ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مۇھەببەت-گويا نازۇك گۈل


مۇھەببەت-گويا نازۇك گۈل


 

ئوشو (ھىندىستان) 
ئابدۇقەييۇم ئوبۇل ئارىف تەرجىمىسى


 

 بىر ئەر مۇكەممەل بىر ئايالنى ئىزدەپ ئۆمۈر بويى يىگانە ئۆتۈپتۇ.ئۇ يەتمىش ياشقا كىرگەن يىلى، بىرى ئۇنىڭدىن:"بىر ئۆمۈر ئىزدىدىڭىز، ئەجەبا سىزگە بىرەر مۇكەممەل ئايال ئۇچرىمىدىمۇ؟"دەپ سوراپتۇ. بوۋاي: "بىر قېتىم ئۇچراتقانىدىم، ئەمما ئۇمۇ مۇكەممەل ئەر ئىزدەيدىكەن" دەپتۇ ھەسىرەت بىلەن.
 مۇھەببەتنىڭ بىر قەلبدىن يەنە بىر قەلىبكە ئۆتۈشى ۋە يېتىلىشى مۇكەممەللىككە ھاجەت ئەمەس، بىراۋنى ياخشى كۆرمەكچى بولغان قەلب پەقەت سۆيگۈ ئىزدىشى، گويا تىرىك ئادەم نەپەسلىنىشكە، سۇ ئىچىشكە، تاماق يىيىشكە ۋە ئۇيقۇغا ھاجەتكار بولغىنى كەبى تەلەپكار بولمىقى كېرەك. ئەلۋەتتە، سىز: "ساپ ھاۋا بولمىسا، بۇلغانغان ھاۋادىن ھەرگىز نەپەسلەنمەيمەن" دىيەلمەيسىز-دە 
 سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مۇكەممەللىك قوغلاشماڭ، بولمىسا ھەرقانداق بىر مۇھەببەتنىڭ قەلبىڭىزگە تارىلىۋاتقانلىقىنى سېزەلمەيسىز.
 بىر ئەر بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىپتۇ. ئايال ئۇنىڭدىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىپتۇ. ئەرنىڭ ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى گۇناھ بولۇپ قالدىمۇ؟
ئەر مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىق كەمچىلىكلىرىدىن بىراقلا ۋاز كېچىشى كېرەككەن، بۇنداق بولغاندا ئۇ قانداقمۇ نورمال ئادەم بولالىسۇن؟ ئۇ بىر بولسا ئەۋلىيا، بىر بولسا ئالدامچىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئۇ ئەنە شۇنداق نىقابلىنىدۇ، ئاتالمىش مۇھەببەت ئۈچۈن ئويۇن قۇيۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىراۋ سىزنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىڭ. چۈنكى ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. خۇدانىڭ بىراۋنىڭ قەلبىگە ئەنە شۇنداق مۇھەببەت ئوتى سالغانلىقىدىن شۈكۈر دەڭ، ئەپسۇس، نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭدىن قانائەتلەنمەيدۇ، ئۇلار ئەرزىمەس ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن مۇھەببەتنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ.
خوتۇنىڭىز سىزگە تاماق ئىتىپ بەرسە، سىز ئۇنىڭغا ئەزەلدىن رەھمەت ئېيتمايسىز، مەن سىزنى رەھمەت - ھەشقاللىنى ياغدۇرىۋېتىڭ دېمەكچى ئەمەس، بەلكى كۆزىڭىزدىلا ئىپادىلەڭ، ھەرگىز بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ خىزمىتى دەپ قارىماڭ.يەنە دېسەك، ئىرىڭىز سىز ئۈچۈن پۇل تېپىپ كىرگەندە، سىز ئۇنىڭغا "رەھمەت" دەپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بۇ ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا مۇھەببەت قانداق يىتىلىدۇ؟ ئۇ شۇنداق بىر كەيپىياتقا مۇھتاج: بىرى، تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىق كەيپىياتى؛ يەنە بىرى، ھېچنىمە تەلەپ قىلمايدىغان كەيپىيات؛ ئۈچىنچىسى بولسا، ھېچنىمە كۈتمەيدىغان كەيپىيات.
مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىن كۆرە مۇھەببەت ئاتا قىلىڭ، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزمۇ مۇھەببەتكە نائىل بولالايسىز. مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە ھەممەيلەن ھېرىس، لېكىن ئاتا قىلىشتىن ھوزۇرلىنالايدىغانلار يوق دىيەرلىك، بەزىلەر ئاتا قىلالىغىنى بىلەن، مەقسىتى ئېرىشىش، ئۇلارچە مۇھەببەت سودا، ئاز بېرىپ كۆپ ئالغىنى ئۇتقىنى. ھالبۇكى، مۇھەببەت تىجارەت ئەمەس، ئۇنداق بولىدىكەن، سىز مۇھەببەتتىن قۇرۇق قالىسىز، نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرمۇ كېتىپ قالىدۇ. چۈنكى، بارچە گۈزەل نەرسىلەر سودا يوقۇندىسىدىن مۇستەسنادۇر، دەل-دەرەخلەر باراقسانلايدۇ، ئۇ سودا ئەمەس، يۇلتۇزلار جىمىرلاپ كۆز قىسىشىدۇ، بۇمۇ سودا ئەمەس، بۇلاردىن ھەق-نېمەتسىز بەھرىلىنەلەيسىز، ئۇمۇ سىزدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ.
بىر قۇش يېنىڭىزغا كېلىپ قونۇپ، يېقىملىققىنا سايرىدى، ئارقىدىن خوشال-خورام ئۇچۇپ كەتتى، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ يېتىلىشى. شۇنداق، مۇھەببەت كېلىدۇ، ھەسسىلەپ كېلىدۇ، ھەتتاكى تۇيدۇرماي كېلىدۇ، ئەمما سىز ھاجەت بولغاندا كەلمەيدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتنى باشقىلارغا ئاتا قىلىڭ، دەسلىپىدە بۇ سىزگە ئېغىر كېلىدۇ، چۈنكى سىز ئەزەلدىن ئېرىشىش ئۈچۈن مەشىقلىنىپ كۆنگەن، ھەرگىزمۇ بېرىشكە ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن بېشىدىن تارتىپلا قەلب تۆرىڭىزنى قوغداپ تۇرغان دوبۇلغا-ساۋۇتلارنى سېلىۋېتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. مۇز بولۇپ قاتقان يۈرەكنى، تارىشا كەبى مۇسكۇللارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش دەسلىپىدىلا ئاسانغا توختىمايدۇ، ئەمما بىرىنچى قەدەم سىزنى كىيىنكى قەدەمگە يىتەكلەيدۇ، ئاخىرىدا بېرىپ شۇنى كۆرۈپ يېتىسىز. مۇھەببەت دەريالىرىڭىز كۆۋەجەپ ئاققىلى تۇرىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203