ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەسكى بالا ھەققىدە ھىكايە


ئەسكى بالا ھەققىدە ھىكايە


 

مارك تۋىن (ئامېرىكا )


 

مۇختار تۇردى تەرجىمىسى


 

  بۇرۇن بىر ئەسكى بالا بولغانىكەن ، ئۇنىڭ ئىسمى جېم . بىراق سىز دېققەت قىلسىڭىزلا ،يەكشەنبىلىك مەكتەپ ( خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتى تەسىس قىلغان ، يەكشەنبە كۈنلىرى « ئىنجىل » ئوقۇتۇپ ، دىنىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ __ ت ) نىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدىكى ئەسكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئىسىمىنىڭ جامىس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . ئەمما مەن ھېكايە قىلماقچى بولغان بۇ ئەسكى بالىنىڭ ئىسمى جېم ، بۇ بىزگە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت .
    جېمنىڭ قانداقتۇر كېسەلچان __ چىن كۆڭلىدىن دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ، ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىپ ، مەڭگۈلۈك ئارام تېپىشنى خالايدىغان ، ئەمما ئوغلىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان بولغاچقا ، ئۆزى ئۆلۈپ كەتسە ، بۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ ئوغلىغا شەپقەتسىزلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئانىسىمۇ يوق . يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدىكى ئەسكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئىسىمى جامىس ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك بىردىن كېسەلچان ئانىسى بار ، بۇ ئانىلار بالىلىرىغا : « ئەمدى يېتىپ جىمجىت ئۇخلىغىن » دەپ تەربىيە قىلىدۇ ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى دەيدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇلارغا يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىپ ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويۇپ ، كېچىلىكىنىڭ خەيرلىك بولىشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كارىۋىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، بىلىندۈرمەي ئۆزلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ . ئەمما مېنىڭ ھېكايەمدىكى بۇ شاكىچىكنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ ئىسمى جېم ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭمۇ ھېچقانداق كېسىلى يوق __ ئۇ ئۆپكە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئەمەس . ئۇنىڭ ھېچقانداق كېسىلى يوق بولۇپلا قالماي يەنە ئەكىسچە ناھايىتى ساغلام ھەم ئۇنچىۋالا تەقۋادار مۇرتلاردىنمۇ ئەمەس ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئۇ جېمنىڭ ئەھۋالىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇ ، ئوغلۇمنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ بوينى سۇنۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيمەن ، دەيدۇ . ئۇ دائىم جېمنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ ، ئۇنى ئۇخلاشقا بۇيرۇيدۇ ، ئۇ جېمنى ئەزەلدىن سۆيۈپ قويمايدۇ ، كېچىلىكىنىڭ خەيرلىك بولىشىنىمۇ تىلىمەيدۇ ؛ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ، چىقىپ كېتەشىدە  ئوغلىنى يەنە بىر قانچە شاپىلاق بىلەن تارتۇقلايدۇ .
    بۇ ئەسكى بالا بىر قېتىم يېمەكلىك ساقلايدىغان ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئوغۇرلاپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىر ئاز مۇراببا يېگەندىن كېيىن ، ئانىسىنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇراببا كومزىكىنى قارىماي بىلەن لىقلاپ قويدى ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە ھەرگىزمۇ دەرھاللا ئازاپلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولمىدى ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە : « ئاناڭنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىساڭ توغرا بولامدۇ – بولمامدۇ ؟ بۇنداق ئىشنى قىلساڭ گۇناھ بولامدۇ – بولمامدۇ ؟ ئەسكى بالىلار مېھرىبان ئانىسىنىڭ مۇرابباسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەۋالغاندىن كېيىن ، قانداق جازالىنىشى كېرەك ؟ » دېگەن غايىبانە ئاۋازمۇ ئاڭلانمىدى . ئۇ شۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزى يالغۇز يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، ئەمدى مەڭگۈ ئەسكى ئىش قىلمايمەن ، دەپ قەسەممۇ ئىچمىدى ھەمدە قەسەم قىلىپ بولۇپ يۈگرەپ ئانىسىنىڭ قېشىغا چىقىپ ، بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا ئېيتىپ ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنىمۇ ئۆتۈنمىدى ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلىدىغان ، پەخىرلەنگەن ھەم تەسىرلەنگەن ھالدا ئوغلىغان بەخت تىلەيدىغان ئىشمۇ بولمىدى . ياق ، بۇ پەقەت ئاشۇ دەرىسلىك كىتاپلاردىكى ئەسكى بالىلارلا ئۇچرايدىغان قىسمەتلەردۇر ؛ ئەمما ناھايىتى غەلىتە يېرى شۇكى ، جېمنىڭ ئۇچرىغان قىسمىتى بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ . ئۇ مۇراببانى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى بەك ياخشىكەن ، دېدى ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن ھەقىيقەتەنمۇ كەپسىزلىك ۋە مۇتتەھەملىك چىقىپ تۇراتتى ؛ ئۇ كومزەكنىڭ ئىچىگە قارىماي توللاپ قويغاندىن كېيىن ، بۇنىمۇ بەك ئوبدان قىلدىم دەپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ھەمدە ئاشۇ « قېرى ئايال » بايقاپ قالسا ، « ئاچچىقلىنىپ ، خەپ توختاپتۇر ، ئەدىۋىڭنى بىر بەرمىسەم » دەيدىغان بولدى – دە ؛ مۇبادا ئۇ كېيىنچە راستىنلا بىلىپ قالغۇدەك بولسا ، بۇ ئىشتىن قەپەتلا خەۋىرىم يوقكەن  دەيمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ  مېنى تاكى مەن يىغلىغۇچە قامچىدا راسا ساۋايدۇ ، دەپ ئويلىدى . بۇ بالىنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولۇپ ، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئۇنىڭ ئاشۇ دەرىسلىك كىتاپلاردىكى جامىس ئىسىملىك ئەسكى بالىلارغا ھېچقانداق يېرى ئوخشاشمايدۇ .
    ئۇ بىر قېتىم ئېيككھېن ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالما ئوغۇرلىغاندا ، ئالمىنىڭ شېخى سۇنۇپ كەتمىدى ، ئۇمۇ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ، بىلىكىنى سۇندۇرىۋالمىدى ، شۇنداقلا دېھقاننىڭ چوڭ ئىتى بىرەر يېرىنى چىشلىۋېلىپ ، بىر قانچە ھەپتىگىچە كارىۋاتتا ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراپ ياتىدىغان ، پۇشايمان قىلىدىغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ياخشى بالا بولۇپ ئۆزگىرىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى ، ئەلۋەتتە . ئوھوي ، ھەرگىز ئۇنداق بولمىدى ؛ ئۇ قانچىلىك ئالما ئوغۇرلىغۇسى كەلسە ، شۇنچىلىك ئوغۇرلىدى ، يەنە ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن ساق - سالامەت قايتىپ چۈشتى ؛ ئۇ يەنە ئىتتىنمۇ پەخەس بولۇپ ، ئىت ئۆزىنى چىشلىمەكچى بولغاندا ، بىر تال كېسەك پارچىسى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى . تولىمۇ غەلىتە ئىش - تە بۇ __ ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدىكى كىچىك كىتاپلاردا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئەزەلدىن تەسۋىرلىنىپ باقمىغان ، ئۇ كىتاپلارنىڭ دۈمبىسىگە مەر مەر تاشلارنىڭ سىزىقلىرىغا ئوخشاش نەقىشلەر چىقىرىلغان بولۇپ ، ئىچىدە يەنە نۇرغۇن قىستۇرما رەسىملەر بار ، رەسىمدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى فراك ( ئالدى ئېتىكى كالتە ، ئارقا ئېتىكى قارلىغاچ قۇيرىقىسىمان بىرخىل كىيىم _ ت ) ،  پۇچقىقى ناھايىتى كالتە ئىشتان ، ئۈستى قوڭغۇراقسىمان قالپاق كىيىۋالغان بولۇپ ، ئاياللار بولسا كۆينىكىنىڭ بەللىكى بولمىغاچقا ، كۆينىكىنىڭ بېلىنى بىلىكى بىلەن كۆتۈرىۋېلىشقان ھالەتتە ئىدى .  مەيلى قايسى يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكىدىن بولمىسۇن ، جېم قىلغان ئىشلارنى زادىلا تاپقىلى بولمايتتى .
    جېم بىر قېتىم مۇئەللىمىنىڭ بەكىسىنى ئوغۇرلىۋالدى ، ئۇ مۇئەللىم سېزىپ قېلىپ ، ئۆزىنى ساۋاپ كېتىشىدىن قورققاندا بولسا ، بەكىنى بىلىندۈرمەستىن جورجى ۋېلسۇننىڭ شەپكىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى ، جورجى ۋېلسۇن بىچارە تۇل خوتۇن ۋېلسۇن خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئۇ ئەخلاقى ياخشى ، كەنتتىكى داڭلىق ياخشى بالا ئىدى . ئۇ ھەمىشە ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى ، ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلمايتتى، يەنە كېلىپ ئۆگىنىش قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ، يەكشەنبىلىك مەكتەپنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى . بەكە شەپكىسىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ كەتكەندە ، جورجى خۇددى ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇپ يەتكەندەك ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ، ئەمما ھېلىقى ئىچى سىيرىلغان مۇئەللىم ئۇنى نەرسە ئوغۇرلىغان دەپ قاراپ ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئاشۇ تىترەپ تۇرغان مۈرىسىگە ئۇرغىلىۋاتقاندا ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان يەرلىك سودىيە ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ ،  سۈرلۈك ھالدا : « بۇ ياخشى بالىغا ئۇۋال قىلماڭلار ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئەبلەخ شۇ تاپتا ئاۋۇ يەدە پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا تۇرماقتا سىلەر دەرىستىن چۈشۈپ دەم ئېلىۋاتقاندا ، مەن دەل مەكتىپىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىدىم ، سىلەر مېنى كۆرمەي قالدىڭلار ، ئەمما مەن ئاشۇ شۇمتەكنىڭ نەرسە ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم » دېمىدى . شۇڭا ، جېم زادىلا تاياق يېمىدى ، ھېلىقى ياشىنىپ قالغان سودىيەمۇ ئەسلا پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىم ۋەز – نەسىھەت سۆزلەپ ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ يۇم – يۇم ياش تۆككۈزمىدى ، جورجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، بۇنداق ياخشى بالىلار ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك دېمىدى ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ ئاپىرىپ ، ئىشخانىسىنى تازىلىتىپ ، ئوت قالىتىپ ، ئوتۇن كەسلىتىپ ، يۈگۈر – يىتىم ئىشلارنى قىلدۇرمىدى ، ئۆزىنىڭ قانۇننى تەتقىق قىلىشغا ، خوتۇنىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملەشتۈرىدىغان ، قالغان ۋاقىتىنىڭ ھەممىسىنى ئويناشقا سەرپ قىلدۇرىدىغان ، يەنە تېخى ئۇنىڭغا ھەر ئايدا تۆت مو مائاش بېرىپ ، خۇشال قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلمىدى . ياق ، بۇنداق ئىشلار پەقەت ئاشۇ كىتاپلاردىلا يۈز بېرىدۇ ، جېمغا بۇنداق ئىشلار ھەرگىزمۇ نېسىپ بولمايدۇ . ئارتۇقچە ئىشلارغا چات كېرىۋالىدىغان ئاق چاچلىق ، ئەخمەق قېرى سودىيەمۇ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس ، شۇڭا ، ھېلىقى ئۈلگىلىك بالا جورجى بىر قېتىم قاتتىق ساۋالغانىدى ، جېم بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ، چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئەخلاقى دۇرۇس بالىلارغا ئۆچ ئىدى . جېم : « ئۇ ھاماقەتنى كۆزۈمگە ئىلمايمەن » دەيدۇ . تەربىيە كۆرمىگەن بۇ ئەسكى بالا مۇشۇنداق قوپال گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى .
ھالبۇكى ، جېم دۇچ كەلگەن ئەڭ غەلىتە ئىش شۇ بولدىكى ، ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى قېيىق ھەيدەپ ئويناۋاتقاندا ، سۇغا چۆكۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قالمىدى ، ئۇ يەنە بىر قېتىم يەكشەنبە كۈنلىكى بېلىق تۇتقىلى چىققاندا ، بوران – چاپقۇنغىمۇ ، گۈلدۈرمامىغىمۇ ئۇچراپ قالمىدى . ھەي ، سىز مەيلى يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنى قانچە ۋاراقلىماڭ ، ھازىردىن باشلاپ تاكى كېلەر قېتىملىق روژدېستۋو بايرىمىغىچە ئاقتۇرماڭ ، بۇنداق ئىشلارنى زادىلا ئۇچرىتالمايسىز ، ئەسلا ئۇچرىتالمايسىز . سىز ئۇنىڭدىن پەقەت ، ئاشۇ يەكشەنبە كۈنلىرى قېيىق ئوينىغىلى چىققان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بىر – بىرلەپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ، يەكشەنبە كۈنلىرى بېلىق تۇتقىلى چىققان ئەسكى بالىلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بوران – چاپقۇن ۋە گۈلدۈرمامىغا ئۇچرىماي قالمايدىغانلىقىنى ، ئۈستىگە ئەسكى بالىلار ئولتۇرغان قېيىقلارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىكى دائىم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئەسكى بالىلار سەببات كۈنى بېلىق تۇتقىلى چىقسا ، تەڭرى ھەمىشە ئۇشتۇمتۇت بوران – چاپقۇن چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز . جېمنىڭ بۇنداق جازالاردىن قانداق قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ،  ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىيقەتەنمۇ بىر سىر .
    جېمنى ئېلاھ قوغداپ تۇرسا كېرەك ، مېنىڭچە چوقۇم شۇنداق . ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە زىيات – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ . ئۇ ھەتتا  بىر تۇتام كۆك تاماكا ئۇۋىقىنى ھايۋانات كۆرگەزمىسىدىكى پىلنىڭ خارتۇمىغا تىقىپ ، ئۇنى تىرىكتۈرگەندىمۇ ، ھېلىقى پىل خارتۇمى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى مىجىۋەتمەيدۇ . ئۇ قاچا – قۇچا ئىشكاۋىنىڭ ئىچىدىن يالپۇز شەربىتى ئىزدىگەندە ، ھەرگىزمۇ ئازغىشىپ تۇز كىسلاتاسىنى ئىچىپ قالمايدۇ . ئۇ دادىسىنىڭ مىلتىقىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ، سەببات كۈنى ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقسىمۇ ، ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئۈچ _ تۆت تال بارمىقىنى ئېتىۋالمايدۇ . ئۇ بىر قېتىم ئاچچىغى كېلىپ قالغاندا ، كىچىك سىڭلىسىنىڭ چېكىسىگە مۇشت بىلەن بىرنى قويىۋىدى ، ئەمما سىڭلىسى يېزىچە ئاغرىق ئازابىدىن توختىماي ئىڭرايدىغان ، سىڭلىسى جان ئۈزىدىغان چاغدا ، جېم ئۇنىڭغا مۇلايىم ئاۋاز بىلەن ، مېنى كەچۈرگىن دەيدىغان ، ئۇنىڭ قەلبى ئازاپتىن پۇچۇلىنىدىغان ئىشلار ئەسلا يۈز بەرمىدى . ياق ، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلدى . جېم كېيىن ئاخىر قېچىپ چىقىپ دېڭىز سەپىرى قىلدى ، ئەمما ئۇ قايتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ بىرمۇ ئۇرۇق – تۇغقان ، ئەل – ئاغىينىسى قالمىغان ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى چېركاۋ قەبرىستانلىقىدا ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتكەن ، بالىلىق چاغلىرىدىكى تاملىرىغا يېشىل پىلەكلەر يامىشىپ كەتكەن ئۆيىنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولغان  ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بايقىمىدى . ئاھ ، ئۇ بۇنداق ئەھۋالنى زادىلا بايقىمىدى . ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغدا غەرق مەست ئىدى ، ئۇ ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلدى .
    ئۇ چوڭ بولدى ، ئۆيلىنىپ بىر قانچە پەرزەنتلىك بولدى ، بىر كۈنى ئاخشىمى خوتۇن – بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتتى ، ئۇ يەنە تۈرلۈك – تۈمەن ئالدامچىلىق ۋە مۇتتەھەملىك ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ باي بولدى ؛ ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ كەنتىدىكى ئەڭ قەبىھ لۈكچەك بولۇپ ، ئەسكىلىكتە چېكىگە يېتىپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولدى ، يەنە تېخى پارلامېنت ئەزاسى بولدى .
شۇڭا ، قاراڭ ، يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدا تەسۋىرلەنگەن جامىس ئىسىملىك ئەسكى بالىلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىلاھلار ، جىنايىتى ھەددى ھېساپسىز كۆپ جېمنى قوغدىغاندەك قوغدىغان ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىشى جېمنىڭكىدەك ئوڭغا تارتقان ئەمەس .


 

– يىل
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203