دەسلەپكى مۇھەببەت
جون ۋولتىس (ئامېرىكا)
ئەركىن شېرىپ تەرجىمىسى
قايناق ھەۋەس، ئىللىق تۇيغۇ.
سەبىي پاكلىق، ئۆمۈرلۈك ئازاب.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمىز ئىدى. سىنىپ ئىچىنى ۋاراڭ - چۇرۇڭ قاپلىغان بىر كۈنى، ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرغان چاچلىرىغا قاراپ قاپتىمەن. ئۇ كەينىگە قايرىلىشىغا كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قېلىپ، يۈرىكىم توك سوقىۋەتكەندەك <جىغغىدە&t; قىلىپ قالدى. شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ئويغىنىشقا باشلىغانىدى.
ئۇنىڭ ئىسمى رېچېر ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنى كۆرسەملا ھودۇقىدىغان، ئۇ بارلىكى سورۇنلاردا تىلىم كالۋالىشىپ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قالىدىغان بولۇپ قالدىم. باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇغۇ بۇرۇنقى ئىشلار، ھازىرچۇ؟ بەلكىم ھازىرمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇنىڭ دېرىزىسىگە تەلمۈرۈپ، كۆيۈك ئوتىدا پۇچۇلىنىپ يۈرگەن مۇھەببەت سەۋدالىرى باردۇر. ئۇ چاغلاردا مەن ناشايان خىياللاردا بولمىساممۇ، ئەمما تۇنجى مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن مەست ئىدىم. بەزىدە شېرىن خىياللارنى سۈرۈۋېرىشتىن ئوڭايسىزلىنىپ قالاتتىم. ھازىر، ئۇ ئىشلار ماڭا خۇددى ئەمەلگە ئاشمايدىغان شېرىن چۈشتەكلا بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
مەن دائىم ئۇنىڭ دەرەخلىك يولنى بويلاپ مەكتەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى ياكى مەكتەپتىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئوڭايسىزلىنىپ كېتەتتىم، ئەمما ئۇ قىلچە قورۇنماي تەمكىن ھالدا كېتىۋېرەتتى. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، مەن يۈرەكسىزلىك قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم كايىپ كېتەتتىم. ئەنە شۇ تۇيغۇلار ئىچىدە ياشلىق دەۋرىگىمۇ قەدەم قويدۇق. مەن ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قەستەن يوشۇرۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا سېزىشكە باشلىدىم.
قىز - يىگىتلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۈچرىشىپ تۇرشى بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى. لېكىن شۇ كۈنلەردە بىزدە نەق مۇشۇ خىل تۇيغۇ كەمچىل ئىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيسىنى ئالغان، مەن بولسام كاتولىك دىنىغا ئەقىدە باغلىغان بولغاچقا، بىزگە تەبىئىي ھالدا زاھىدلىق ئىدىيىسى سىڭىپ قالغانىدى. شۇڭا سۆتۈشۈشمۇ بىز ئۈچۈن يېتىش قىيىن بولغان ئىستەككە ئايلىنىپ قالغانىدى. بىر قېتىم تانسىدا مەن ئۇنى مىڭ تەسلىكتە قۇچاقلىۋالدىم. مېنىڭ قۇچاقلىشىم ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۋەتتى. كۈلكىسىدە ماڭا شۇنچە ئىشىنىدىغنلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆزۈمنىڭ باشقا خىياللاردا بولۇپ كەتكەنلىكىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن رېچېرغا ھەر قانچە تەلمۈرسەممۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ كەلدىم. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ داشۆگە ئوقۇشقا كەتتى، مەن ھەربىي سەپكە كىردىم. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەن چەت ئەلگە ئەۋەتىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتىم. شۇ مەزگىللەردە بىز خەت يېزىشىپ تۇردۇق. شۇ زېرىكىشلىك يىللاردا ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە خېتى ماڭا زور تەسەللى بولغانىدى. بىر قېتىم ئۇ ماڭا سۇ ئۈزۈش كىيمى بىلەن چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىنى ئەۋەتىپتۇ، بۇ رەسىمنى كۆرۈپلا توي قىلغۇم كېلىپ، ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە خەت يازدىم. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ خېتى ئازلاپ كەتتى.
مەن ئامېرىكىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى يوقلىغىلى باردىم، ئىشىكنى ئۇنىڭ ئاپىسى ئاچتى، ئۇ رېچېرنىڭ داشۆدە تونۇشقان تىببىي پەندە ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى بىلەن توي قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، ئارقىدىن:
_ مەن تېخى ئۇ سىزگە خەت يازدى دەپ ئويلاپتىمەن، _ دەپ قوشۇپ قويدى.
مەن ھەربىي سەپتىن چېكىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ <سۆيۈملۈك جونسون&t;دەپ باشلىغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ خەتتە ئوتتۇرىمىزدا توي قىلىش ئىمكانىيتىنىڭ يوقلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ. مەن بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر نەچچە ئايغىچە قاتتىق ئازابلىنىپ يۈردۈم. لېكىن كېيىنچە بۇنى ئۆتكەن ئىشلار قاتارىدا ئاستا - ئاستا كاللامدىن چىقىرۋەتتىم. كېيىن مەنمۇ رېچېرغا ئوخشاش باشقا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە بەردىم. ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەم تاكى بۈگۈنگىچە تەۋرەنگىنى يوق.
قىرىق يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا رېچېردىن بىر پارچە خەت كېلىپ قالدى. خەتتە ئۇ ئېرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىن پات ئارىدا ئۆتىدىغانلىقىنى، بىر تونۇشتىن سۈرۈشتۈرۈپ مېنىڭ تۇتۇشلۇق ئورنۇمنى تاپقانلىقىنى، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ.
ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمگە بىر نەچچە يىللار بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم ھاياجانلىنىپ كەتتىم. بىر كۈنى ئەتىگەندە، توساتتىن ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تېلېفونى، مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئاخىر بىزگە كۆرۈشۈش نېسىب بولدى. مەن ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم؛ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن بۇ ئايال مەن كېچە - كۈندۈز كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن رېچېرمىدۇ؟ ھېلىقى سۈرەتتىكى سۇ ئۈزۈش كىيمى كىيىۋالغان مۇلايىم قىز شۇمىدۇ؟
بىز بىر - بىرىمىزنى چۈشىنەتتۇق. بىر - بىرىمىزگە ھۆرمىتىمىزمۇ بار ئىدى، شۇڭا بىردەمدىلا قەدىناسلارچە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىر ئاز مۇڭداشقاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىز نەۋرە كۆرگەنلىكىمىزنى بىلىشتۇق.
_ مۇنۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ _ ئۇ تىتىلىپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا ئۇزاتتى. بۇ مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، رېچېرغا ئاتاپ يازغان شېئىرىم ئىدى. مەن شېئىرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. ئۇ چىرايىمغا قاراپ كېتىپ تۇيۇقسىز قولۇمدىكى شېئىرنى تارتىۋالدى_دە، خۇددى مەن ئۇنى ئېلىۋالىدىغاندەك دەرھال پورتمانىغا سېلىۋالدى.
مەن ھېلىقى رەسىمنىڭ گېپىنى چىقىرىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانىدا ئۇنى يېنىمدا قانداق ساقلىغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم.
_ مەن ئۇ رەسىمگە تازا ياخشى چۈشەلمىگەن، _ دېدى ئۇ.
_ نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _دېدىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
كۈلكىمىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاندىن بىز بىر - بىرىمىزنى يوشۇرۇن كۆزىتىشكە باشلىدۇق. مەن بىزنىڭ ھازىرقى بىر - بىرىمىزگە بولغان ھېسسىياتىمىزنىڭ ئىلگىردىكى روھىي ھالىتىمىزگە نىسبەتەن بىر خىل تەنقىد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا بىز ئۆلمەس كىشىلەر بولۇشقا مەنسۇپ.
ئۇ كىرا ماشىنىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەينىگە بۇرۇلدى:
_ مەن سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇ چاغدا بەزى ئىشلارنى سىزگە ئېيتىپ بېرىمەن، _ دېدى ئۇ. بىزنىڭ كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچرىشىپ قالدى، __ سىزنىڭ مېنى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتماقچىمەن.
بىز سۆيۈشۈپ خوشلاشتۇق.
بىر ماگزىننىڭ دېرىزىسىگە چۈشكەن سايەم ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى. ئەينەكتىكى بۇ ئادەمنىڭ كۆمۈچ رەڭ چاچلىرى كەچنىڭ مەيىن شامىلىدا ئاستا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. ئاخىر ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بىراق، چارچاپ كەتكەچكە باغچىدىكى بىر تاش ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ سۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت لەۋلىرىمدىن تېخىچە كەتمىگەنىدى. ئەتراپىمدىكى دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپلەر قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، مېنى ئۇزۇندىن بېرى ئازابلاپ كەلگەن بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇم. كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر تۈگەپ، يېپيېڭى بىر دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك تېنىم يايراپ كەتتى. خۇشاللىقتىن ئاۋازىمنى بۇلۇشىچە قويۇۋېتىپ ۋارقىرىغۇم، ناخشا توۋلىغۇم كەلدى. بىراق، ھەممە ئىشلار ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەندەك، بايىقى كۈچلۈك ھاياجىنىممۇ تېزلا بېسىقىپ قالدى. بۇ چاغدا پۇت - قولۇمغا قايتىدىن ماغدۇر كىرىپ ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم ۋە ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |