كوچىدىكى ئالماس
(ھېكايە)
رابى پېسا كروس (ئىسرائىلىيە)
ناشىمان ئەپەندى پولشانىڭ بىر كىچىك بازىرىدا تۇراتتى. ئۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىدە ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتاتتى. ئۇ ھەر قانچە تىرىشسىمۇ تۇرمۇشى يەنىلا غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتاتتى. بۇ بازاردا چىقىش يولى تاپالمىغان ناشىمان ئەپەندى قايتا قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ باقماقچى بولدى، ئۇ يەردە يېڭى پۇرسەت تېپىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلىدى. ئۇ باشقىلاردىن ئافرىقىغا يېقىن بىر كىچىك ئارالنىڭ بارلىقىنى، ئۇ يەردىن ئالماس كۆپ چىقىدىغانلىقىنىئاڭلايتتى. كىشىلەر ئۇ ئارالدا ئالماسنىڭ ناھايىتى موللىقىنى، ھەتتا كوچىلاردىمۇ ئالماس ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنىھېكايە قىلىشاتتى. ئۇ ئارال پولشادىن بەكمۇ يىراقتا بولۇپ، كېمە بىلەن ماڭسا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سەپەر ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇپ، ئېھتىيات قىلمىغاندا جاندىن ئايرىلىپ قېلىش مۈمكىن ئىكەن. ناشىمان ئەپەندى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، پايدا زىيىنىنى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، پەقەت ساق_سالامەت يېتىپ بارالسىلا ئالماس تېپىشقا پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى، ئالماسنى ئېلىپ كېلەلىسىلا سېتىپ بېيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇكۆڭۈلدىكىدەك باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلىدى.
ناشىمان ئەپەندى ئۆزنىڭ بۇ خىيالىنى ئۆيدىكىلىرىگە ئېيتىپ، سەپەر تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن تەييارلىق پۈتۈپ سەپەرگە ئاتلىنىش پەيتىمۇ يېتىپ كەلدى. پىرىستاندا ئۇ ئۇرۇق_تۇققانلىرى بىلەن خوشلااشقاندا بىر نەچچە يىلدىن كېيىن چوقۇم غەلىبە بىلەن قايتىپ كۆپچىلىككە بايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى_دە زور ئىشەنچ بىلەن كېمىگە چىقتى، كېمە لەنگەر تارتىپ سەپەرگە ئاتلاندى.
ئادەم ئاياق باسمايدىغان بۇ ئارالغا كېمىلەر ئەزەلدىن كەمدىن كەم كېلەتتى، كېمىدىكىلەر ناشىمان ئەپەندىگە بۇ ئارالغا بارغاندىن كېيىن كەم دېگەندىمۇ يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن كېمە كېلىشى مۈمكىن، دەپ ئۇقتۇردى. ناشىمان ئەپەندى كېمىنىڭ نىشانغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كوچىلارغا چېچىلىپ ياتاقان ئالماسلارنى خىيال قىلىشقا ئۈلگۈردى. كېمە قىرغاققا يېقىنلاشتى، ناشىمان ئەپەندى تەقەززالىق ئىلكىدە ئارالغا چىقتى. كوچىدا كېتىۋېتىپ ئۇ كىشىلەر ئېيىتىشقان سۆز_چۆچەكلەرنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدى، ھەقىقەتەن كوچىلاردا ئالماسلار چېچىلىپ ياتاتتى. ناشىمان ئەپەندىنى ھەيران قالدۇرغىنى، كوچىدا ئۇياقتىن بۇياققا يۈرۈشىۋاتقان يەرلىك كىشىلەرنىڭ يەردە يالتىراپ ياتقان نەرسىنىڭ قىممەتلىك ئالماس ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندەك يۈرۈشلىرى ئىدى. ئۇلار قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئالماسلارغا دەسسەپ مېڭىشاتتى، ھەتتا يەردىكى ئالماسلارغا نەزەر سېلىپمۇ قويۇشمايتتى. كوچىلارنى بىر ئالغان ئالماسلارنى كۆرۈپلا ناشىمان ئەپەندى يۈك تاقلىرىنى تاشلاپلا ئالماس تېرىشكە كىرىشىپ كەتتى، چوڭ، كىچىك، چىرايلىق، نۇقسىنى بولسۇن، بولمىسۇن ھەممىنى ئالا قويماي ئاۋايلاپ تېرىپ خالتىسىغا سالدى.
ناشىمان ئالماس تەرگەچ ئاندا ساندا بېشىنى كۆتۈرۈپ قااراپ قويدى، ئۇ بىر نەچچە قەدەم نېرىدا بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ، توختىماي كۈلۈلشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلۈشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.
_ بۇنچە ئالدىراش نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز، _ دېدى بىرەيلەن ناشىماننىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن _ يەنە بىر يىل ۋاقىت تۇرسا، نېمىگە ئالدىرايتتىڭىز؟
_ شۇ ئەمەسمۇ، _ دېدى يەنە بىرەيلەن _ باشقىلارمۇ دەسلەپ ئارالغا كەلگەندە خۇددى سىزدەكلا ئالماس تېرىش بىلەنلا ئاۋارە ئىدى، قاراپ بېقىڭە، ھازىر كىممۇ يەنە مۇشۇ ئىشنى قىلىۋېتىپتۇ، كىشىلەر دېگەن ھازىر تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىدۇ.
_ ھىم.
ناشىمان ئويلىنىپ، راست ئەمەسمۇ دەپ خىيال قىلىپ قالدى:
بەلكىم بۇلارنىڭ دېگىنى توغرىدۇ، مەن بۇ يەردە خېلى بىر مەزگىل تۇرىدىغان تۇرسام، ئارالنىڭ ھەممە يېرىدە ئالماس تۇرسا، ھازىر نېمىگە ئۇنچە ئالدىرايمەن.
شۇنىڭ بىلەن ناشىمان ئەپەندىنىڭ قولى ئالماس تېرىشتىن توختاپ قالدى. ئەمما ئۇ تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى، ئىككىنچى كۈنى ئۇ كوچىغا چىقىپ يەنىلا ئالماس تېرىشكە باشلىدى.
ناھايىتى تېزلا ناشىمان ھېچكىمنىڭ ئۆزىدەك ئالماس تەرمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئالماسنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى، پەقەت ئۆزىلا ئالدىراشلىق بىلەن ئالماس تېرىۋاتاتتى، ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقى ئەخمىقانىلىقتەك بىلىندى. ناشىمان قولىدىكى ئالماسلارغا قاراپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئەجەبا، بۇ يەردە ئالماس راستىنلا قىممىتى يوق، پۇلغا يارىماس نەرسىمىدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كىشىلەر نېمىشقا ئالماسنى كۆرمىگەندەكلا يۈرۈشىدۇ؟ ئۇ بىرەيلەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. دەرۋەقە، بۇ كىچىك ئارالدا ئالماس ھەممە جايدا تۆكۈلۈپ ياتقاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدىكەن، ئارالدىكىلەرنىڭ قارىشىچە ئالماسنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادىي قىممىتى يوقكەن، ياغنى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھېسابلايدىكەن. ماي ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇمى ئىكەن.شارائىت يار بەرمىگەچكەكۆپ ھاللاردا يېتىشمەيدىكەن، سېتىۋېلىشمۇ قىيىنىكەن. ئارالدىكىلەرنىڭ قارىشىچە مەيلى قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ياغ ئىشلەپ چىقىرالىسا، ياكى ئۆيىدە ئاز_تولا ياغ زاپىسى بولسا ۋە ياكى ياغ ساتسىلا ناھايىتى كاتتا بايغا ئايلىنالايدىكەن. ئۇلار مەدەنىي جەمئىيەتتىن يىراقتا بولغاچقا، دۇنيادا بۇ ئارالدىن باشقا ھەممە جايدا ياغنىڭ كۆپلىكىنى، ھېچقانچە قىممەتلىك نەرسە ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلسۇن.
ناشىمان كەسكىن ھەم ئەقىللىق ئادەم ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ پۇل تېپىش پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى_دە قىلچە ئىككىلەنمەي ياغ چىقارغىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈك ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى. شۇندىن ئېتىۋارەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۇ ئارالنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ياغ چىقارغىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈكنى تاپتى. تەجىرىبىسىگە ئاساسەن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىچىملىك ياغ ئىشلەپچىقاردى، ھەمدە ياغ ساقالاش ئۇسۇلىنىمۇ تېپىپ چىقتى. شۇندىن باشلاپ ناشىمان ئەپەندى ياغ سودىسىغا كىرىشىپ كەتتى.
كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋەردى، ناشىمان ئەپەندى ھەر كۈنى ياغ چىقىرىش، سېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇ ئارالغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى. ھەر كۈنى كوچىدىن ئۆتكەندە باشقىلارغا ئوخشاشلا يولدا چېچىلىپ ياتقان ئالماسلارنى تېپىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتى. پەقەت ئالاھىدە چىرايلىق ئالماسنى كۆرۈپ قالسا تېرىۋېلىپ يانچۇقىغا سالاتتى، مانا شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارالغا كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئەسكە ئالاتتى، ئەمما ئۆز_ئۆزىگە :
_ ئالماس تېرىدىغانغا ۋاقتىم يېتەرلىك بارغۇ، ھازىر قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ياغ سودىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپرەك پۇل تېپىش، _ دەيتتى.
يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن: ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىر كېمە كەلگۈدەك، كېمە بۇ يەردىكى ئارالغا تەۋە بولمىغان بارلىق ”چەتئەللىك“ لەرنى ئېلىپ كەتكۈدەك، دېگەن خەۋەرلەر تارقالدى. ناشىمان ئەپەندى ماي چىقىرىپ سېتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قاتتىق ئالدىراش بولغاچقا بۇ خەۋەرگە ئېرەڭ قىلىمىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن راست دېگەندەك ئۇلارنى ئېلىپ كېتىىغان كېمە يېتىپ كەلدى. ناشىمان كېمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ دەر ھال قايتىپ بېرىپ قىممەتلىك ياغلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىچە بۇ ناھايىتى قىممەتلىك بايلىق ئىدى. ناشىمان ياغنى ئېلىپ بارسام ئائىلەمدىكىلەر باياشاد تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ ئويلاپ، مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆيگە يېتىپ بارغۇدەك بولۇپ كەتتى.
ناشىمان ئەپەندى خۇشال خۇرام ھالدا ياغلىرنى كېمىگە بېسىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بۇ ئارالغا ياغ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئالماس ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. ئەمما ئۇ كىچىككەن ئىدى، كېمە قوزغىلايلا دەپ قالدى، ئەمدى قايتىپ ئالماس تېرىۋېلىشقا ۋاقىت يوق ئىدى. ناشىمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ قىممەت ياغلىرىنىڭ گەرچە ئالماستەك نۇرغۇن پۇلغا يارىمىسۇمۇ خېلى كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى يەنىلا باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يەنە ئەسكە ئېلىشنى خالىمىدى. ئۇ پىرىستانغا كەلگىچە خىيالىي ھالدا خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاش ئۈچۈن بىر نەچچە تال ئالماسنى تېرىۋېلىپ، ئۈمىدكە تولغان ھالدا كېمىگە چىققان ئىدى.
بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ناشىماننىڭ ياغلىرى سېسىشقا باشلىدى. ئۆتكۈر بۇسقا چىدىيالمىغان يولۇچىلار كاپىتانغا شىكايەت قىلىشتى. كاپىتان كېمە خادىملىرىغا بۇ سېسىق پۇراقنىڭ زادى نەدىن چىقىۋاتقانلىقىنى تېپىشقا بۇيرۇق قىلدى، كېمە خادىملىرى بىر دەمدىلا بۇ پۇراقنىڭ ناشىماننىڭ ياغلىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ناشىمانمۇ بۇ پۇراقنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزى ئېلىپ چىققان ياغدىن چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇ كېمە خادىملىرىغا بۇ ياغ ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى قان تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، بۇنى سېتىپ ئائىلىسىدىىكىلەرنى باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاشلىۋەتمەسلىكىنى ئۆتۈندى. كېمە خادىملىرىمۇ ماقۇل بولۇپ، ماي تۇڭلىرىنى باشقا نەرسىلەر بىلەن چۈمكەپ سېسىق پۇراق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇشتى، ئەمما بۇ ھېچنېمىگە كار قىلمىدى، سېسىغان ياغنىڭ بۇسى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ كىشىلەرنىڭ نەپىسىنى بوغقىلى تۇردى، ئامالنىڭ يوقىدىن ناشىمانمۇ ياغنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە قوشۇلدى. كېمىدە قېپ قالغان سېسىق پۇراقتىن باشقا، ناشىماننىڭ بىر يىللىق جاپاسىنىڭ ھېچنېمىسى قالمىدى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇڭ ياغنىڭ دېڭىزغا تاشلىنىشىغا قاراپ ناشىمان ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتتى. بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ بارلىق ۋاقتىنى مانا مۇشۇ قىممىتى تايىنلىق بولغان سېسىق ياغقا سەرپ قىلدى، قىممەتلىك ئالماسنى بولسا پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.
ئاخىرى ناشىمان ئەپەندى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ خوتۇن بالىلىرىنىڭ ئۆزنىڭ قايتىپ كېلىپ زور بايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا تەقەززا بولىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.كېمە قىرغاققا چىقتى. ناشىمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ قۇرۇق قولىغا قارىدىدە، خوتۇن بالىلىرىنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئويلاپ كېمىدىن چۈشكۈدەك غەيرىتىنىمۇ يوقتىپ قويدى. كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممسى چۈشۈپ بولغاندا ئۇ نائىلاج كېمىدىن سالپايغىنىچە چۈشتى.
خوتۇن بالىلىرى ئۇنى ناھايىتى قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا كۈتۈۋالدى، ناشىمان بولسا ناھايىتى روھسىز ئىدى. ئۇ پەقەت يالغۇز قېلىشنىلا ئويلايتتى. ئۇرق_تۇغقان، دوست_بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ ئۇنىڭ بىر يىلدىن بېرىقى چەئەلدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ ئۆيىگە جەم بولۇشقان بولسىمۇ، ئۇ ھېچنېمە دېمەستىن ھوجرىسىغا كىرىپ يېتىۋالدى. ئۇرۇق_تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ ناشىمان ئەپەندى قاتتىق مەيۈسلەندى، ئۇ تۇغقانلىرىغا يۈز كېلەلمەيتتى.
ئۇ ھوجرىسىدا يېتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئايالى ئۇنىڭ يالغۇز ھوجرىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇنى قاتتىق چارچاپ كەتتى ، ئارام ئېلىۋالسۇن دېگەننىلا ئويلىدى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن خوتۇنى ھوجرىغا كىرىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇنىڭ ئېرى بىلەن مۇڭداشقۇسى، نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دېگۈسى بار ئىدى. ئەمما ئېرىنىڭ يەنىلا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى ئويغاتقۇسى كەلمىدى. ئۇ ئېرىنىڭ سېلىپ قويغان كىيىملىرىنى ئاستاغىنە يىغۇشتۇردى، ھەمدە ئېرىنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىكى ئىككى دانە چوڭ ئالماسنى بايقاپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى_دە، دەرھال ئۈنچە نەرۋايىت سودىگىرى يېنىغا بېرىپ ئالماسنڭ قىممىتىنى باھالىتىپ بېقىشقا چاپتى. سودىگەر ئالماسنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى:
_ خانىم، _ دېدى ئۇ _ سىز بەك تەلەيلىككەنسىز، بۇ ئىككى دانە ئالماسنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشىكەن، نۇرغۇن پۇلغا يارايدۇ، سىز بىر ئۆمۈر باياشاد تۇرمۇش كەچۈرگىدەكسىز.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايال ئۆيگە ئۇچقاندەك چاپتى، ئۆيگە كىرگەندە ئېرىمۇ ئويغانغان ئىدى. ئۇ كىرىپلا ئېرىنى مەھكەم قۇچاقلىدى، ھەمدە ئۇنىڭ بىر يىلدىن بېرى جاپا چېكىپ مۇنچە قىممەتلىك نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئەمما ناشىمان ئەپەندى يەنىلا ناھايىتى چۈشكۈن ھالەتتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
_ سىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە خاپىغان تۇرىسىز؟
ئۇ ئېرىنىڭ ئىنكاسىغا ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن سەپ سېلىپ تۇرۇپ دېدى:
_ سىز بىزگە شۇنچە زور بايلىق ئېلىپ كەلدىڭىز، يەنە نېمىشقا خۇشال بولمايسىز؟
_ مەن بەك دۆت ئىكەنمەن، _ دېدى ناشىمان ئەپەندى كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ،_ ئەگەر ئەقىلىم بولغان بولسا ئارالغا نېمىگە بارغانلىقىمنى ئۇنۇتمىغان ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە نېمىنىڭ مۇھىم بولىشى بىلەن كارىم بولمىغان، پەقەت پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان ئىش بىلەنلا شۇغۇللانغان بولاتتىم. مەن ئىككى تال ئالماس ئېلىپ كەلدىم، ئەمما مەن تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ كېلەلەيتتىم، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس، نەۋرىمىزنىڭ، ئۇرۇق تۇغقان _دوست بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىپ ئاشاتتى، ھەتتا نەچچە ئەۋلادقىچە يېتەتتى. مەن ئەيىپلىك، ئارالغا نېمىگە بارغانلىقىمنى ئۇنتۇدۇم، بىر يىل ئەخمەقلەرچە ئىشلەپ پۇلغا يارىماس نەرسىلەرگە ئېرىشتىم، نەتىجىدە بۇلارمۇ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلدى.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |