يالىڭاچ ئايال
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، ئىككى ئەر يەر تۈزۈلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى ، ياشراقى ئوغلى ئىدى . قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى . دادىسى ئوغلىغا «مانا بۇ ئاپاڭنىڭ قەبرىسى ، تەزىم قىل ...» دېيىشىگە يىگىت قەبرىگە تاشلىنىپ تىزلاندى ، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە - يىلى يۈز بەرگەن ئىدى :
بىرلەشمە ئارمىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بىر تۈركۈم ئەۋەتىدۇ . ۋېلسۇن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەسكەر ئىدى ، شۇ چاغدا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان جەڭ مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى . خەلق ئەسكىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا «بىرلەشمە ئارمىيە» ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىدۇ ، ئاشۇ چېكىنىشتە ۋېلسۇن قوشۇندىن خېلىلا كەينىدە قالىدۇ ، دەل شۇ چاغدا ، ئۇنىڭغا بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ ، يىغا ئاۋازى بىر قارا ئورىكىدىن كېلىۋاتاتتى . ۋېلسۇن قارلارنى ئېچىپ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھاڭ - تاڭ قالىدۇ .
بىر ئانىنىڭ قوينىدىكى بالا چىر-چىر يىغلاۋاتاتتى ، ھەممىدىن بەك ھەيران قالارلىقى ، ئانا قىپيالىڭاچ ئىدى . ئەسلىدە بۇ ئانا بالىسىنى ئېلىپ ، ئۇرۇش ئاپىتىدىن قاچقاندا ، بۇ قارلىق جىلغىدا توسۇلۇپ قالغان ، ئانا بالىسىنى توڭلىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ھەممە كىيىملىرىنى سېلىپ بالىسىنى يۆگەپ ، ئاندىن باغرىغا چىڭ باسقانىدى ، گەرچە قىپيالىڭاچ ئانا ئاللىبۇرۇن توڭلاپ ئۆلگەن بولسىمۇ ، قوينىدىكى بالا ھايات ئىدى .
ۋېلسۇن خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بۇ مەنزىرىدىن چەكسىز تەسىرلەندى . ئۇ دالا ئۇرۇشى ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئۈچى مۇز تۇتقان قارنى كولاپ ئورەك ئېچىپ بۇ ئانىنى كۆمۈپ قويدى . ئاندىن قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ قوشۇننىڭ ئىزىنى بېسىپ يۈرۈپ كېتىدۇ ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا ، ئۇ بالىنى بېقىۋېلىپ ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىدۇ ، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋېلسۇن ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ جىلغىغا ئېلىپ كېلىدۇ ، قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى .
بىر ئازدىن كېيىن ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ قەبرىنى بېسىۋالغان قارلارنى تازىلاشقا باشلىدى ، تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمدى ، ئۇ كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ سېلىپ قەبرىنىڭ ئۈستىگە ياپتى ، ئاندىن قەبرىگە تاشلىنىپ ئۇزۇندىن قەلبىگە ساقلىنىپ كەلگەن شۇ گەپنى دېدى :« ئاپا ، شۇنچە يىلدىن قانچىلىق مۇزلىغانسەن .... ھە »
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |