ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سۈيۈش


سۈيۈش


 

ي .سىدىلبىل (شۋېتسىيە)


 

بىر كۈنى ، بىر جۈپ قىز - يىگىت كۆل بويىدىكى تاش ئۈستىدە ئولتۇراتتى ، كۆل سۈيى ئۇلارنىڭ پۇتىغا يېنىك ئۇرۇلۇپ تۇراتتى .ئۇلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ، پېتىپ كېتىۋاتقان كۈنگە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈشكەنىدى .
يىگىت كۆڭلىدە :«ئۇنى بىر سۈيۈۋالسام »دەپ ئويلاپ ، قىزنىڭ لەۋلىرىگە قارىدى ،قىزنىڭ لەۋلىرى خۇددى تەشنالىقتا تۇرغاندەكلا كۆرۈندى ، ئەلۋەتتە ، يىگىت ئەسلىدە باشقا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ، ئەمما ئۇ قىز كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزدەك چىرايلىق ئەمەس ئىدى . ئۇ بۇ قىزنى ئەزەلدىن سۈيۈپ باقمىغان ، بۇ قىز ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ،،چاقناپ تۇرغان چولپاننىڭ ئۆزى ئىدى . قولغا كەلتۈرۈشكە كۆزى يەتمىگەن بىر قىز ئالدىدا نېمە قىلغىلى بولىدۇ ؟
قىز كۆڭلىدە :«ئۇ مېنى بىر سۆيگەن بولسىدى ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بىر كۆرسۈتۈپ قوياتتىم ،ئۇنى نەزىرىمگە ئالمايدىغانلىقىمنى شۇ چاغدا بىلىپ قالاتتى . مەن ئورنۇمدىن تۇراتتىم - دە ، كۆڭلىكىمنىڭ پېشىنى قېقىپ ، قاتتىق ئالىيىپ قويۇپ ،قەددىمنى رۇسلاپ كېتىپ قالاتتىم .ھودۇققىنىمنى ، جىددىيلەشكىنىمنى زادىلا بىلدۈرمەيتىم .ھازىر كۆڭلۈمدە نېمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭدىن :
- «سىزنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولارمۇ ؟»- دەپ سوراي دەپ ئويلىدى .
يىگىت كۆڭلىدە :«ناۋادا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپ بەرسەم ، بەلكىم ئۇنى سۆيۈۋېلىشىمغا ئاسان بولار » دەپ ئويلىدى . ئەمما ، ئۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق سوئاللارغا نېمىدەپ جاۋاپ بەرگىنىنى زادىلا ئېسىگە ئالالمىدى ، مۇشۇنداق مەسىلىگە قانداق جاۋاپ بېرىدىكىنە ، ئۇ قىزنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان گەپ قىلىپ قويۇشتىن قورقتى .شۇڭا قىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ :
- گاھىدا شۇنداق ئويلايمەن ،- دېدى .
ئۇنىڭ جاۋابىدىن قىز ئىنتايىن خوشال ئىدى .
قىز كۆڭلىدە :« ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە بولغاندا ، ئۇنىڭ چېچى ، پېشانىسىغۇ بولغۇدەك ، شۇغىنىسى بۇرنى بەكلا سەت ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئىجتىمائىي ئورنى يوق ، ئۇ بىر ئوقۇغۇچى ،مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىنىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ، خالاس .ئومۇمەن ،ئۇ دوستلىرىمنى بىزار قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىكەن » دەپ ئويلىدى .
يىگىت :«ئەمدى ئۇنى سۆيسەم بولار »دەپ ئويلىدى ، لېكىن يەنىلا بەك دېلىغۇل بولۇپ تۇراتتى ، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان خانقىزلارنى سۆيۈپ باقمىغان ، بۇ سۆيۈشنىڭ خەتىرى بار ياكى يوقلۇقىنى بىلمەيتتى ، چۈنكى قىزنىڭ دادىسى مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇلارغا يېقىنلا جايدا سەگەنچۈكتە ئۇخلاۋاتاتتى .
قىز :«ئەگەر ئۇ مېنى سۆيۈپ قالسىلا ، ئەڭ ياخشىسى كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالاي » دەپ ئويلىدى .
ئارقىدىنلا يەنە :«ئۇ نېمىشقا مېنى سۆيمەيدىغاندۇ ؟ ئەجەبا مەن ئەرلەرنىڭ مەيلىنى تارتالمىغۇدەك سەتتىمەنمۇ؟»دەپ ئويلىدى .
قىز ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ كۆل سۈيىگە قارىۋېدى ، كۆل سۈيى داۋالغۇپ تۇرغاچقا ، سۇدىكى شولىسىنى ئېنىق كۆرەلمىدى .
قىز يەنە :« ئەگەر ئۇ مېنى سۆيسە قانداق بولۇپ كېتەرمەن » دەپ ئويلىدى .
ئەمەلىيەتتە ، ئەرلەر ئۇنى پەقەت بىر قېتىملا سۆيۈپ باققان . شەھەردىكى بىر چوڭ رېستۇراندا تانسا ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئۈستۋېشىدىن ھاراق ، تاماكىنىڭ قاڭسىق ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان بىر لېيتېنانت ئۇنى سۆيۈۋالغان ، ئەمما ئۇ بۇ سۆيۈشۈشتىن ھېچقانداق بىر لەززەت ئالالمىغانىدى .ئەگەر ئۇ بىر لېيتېنانت بولمىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۆزىنى سۆيۈۋېلىشىغا يول قويمىغان بولاتتى .بىراق ، كېيىن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ قالدى ،چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزغا كۆڭلى بارلىقىنى زادىلا بىلدۈرۈپ باقمىغانىدى .
ئۇ ئىككىسى شۇ تەرىقىدە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشەتتى .
ئەتراپقا تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى .
يىگىت :« كەچ كىرسىمۇ ، ئۇنىڭ يەنىلا كېتىمەن دېمەي ئولتۇرغىنىغا قارىغاندا ، سۆيۈشۈمگە قارشى تۇرۇپ كەتمىسە كېرەك » دەپ ئويلىدى .
يىگىت ئاخىر قىزنىڭ بوينىغا گىرە سالدى .
قىز ئۇنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ زادىلا ئويلىمىغانىدى ، كۆڭلىدە :« ئۇ مېنى سۆيسە ،كاچىتىغا بىرنى سېلىپ ، مەلىكىلەردەك سالاپەت بىلەن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالىمەن » دەپ ئويلىغانىدى . بىراق ئەمدى نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى . ئۇ ئاچچىقلانماقچى بولدى ، ئەمما سۆيۈلۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغۇسى كەلمىدى ، شۇڭا قىمىر قىلماي ئولتۇرىۋەردى .
يىگىت ئۇنى سۆيدى .
بۇ سۆيۈش قىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ لەززەتلىك بولدى . قىز رەڭگىنىڭ تاتىرىپ ، بەدەنلىرىنىڭ بوشىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى . بۇ چاغدا ، يىگىتنى بىر كاچات سېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى .
يىگىت بىر خۇداگۇي دوختۇرنىڭ « ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى » ناملىق كىتابىدىكى :« ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇچاقلىشىشنىڭ شەھۋانىي تۈس ئېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك »دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى ، ئەمما بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى ئويلاپ قالدى ، چۈنكى بۇ سۆيۈش ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى .
ئاي چىقتى ، قىز - يىگىت يەنىلا شۇ جايىدا ئولتۇرۇپ ھە دەپ سۆيۈشمەكتە ئىدى .
قىز يىگىتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ :« سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا ئاشىق بولغانىدىم » دېدى .
يىگىت :« بۇ دۇنيادا بىردىنبىر سۆيگىنىم سىز » دېدى .


 

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203