغان خاماساكى خۇمارى كەلمىسىمۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى.
- ئەتىدىن كەچكىچە ماشىنىدىلا يۈرىيسىز، نېمىدېگەن راھەت،- قىزنىڭ خۇمارى تۇتقان بولسا كېرەك، تىزىغا قويۇۋالغان سومكىسىنى ئېچىپ، بىر تال تاماكىنى ئاغزىغا قىستۇردى.
- ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن تاكسى ھەيدەش تولىمۇ زېرىكىشىلىك، - دېدى خاماساكى ئاچچىق كۈلۈپ،
خاماساكى شەھەر سىرتىدىكى يېيى ئولتۇراق رايونغا يېقىن جايلارغىلا ماڭاتتى.كۈندۈزلىرىمۇ يىراققا بارماي، ئاساسلىق بىر يولدا نېرى - بېرى قاتناۋېرەتتى.
- كېچىدە ماشىنىغا چىقىدىغان يولۇچىلارغا چىرايىدىن ھارغىنلىقتىن باشقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقلارنى توشۇش بەكمۇ زېرىكىشلىك.
- ترامۋايدىمۇ ئوخشاش.
- يولۇچىلانىڭ چىرايىدىن دۇنيادا ئادەمنى ھەممىدىن چەكلەپ تۇرىدىغان جاينىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
- ئائىلە ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ زېرىكىشلىك، شۇنداقمۇ؟
- ئىشقىلىپ، كېچىدە ھارغىن يولۇچىلارنى توشۇش بەكلا جېنىمغا تېگىدۇ.
- ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتامدۇ؟ - سورىدى قىز شوخلۇق بىلەن.
خاماساكى بېشىنى قىز تەرەپكە بۇرىدى. قىز مىيىقىدا يېقىملىق تەبەسسۇم، پۇتلىرىنى ئالماپ ئەركىن ئولتۇراتتى، ئېچىلىپ قالغان ئاپئاق تىزلىرى قاراڭغۇدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
- ياق، ئۆزۈمنى كۈڭۈللۈك سەيلىدە يۈرگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، - يۈرىكىدىكى گەپنى قىلدى خاماساكى كۈلۈپ.
- ئارىلاپ مەندەك يولۇچىنىڭ بولغىنىمۇ ياخشىدۇ ؟
- ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقىنىڭىزغا قانچە ۋاقىت بولدى؟
- ھازىر پراكتىكا كىنىشكام بار، ماشىنىڭىزنى بىردەم ھەيدەپ باققان بولسام بەك ياخشى بولاتتى.
- مېنىڭ ئەجىلىمدىن بۇرۇن ئۆلگۈم يوق.
- كېرەك يوق، كەچتە ماشىنا ئاز، ئەگەر ئەنسىرسىڭىز، يېنىمدا ئولتۇرۇپ تورمۇزنى دەسسىسىڭىزلا بولىدۇ.
قىز يېنىغا ئۆرۈلۈپ پۇتىنى خاماساكى تەرەپكە سوزۇۋىدى، خاماساكىنىڭ تېنىگە بىر ئىللىق ئېقىم يامراپ، بېشى سەل قايدى.
<< بۇ يولۇچى تازىمۇ غەلىتىكەنغۇ. &t;&t; خاماساكى كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىسىمۇ، ئېغىزىدىن چىقارمىدى. ئۇ ماشىنىنى توختىتىپ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇساپە ھېسابلاش ئەسۋابىنى بېسىپ قويدى.
- راستتىنلا مېنى ھەيدىگىلى قويامسىز - قىز خۇشاللىقىدا چاۋاق چېلىپ كەتتى.
- بەك تېز ھەيدىمەڭ، سىزگە تاپشۇردۇم ، - خاماساكى ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇۋىدى، قىز مۈرىسىدىن تارتىپ:
- ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئالمىشىۋالايلى. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، دېدى.
خاماساكى قىز تەرەپكە سۈرۈلدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن خاماساكىنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ، كۈلگىنىچە خاماساكىنىڭ ئورنىغا ئۆتتى.
خاماساكىنىڭ پۇتى كۆيۈشكەندەك بولدى، قىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دادىللىقى ئۇنى چۆچۈتكەنىدى.
- ھاراق ئىچىپىسىز، كېرەك يوقتۇ؟ - خاماساكىنىڭ گېپىدىن سەل پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- ئازراقلا ئىچكەن...
كۈتىمىگەن يەردە قىز ماشىنىنى ئۇستىلىق بىلەن خوتقا سالدى، ماشىنا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. خاماساكى كۈتۈلمىگەن تاسادىپىيلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم قىزنىڭ بەدىنىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن، قىزغا چالىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردى.
ماشىنا ئەتراپى دەرەخ بىلەن قاپلانغان كەڭ دالىدا ئىككى كىلومېتىرچە ماڭدى، قىز ماشىنىنى توختاتتى .
- بولدى، رەھمەت.
خاماساكى نېرىغا سۈرۈلدى، قىز يەنە ئورنىدىن تۇردى، قىزنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ھەۋەس ئوتىنى قوزغىۋاتاتتى. قىز رەت قىلماس- ھە، بۇ چاغدا قىز يەنە خاماساكىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ قالدى، خاماساكى ئىككى قولى بىلەن قىزنىڭ بېلىدىن شاققىدە قۇچاقلۋالدى. - ئۇنداق قىلماڭە...
ماشىنا ئىچىدە ناز قىلغا ئاۋاز ئاڭلاندى.
خاماساكى قىزنى قۇچىقىدا چىڭ بېسىپ تۇرۇۋالدى، قىز توختىماي تىپىرلايتتى، نەپسى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى، خاماساكى ئاخىر قىزنى بىر يانغا قىستاپ، لەۋلىرىنى قىزنىڭ يۇمران لەۋلىرىگە باستى. شۇ تاپتا سېسىق ھاراق ھىدىمۇ ئۇنىڭغا بىلىنمىدى، قىزنىڭ كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنى بىر - بىرلەپ يەشتى...
ئەتىسى خاماساكى كۈندۈزى دەم ئالدى، ئۇ كەچتە قىزنى يەنە كۆرۈشكە ئالدىراپ ئىشىك تۈۋىدە ئايلىناتتى، قاراڭغۇ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تىت - تىت بولاتتى.
خاماساكى تۈنۈگۈن كەچتىكى ئىشنىڭ شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. تۈنۈگۈن كەچتىكى بەختنىڭ [پەيزى تېخى كەتمىگەن، ئۇنى توختىماي ۋەسۋەسىگە سالاتتى. ئۇ ئىختىيارسىز غەم قىلىشقا باشلىدى. قىزنى يەنە ئىزدەپ بارسا قاملىشارمۇ؟ قىز ئۇنى بوسۇغىسىدىنلا قوغلىۋەتسىچۇ؟
ئاخىر قاراڭغۇمۇ چۈشتى. خاماساكى ئۆيدىن چىقىپ، ماشىنا ئىشىكىنى ئاچتى.
تۈنۈگۈن كېچە قىز ماشىنىدىن چۈشكەن جاي خاماساكىنىڭ ئېنىق ئېسىدە ئىدى. قىز ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، ئىچى تەرەپتىن سانىغاندا ئىككىنچى ئىشىك ئالدىدا توختاپ ئاچقۇچنى چىقارغان ...
ئاۋۋال ئاشۇ ئائىلىلىكلەر بىناسىغا بىر بېرىپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئۆيدە چىراغ يېنىق بولمىسا قايتىپ كېلەر، مۇبادا ئۇ ئۆيىدە بولسا، ئۆيگە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ، شۇ چاغدا بىر گەپ بولمامدۇ.
خاماساكى ئائىلىكلەر بىناسى ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىنىڭ سۈرىتىنى ئاستىلىتىپ چەتتىكى ئىككىنچى دېرىزىگە قارىدى، دېرىزە يورۇق ئىدى. كىرىپ باقاي، بوسۇغۇدىن قوغلۇۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى.
خاماساكى ماشىنى ئائىلىلىكلەر بېناسىنىڭ دوقمۇشىدا توختۇتۇپ قويۇپ، ئاق سالاسۇننى بويلاپ بىناغا چىقتى. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، ئىشىكتىكى <<كاۋاخارا ماكوتو&t;&t;دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى.
<<ئۇ ئېرى بار خوتۇن ئوخشىمامدۇ؟&t;&t; خاماساكى ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرغاندا، كاللىسىغا بىر بىمەنە خىيال كېلىپ قالدى.
<<ئېرى بار خوتۇن بولسا تېخىمۇ ياخشى، تۇيۇقسىزلا كىرىپ بارسام چوقۇم قورقۇپ جان - پېنى چىقىدۇ، قورقۇپ نېمە دېسەم شۇنى قىلىدۇ.&t;&t;
_ نېمە ئىش ؟
ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، بىر ناتۇنۇش ئايالنىڭ چىرايى كۆرۈندى، خاماساكى چۆچۈپ كەتتى.
پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر چىراي، يېشىمۇ ماس كەلمەيتتى. بىر قاراشتىلا ئوتتۇز ياشنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنەتتى، شۇنداق سېمىز، چىرايى قورقۇنچلۇق ئىدى.
_ ۋۇي، خاتالىشىپتىمەن، _ گاڭگىراپ قالغان خاماساكى دەماللىققا مۇۋاپىق گەپ تاپالماي قالدى.
_ خاتالىشىپتىمەن؟
_ ئۆيىڭىزدە تۈنۈگۈن كەچ سائەت بىرلەر ئەتىراپىدا تاكسىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن قىز تۇرامدۇ؟ _ ئىلاجسىز قالغان خاماساكى ئوچۇقىنى دەۋەتتى.
_ ئۆيدە ئايال كىشىدىن مەن ۋە يەسلىگە بېرىۋاتقان بىر نارەسىدە قىزلا بار، _ ئايال شۈبھە بىلەن خاماساكىغا قارىدى، تەلەپپۇزى سوغۇق ئىدى.
_ قارىغاندا راستىنلا خاتالىشىپتىمەن.
_ سىز ...
_ مەن تاكسى شېركىتىنىڭ شوپۇرى.
_ ئۇ قىزغا نېمە بولدى؟
_ ئۇ بىر نەرسىسىنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ يەرگە ئىزدەپ كېلىشىم، _ خاماساكى دەرھال ئويلاپ تاپقان بۇ باھانىسىدىن كۆرەڭلەپ كەتتى، _ ئۇ قىز مۇشۇ بىنا ئالدىدا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇ قىزنى بىلەمسىزكىن؟
خاماساكى قىزنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە چىراي - شەكلىنى بىرقۇر سۈرەتلەپ بەردى.
_ مۇنداق قىز يوققۇ. _ بۇ يەردە يىگىرمە بەش ياشلار ئەتراپىدىكى قىز يوق، ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بالىلىرى يەسلىگە بارغۇدەك بولۇپ قالغان ئاياللار. بىزنىڭ بىنادا ئۇنداق يېرىم كېچىگىچە ئىچىپ ئۆيگە مەست قايتىدىغان ئاياللارمۇ يوق.
_ شۇنداقمۇ ؟
_ ئۇ راستىنلا مۇشۇ يەردە ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغانمۇ ؟
_ شۇنداق.
_ قىزىق، ئالدى تەرەپ بوشلۇق... بىراق، ئالايىتەن ئىزدەپ كەپسىز، ھەقىقەتەن ياخشى شوپۇركەنسىز.
خاماساكى مەسخىرىلىك ماختاش سۆزىنى ئاڭلاپ، بېشىنى لېڭشىتىپ ئارقىسىغا ياندى. ئۆي ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى ئىشىكنىڭ يېپىلىشى بىلەن جىمىقتى. تۇيۇقسىز جىمجىتلىقتىن خاماساكى بىر پەس داڭقېتىپ قالدى. كاللىسىدا قىزنىڭ گۈزەل سىماسى قايتىدىن ئېنىق گەۋدىلەندى. قىزنىڭ بايىقى ئايال ئاچقان ئىشىك ئالدىدا توختاپ ئاچقۇچنى چىقارغىنى ئېنىق...
ئەگەر ئۇ خىيالى تۇيغۇ بولسا، تاتلىق ئارزۇلىرى كۈپۈككە ئايلىنىدۇ. ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. خاماساكى بېشىنى قاتتىق سىلكىپ قويۇپ ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ پەلەمپىيدىن چۈشتى.
ئەتىسى خاماساكىنىڭ ئىشلەيدىغان كۈنى ئىدى. ئۇ تىجارەت ئورنىغا كەلدى، بىر پارچە تېز خەت ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ قولىدىن خەتنى ئالدى، لىپاپتا <<ياناتا سىكاكو&t;&t;دېگەن ئىسىملا بار، ئادرېسى يوق ئىدى. خاماساكىغا بۇ ئىسم تولىمۇ يات ئىدى.
لىپاپتا نەچچە پارچە قەغەز قاتلاقلىق تۇراتتى، خاماساكى قەغەزنى ئېچىپ كۆرۈپ، شۇ زامات داڭقېتىپ قالدى. بىرىنچى پارچە قەغەز ئۆزىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا خاماساكى خىزمەت قىلىدىغان شىركەتنىڭ نامى، ئىسىم فامىلىسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ماشىنا نۇمۇرى قاتارلىقلار يېزىلغان ئىدى. بەلگىلىمە بويىچە، شوپۇر تىجارەت جەريانىدا تىجارەتتە لازىم بولىدىغان كۆرسەتمىلەرنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يولۇچى ئېنىق كۆرەلىگۈدەك قىلىپ يېزىپ قويۇشى شەرت ئىدى. قەغەزگە خاتىرىلەنگەنلىرى توپتوغرا ئىدى.
خاماساكى گاڭگىراپ قالدى، ئىككىنچى پارچە قەغەزگە خەت يېزىلغانىدى. خاماساكى ئوقۇۋېتىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئىشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەردىن خالىي ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ خەتنى ئوقۇدى:
<<تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.&t;&t;
خەت شۇنداق باشلانغانىدى، خەتلەر ئۇششاق، ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىدى. بۇ سۆزلەر دەسلەپتە خاماساكىنى تاتلىق ھېسلارغا چۆمدۈردى، بىراق، قىز تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ بۇ سىز خەتنىڭ كېيىنكى يتېرىمىدا ئېچىلغاندا، خاماساكىنىڭ بېشىدا چاقماق چېقىلغاندەك بولدى.
<< سەن مېنىڭ نومۇسۇمغا تەگدىڭ، تۈن نىسپىدە ئادەملەرمۇ يوق، ماشىنىلارمۇ يوق دالىدىكى تار يولدا ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدىڭ. ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئورنى يوق ئىكەن، مەن بۇ ئاھانەتكە چىدىدىم. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايمەن، سەن سەمىمىيلىك بىلەن نامۇقۇل بولمىغۇچە سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. ئەگەر سەندە سەمىمىيلىك بولمىسا، تۈنۈگۈنكى ئىشنى خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئاشكارىلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىجارەت كىنىشكاڭنى خاتىرلىۋالدىم. بولمىسا سېنىڭ شېركىتىڭگە ئەرز قىلىمەن، ئەگەر ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، ئار - نومۇسنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن، سېنىڭدەك شەھۋەتخور شوپۇرنى جەمئىيەت جازالىسۇن
جاۋابىڭنى كۈتىمەن. مۇشۇ شەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە تىنچلىق رېستۇرانى زالىدا سېنى ساقلايمەن.&t;&t;
شەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىزگە يىگىرمە مىنۇت قالغاندا، خاماساكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىنسۇكۇدىكى تىنچلىق رېستۇرانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.
شۇ كۈنىمۇ خاماساكىنىڭ ئىشلەيدىغان كۈنى ئىدى، ئۇ رۇخسەت سورىدى. ئۆزىنىڭمۇ ئىشقا چىقىشقا پەقەتلا رايى يوق ئىدى.
خەتنى تاپشۇرۋالغان ئۈچ كۈندىن بۇيان، غەزەپ ۋە تەشۋىش خاماساكىنى قىينىماقتا ئىدى. ئىسمى بىلەن ئادرېسى نامەلۇم بۇ قىزنىڭ مۇددىئاسى نېمىدۇ؟ خاماساكى تەشۋىش ھەم قورقۇنچتا قالدى.
يامغۇرلۇق كېچىدىكى ئىشنىڭ باسقۇنچىلىققا كىرمەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئېنىق ئىدى.
بۇنىڭ تۇزاق ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ قىز ئەسلىدە ئولجا ئىزدەپ يۈرۈپتىكەن. ئاخىرقى ترامۋاي كەتكەندىن كېيىنكى يامغۇرلۇق كېچىدە قىز ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان يولۇچىلارنىڭ ئالدىدا پۇرسەت كۈتۈپ، ئۆز نۆۋىتىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆتۈنگەن، كېيىن خاماساكىنى تاللاپ تۇزاقنى قۇرغانىدى.
بىراق، ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ خاماساكى ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىدى. قىز نېمىشقا مۇنداق رەزىل تۇزاقنى قۇرىدۇ، مەقسىدى نېمىدۇ؟
زالغا كىرگەندە خاماساكىنىڭ يۈرىكىنى بىرخىل بىئاراملىق ئىگىلىدى. قېلىن گېلەم ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا ئۆزىنى بۇ يەرگە بىر يامان نىيەت بىلەن كىرگەندەك ھېس قىلىپ قالدى.
زالدىكى دىۋانلار چەتئەللىك ۋە ئېسىل كىيىنگەن ياپونلار بىلەن لىق توشقان، بوش ئورۇن قالمىغانىدى.
خاماساكى ئەتىراپقا كۆز يۈگۈرتتى، ئۇ ئىزدىمەكچى بولغان قىز كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن يېنىغا كۈلدان قويۇلغان تۈۋرۈك قېشىغا كېلىپ بىرتال تاماكا تۇتاشتۇردى. تاماكىنى چېكىپ بولۇپ ئەمدىلا ئۆچۈرۈپ تۇرىشىغا قىز پەيدا بولدى.
_ چاقمىقىڭىز بارمۇ؟
خاماساكى ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە ئۆرۈلدى، قىز ئۇنىڭ كەينىدە پەرۋاسىز كۈلۈپ تۇراتتى. خاماساكى دەماللىققا قىلىدىغان سۆز تاپالمىدى، قىزنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايىدىن تېڭىرقاپ قالغانىدى.
_ سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ ھېلىقى خەتچۇ _ خاماساكى تەستە ئېسىگە كەلدى.
_ چاقمىقىڭىزنى بېرىپ تۇرالامسىز؟ _ قىز قەستەن گەپنى باشقا ياققا بۇراپ خاماساكىغا قىيا باقتى.
ئەگەر ئەتراپىدا ئادەم بولمىغان بولسا، خاماساكى ئۇنى جەزمەن ئۇرۇۋەتكەن بولاتتى. خاماساكى چاقمىقىنى چىقاردى، قىز يېقىن كېلىپ پەس ئاۋازدا:
_ بۇ يەر بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى سىزمۇ خالىمايسىزغۇ دەيمەن، _ دېدى.
_ نەگە بارايلى دەيسىز ؟
_ ئۆزىڭىز بىلىڭ، بىراق ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم بولمىسۇن.
_ ماشىنىدا پاراڭلىشايلى، ماشىنام ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا.
_ ماقۇل.
قىز تاماكىسىنى كۈلدانغا تاشلىدى. خاماساكى ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
_ ياخشى ماشىنىكەن، قانچە پۇلغا ساتقىلى بولار؟ _ خاماساكىنىڭ قىزىل راڭلىك ئېسىل ماشىنىسىنى كۆرگەن قىز چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ سورىدى...
_ سىز پۇل ئۈچۈن مۇشۇ ئويۇننى ئوينىدىڭىزمۇ؟ _ سورىدى خاماساكى ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن.
_ <<ئويۇن ئوينىدىڭىز&t;&t; دەمسىز ؟ _ قىز ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدى.
_ ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا <<باسقۇنچىلىق قىلدىڭىز&t;&t;دېگىنىڭىز قانداق گەپ، ئۇ ئىش ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بولغانغۇ؟
_ باسقۇنچىلىق ئەمەس دەپ كىم گۇۋاھ بولالايدۇ، شۇ چاغدا ئىككىمىزلا بار تۇرساق.
_ ئۇنداقتا ئۇنىڭ باسقۇنچىلىق ئىكەنلىكىگە كىم گۇۋاھ بولالايدۇ ؟
_ بۇ ئاددىغۇ، مەن ئىسپات بولالايمەن. ئايال كىشى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتسىلا ھەرقانداق ئادەم ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شېركىتىڭىزدىكى خىزمىتىڭىزدىنمۇ ئايرىلىسىز.
ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسىز ؟
_ ياق، سودىلىشىۋاتىمەن.
_ سودىلىشىۋاتىمەن؟ نېمە ئالماقچىسىز ؟ پۇلمۇ ؟
_ پۇلىڭىز شۇنچە كۆپمۇ ؟
_ ئەمسە نېمە ئالىسىز ؟
_ ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بېرىسىز، بۇ ماڭا تۆلىگەن ھەققىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
_ ئەگەر رەت قىلسام، باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ ۋارقىرايسىز، شۇنداقمۇ؟
_ سىزگە بىكارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان نەرسە يوق. سىز جىگىرى بار يىگىت، مېنىڭ جىسمىمدىن نەپ ئالغان.
قىز كۈلدى، كۆزلىرىدىن رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇراتتى، خاماساكىغا قادىلىپ قارىشىدىن نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئىدى.
_ مېنى نېمە قىل دەيسىز؟
_ سىزنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە سالىمەنمۇ؟ ياق، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ.
_ ئەمىسە ئېنىق بىرنىمە دېمەمسىز
_ ئاۋۋال مۇۋاپىق بىر جاي تاپايلى. ئاندىن سىزگە بىر باشتىن سۆزلەپ بېرىمەن.
_ نەگە بارىمىز؟
_ ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ، ياش قىز - يىگىتلەرگە قانداق جاي مۇۋاپىق كېلىدۇ؟
_ مېھمانخانا؟ سىز يەنە ئۆزىڭىزنى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدىم دەپ توۋلايدىغانغىمۇ؟
_ مېنى شۇنچىلىك دۆت كۆرۈۋاتامسىز؟ مېھمانخانىغا بارغان ئايال ئۆزىنى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدىم دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ كېچىلىك ماشىنىدا بولسا ئۇ باشقا گەپ، _ دېدى قىز مەسخىرە تەلەپپۇزدا.
قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى مۇغەممبەرلىك بىردىنلا يوقىلىپ، يېقىملىق تۈس ئالدى.
ئايال خەق قورقۇنچلۇق نەرسە، لېكىن ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ، مېھمانخانىغا بارسام، ماشىنىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان دېگەن دەلىل - ئىسپات قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. باسقۇنچىلىققا .ئۇچرىغان ئايال ئۆزى قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان باسقۇنچى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مېھمانخانىغا كىردى دېگەننى كىم ئاڭلىغان.
خاماساكى ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئويلىناتتى. بۇ قىزنىڭ مۇشۇ مېھمانخانىغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھچىدىن بىرنى تېپىشىم كېرەك. ئۇ ئەقىل تاپتى. مېھمانخانا كۈتكۈچىسىدە بىرەر تەسىر قالدۇرۇش كېرەك. بۇ ياخشى چارە ئەمەستۇ، بىراق شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدۇ.
ئوكۇبو مېھمانخانىسىدا ئوتتۇرا ياشلىق ئايال كۈتكۈچى ئۇلارنى لېفت ئالدىغا باشلاپ باردى. لېفت ئىشىكى يېپىق ئىدى، ئۇلار كۈتۈپ تۇرۇشتى. ئۇشتۇمتۇت، خاماساكى قىزنىڭ كۆكسى ۋە بېلىكىنى سىلاپ دېدى:
_ مۇشۇنداق قىلساق ھېچكىممۇ سىزنى ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلەشكۈچى دەپ قارىمايدۇ.
كۈتكۈچى ھەيرانلىق بىلەن قىزغا قارىدى. قىز ئۆزىنى قاچۇردى، كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنىدى. شۇنداقتىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ:
_ سەتلەشمەڭا، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى دېگەن نېمە ئۇ، خېجىل بولمامسىز؟
_ مېھمان چاقچاققا ئۇستىكەن، _ دېدى كۈتكۈچى كۈلۈپ.
قىزنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بەرگەن جاۋابى خاماساكىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. خاماساكى قانائەت ھاسىل قىلدى، كۈتكۈچى بۇ ئىشنى جەزمەن ئېسىدە تۇتىدۇ.
_ غەرىزىڭىزنى بىلىمەن، _ دېدى قىز ياتاققا كىرگەندىن كېيىن دىۋاندا سىڭايان ئولتۇرۇپ.
_ نېمە؟
_ سىز كۈتكۈچىنى بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان تەسىراتقا كەلتۈرمەكچى. ئىككى ئادەم مېھمانخانىغا بىرلىكتە كىرسە باسقۇنچىلىق قىلغانلىق بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟
قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. خاماساكى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا غەرىزىنى ئېچىپ تاشلىغان قىزغا ئالىيىپ قويدى.
_ ئەسقاتمايدۇ
_ نېمە؟
_ بۇ، باسقۇنچىلىق قىلمىغانلىققا دەلىل - ئىسپات بولالمايدۇ. مەن سىزنى، ماڭا تەھدىت سالدى، مېنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمنى سىرتقا يېيىۋەتمەكچى بولدى، ئامالنىڭ يوقلىقىدىنلا ئۇنىڭ بىلەن مېھمان خانىغا كىردىم، دېسەم بولىۋېرىدۇ.
_ لېكىن، لېفتتا قىلغان چاقچىقىڭىز، تەھدىتكە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.
_ بۇنىڭغىمۇ گەپ تېپىلىدۇ، كۈتكۈچىنىڭ ئادىدا مەسخىرىگە قالسام بولمايتتى _ دە .
_ قېنى، سودىلىشىدىغان ئىشقا كېلەيلى.
_ ئەمدى ئەخلىڭىزنى تاپتىڭىز. ئاۋۋال بۇ سۈرەتلەردىكى چىرايلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتىۋېلىڭ، _ قىز سومكىسىدىن بىر لىپاپىنى چىقىرىپ دىۋان ئالدىدىكى شىرە ئۈستىگە قويدى.
لىپاپتا ئۈچ پارچە سۈرەت بارئىدى. سۈرەتلەر يىراقتىن تارتىلغاندەك قىلاتتى. ئۈچىسىلا ئوتتۇز ياشتىن ئاشقان يۈزى يۇمىلاق بىر ئايالنىڭ سۈرىتى ئىدى، بىرىنچىسىدە ئۇ ياپونچە كىيىم كىيىپ بېكەت ئالدىدا تۇراتتى؛ ئىككىنچىسىدە ئۆي ئىچىلىك كىيىم كىيىپ، مېۋە - چىۋە دۇكىنىدىن مېۋە ئېلىۋاتاتتى. يەنە بىرى گولف توپ ئۇرىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىدى. ئايالنىڭ چىرايى ناھايىتى ئېنىق تارتىلغان ئىدى.
_ بۇ ئايال كىم بولىدۇ؟
_ ئۇنىڭ ئىسمى ئودا ئېمىكو، مۇساسىنو شەھىرى ئىسوسىكا كىتاماچى -كوچا -نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇردۇ. ئاۋۇ كىشىنىڭ ئايالى...
_ ئۇنى نېمە قىلاي دەيسىز؟
_ ئەمدى قىلىدىغىنىمىز، بۇ ئايال بىلەنمۇ بىر قېتىم بىللە بولىسىز، _ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىدى.
_ سىز مېنى ئودا ئېمىكو ئىسىملىك بۇ ئايال بىلەنمۇ شۇنداق ئىش قىل دېمەكچىمۇ؟ _ خاماساكى چۆچۈپ كەتتى.
_ توغرا، شۇنداق قىلىسىز.
قىز پۈتۈنلەي يالىڭاچلىنىپ، دىۋاندا ئولتۇرغان خاماساكىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، بوينىغا گىرە سالدى.
_ نېمە ئۈچۈن مېنى قىلچە تونۇشمايدىغان بىر ئايال بىلەن بىللە بولۇشقا زورلايسىز؟
_ سىزدەك خوتۇنباز شوپۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بولمامدۇ.
_ سىز ماڭا شۇ ئىشنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقانمۇ؟
_ زىيان تارتمايسىز، ئاياللارنى بىكارغا ئوينايسىز...
_ بىلىپ تۇتۇپ ئوت تۇتقانلىقتە بۇ.
قىز خاماساكىغا ئودا ئېمىكونى قانداق ئىندەككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا يول كۆرسەتتى. خاماساكى ئودا ئېمىكوغا ئالاقىدار بەزى نەرسىلەرنى بىلىۋالدى. ئودا ئېمىكو ئويۇنغا ئامراق، باي ئائىلىنىڭ ئاياللىرى ئىكەن، ھەر ھەپتىدە ۋاتايانىڭ ئالىي دەرىجىلىك قاۋاقخانىسىغا ھاراق ئىچكىلى بارىدىكەن. ئۇ دائىم بارىدىغان قاۋاقخانىغا بېرىپ كۈتۈپ تۇرسىلا، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇۋالغىلى بولىدىكەن.
_ سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ _ سورىدى خاماساكى.
_ ئودا ئېمىكو مېنىڭ راقىبىم.
نېمىدىگەن يامان قىز بۇ، باشقىلارنىڭ ئېرىنى تارتىۋالماقچى ئوخشىمامدۇ؟
قىز يەنە خاماساكىغا، ئودا ئېمىكونىڭ ئېرىنىڭ توكيودا ئاياللارنىڭ ئېمپورتقىلىنغان كىيىم - كېچەكلىرىنى ساتىدىغانلىقىنى، كىيىم ئالغىلى بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى، يېقىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىككى يېرىم يىل بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئودا ئېمىكولارنىڭ بالىسى يوق ئىكەن، ئېرى بىلەن بۇ قىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئەر - خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن، ئايال ئاجرىشىپ كېتىشكە ئۇنىمىغان. ئېرىنىڭ ئاشنا ئوينىغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ كېچىلىرى كوچىدا خېرىدار ئىزلەپ يۈرىدىغان بولۇپ قالغان. ئېرىنىڭ تۇتىۋالغان يېرى بولمىغاچقا، خوتۇنىغا ئامال قىلالمىغان.
_ مەن شەخسى رازۋېچچىك ياللاپ ئۇ خوتۇننىڭ كەينىگە سېلىپمۇ باقتىم، ئۇنىڭ ئېرىگە، پاكىت بولغاندىكىن ئاجرىشىپ كەتمەمسىز، دەپ نۇرغۇن قېتىم ئېيتتىم. ھەي، ئەر خەق مۇنداق ئىشقا كەلگەندە كېسىپ بىر ئىش قىلالمايدىكەن.
_ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئەر كىشى ئايالنىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيەتجان بولىشى كېرەكدە؟
_ ئۇ خوتۇننى قىلتاققا بىر دەسسەتسەم ئاجراشمايمۇ ئامالى يوق ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئېرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى مەڭگۈ ساقلايمەن.
_ دېمەك، ئۇنى جىنايەت يولىغا مەن باشلايدىكەنمەن _ دە؟
_ شۇنداق.
_ بۇنىڭدا ئېرىنىڭمۇ قولى بارمۇ؟
_ يوق، بىراق خوتۇنى دائىم بارىدىغان قاۋاقخانىنىڭ نامىنى ماڭا شۇ دەپ بەرگەن.
_ ئىش مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، يەنە توي قىلىشنى ئويلاۋاتامنسىز ؟
_ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ پۇلى بار، ئۆزىمۇ قاملاشقان ئەر، مېنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداق ئەر بىلەن توي قىلسام بولمامدىكەن؟ _قىزنىڭ تەلەپپۇزى كەسكىنلەشتى.
ئوكۇبو مېھمانخانىسىغا كەلگەننىڭ ئۈچۈنچى ئاخشىمى، خاماساكى توگېنساكى قاۋاقخانىسىدا ئودا ئېمىكوغا يولۇقۇپ قالدى.
ئودا ئېمىكو ئادەتتىكى يېشىل يىپەك كۆڭلەك كىيگەن، يوغان مودا كۆزەينەك تاقىۋالغان، مەيدىسىدە يېشىل ياقۇت كۆزلۈك بۇلاپكا، بارماقلىرىدا ئۈچ دانە ئۈزۈك پارقىراپ تۇراتتى. ئىچىپ سەل تەڭشىلىپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
ئۇ سۈرەتتىكىدىن كىچىك كۆرۈنەتتى، ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرگەن ئايالدەك قىلمايتتى.
ناخشا ئۇلارنى تونۇشتۇردى.
ئودا ئېمىكو ئۆزىنىڭ ئاۋازىغا بەك ئىشىنەتتى، ئۇ خوجايىننىڭ تەپلىپى بىلەن مىكرافوننى ئالدى، بەش - ئالتە مېھمانغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، كىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە <<كۆمۈش ئورۇندىكى مۇھەببەت ناخشىسى&t;&t;نى ئېيتىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىدى...
خاماساكى ئىككىلىنىپراق ئورنىدىن تۇرۇپ مىكرافوننىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئۇ ناخشىنى يامان ئەمەس ئېيتتى. ئودا ئېمىكو ناخشا تېكىستىدىكى <<كۈمۈش ئورۇندىكى مۇھەببەت&t;&t;دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانىنىڭ نامىنى ئېلىپ ئۆزگەرتىپ ئېيتتى، خاماساكىمۇ ئۇنىڭغا جور بولدى.
قاۋاقخانىدىن چىقق كېيىن ئودا ئېمىكو خاماساكىنى باشقا بىر قاۋاقخانىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىككىسى يەنە بىر قېتىم قوش كىشىلىك ناخشا ئېيتتى، ئاندىن خاماساكى ئۇنى يۈزىنى يۈزىگە يېقىپ ئوينايدىغان تانسىغا تارتتى. خاماساكى <<ۋەزىپە&t;&t;نى تېزرەك ئورۇندىۋېتىشكە ئالدىرايتتى.
ئودا ئېمىكو يۈزىنى خاماساكىنىڭ مۇرىسىگە قويدى بەدىنىنى ئۇنىڭغا چىڭ چاپلاپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا:
_ مەن مەست بولۇپ كېتىۋاتىمەن، سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز، _ دېدى.
پۈتۈنلەي پىلان بويىچە كېتىۋاتىدۇ تانسا تۈگىشىگە، خاماساكى ھاجەتخانىغا بېرىش باھانىسى بىلەن <<ھاۋالە قىلغۇچى&t;&t;سىغا تېلېفون بەردى.
_ باشلايلى.
_ چۈشەندىم، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇنى مېھمان خانىغا ئېلىپ كېلىڭ، _ قىز تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئودا ئېمىكونى ئاپىرىدىغان جاينى قىز بەلگىلەپ بەرگەن، ئۇ ۋاتايا موتوياماماچىنىڭ ياپونچە ئۇسلۇپتىكى كىچىك مېھمان خانىسى ئىدى. قىز ئىشىك تۈۋىدە يۇشۇرۇنۇپ تۇتۇپ، ئودا ئېمىكو خاماساكىنى قولتۇقلاپ كىرىۋاتقاندا سۈرەتكە ئېلىۋالماقچىدى.
ئودا ئېمىكو پۇلنى تۆلىۋېتىپ ئىككىسى قاۋاقخانىدىن چىقتى. تۇيۇقسىز، ئۇ نېمىگىدۇر پۇتلىشىپ كەتكەندەك، خاماساكىغا يۆلىنىپ قالدى. يەرنى دەسسەپ تۇرالمايۋاتقاندەك قىياپەتتە:
_ ئەمدى ماڭالمايدىغان بولدۇم، _ دەپ پىچچىرلىدى.
پۇرسەت كەلدى.
_ ماشىنا توسۇپ ئۆيگە ئۆزىڭىز كېتىڭ، دېدى خاماساكى پەرۋاسىزلا.
ئودا ئېمىكو ئۈندىمەستىن خاماساكىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى.
ماشىنا موتوياماماچى مېھمانخانىسىغا كەلگەندە توختىدى. ئودا ئېمىكو نېمىنىدۇر چۈشەنگەندەك قىلىپ، خاماساكىنى چىڭ قولتۇقلىغىنىچە مېھمانخانىغا ماڭدى.
خاماساكى ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى، قىزنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا ئىر ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان، ئىچىدە ئادەم باردەك قىلاتتى.
ياتاقتا ئىككىسىلا قالدى. ئودا ئېمىكو مەڭزىنى دىۋانغا تىرەپ ناز بىلەن:
_ ھەي، كىيىملىرىڭىزنى سالمامسىز، _ دېدى.
ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. قىزنىڭ ھېچقانداق ئىزدېرىكى بولمىدى. خاماساكى قىزنىڭ ئودا ئېمىكونىڭ ئېرىنى تارتىۋالالىغان - تارتىۋالالمىغانلىقىنى بىلىشنى ئويلىسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى باردۇراق ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ بۇ ئىشنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتتى.
داسادىپىي بىر ئىش بۇ ئىشنى يەنە ئۇنىڭ ئېسىگە سالدى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ بىر يولۇچىنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا يول بويىدىكى <<ئودا&t;&t;دېگەن فامىلە يېزىلغان ئىشىككە كۆزى چۈشۈپ قالدى. بۇ خاماساكىنىڭ كونا ئەسلىمىلىرىنى يەنە قوزغىدى. ئۇ يولۇچىنى يولغا سېلىۋېتىپ، <<ئودا&t;&t;دېگەن فامىلە يېزىلغان ئۆينىڭ ئالدىغا قايتا كەلدى.
ئۇ ماشىنىنى يېقىن جايدا توختىتىپ قويۇپ، ئودا ئائىلىسىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. ئىشىكنى ئودا ئېمىكو ئاچتى. خاماساكىنىڭ كۆڭلى ئورنىغا چۈشتى، قىزنىڭ باش قاتۇرۇپ پىلانلىغان سۈيىقەستى ئاخىر ئەمەلگە ئاشماپتۇ.
لېكىن، ئودا ئېمىكو نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىزلا ۋارقىرىدى:
_ ۋۇي، يۈزى قېلىن _ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى ياناتتى، _ يوقال بولمىسا ساقچى چاقىرىمەن
_ ساقچى چاقىرىمەن؟ مەن ھېچنىمە قىلمىدىمغۇ.
_ خۇپسەنلىك قىلما ئۈچ مىلىيون پۇلنىڭ ھەممىسى چۆنتىكىڭگە چۈشكەندۇ؟
_ ئۈچ مىلىيون؟
_ سەن باشقىلارغا مېنىڭ موتوياماماچى مېھمانخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان سۈرىتىمنى تارتقۇزۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرمىدىڭمۇ؟ بىلمە بولىۋالما، ئۇ كۈنى كەچتىكى ئىشنى سەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ...
_ ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراي، ئېرىڭىز ئۆيدىمۇ؟ _ خاماساكى ئىختىيارسىز سورىدى.
ئودا ئېمىكو چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە جاۋاپ بەردى:
_ مېنىڭ ئەزەلدىن ئېرىم يوق. ئەگەر بار بولسا، كوچىغا چىقىپ سېنىڭدەك ئەرنىڭ كەينىدە يۈرەتتىممۇ بۇيەردىن دەرھال يوقال بولمىسا قاراۋۇلخانا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ.
( خەنزۇچە <<چەتئەل ھېكايىلىرىگە بىر نەزەر&t;&t; ژورنىلىنىڭ -يىللىق -سانىدىن )
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |