زىددىيەت ئورمانلىقىدا
كلېزىئو(فرانسېيە)
- يللىق «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى قۇبۇل قىلش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
نېمە ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىمىز؟ مېنىڭچە،كىشىلەرنىڭ ساپاسى،خاراكتېرى،ياشاش مۇھىتى،شەرىت-شارائىت ۋەئقتىدارى ئوخىشاش بولمىغاچقا، ھەممەيلەننىڭ بۇ ئاددىي سوئالىغا بېرىدىغان جاۋابىمۇ ئوخشاش بولىمايدۇ.بىر ئادەمنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى،ئۇنىڭ ئەمەلىيى ھەرىكەت قىلغىنىدىن بېشارەت بەرمەيدۇ.رېئاللىققا يۇزلەنگەن چېغىمىزدا قىيىنچىلىق ئچىدە ئۆزىمىزنى تاپىمىز. شۇڭا بىز باشقىچە ئنكاس قايتۇرۇش،باشقىچە شەكىلدە ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنى تاللايمىز.مېنى يېزىشقا ئلھاملاندۇرۇپ تۇرىدىغان شارائتقا كەلسەم،بۇ مېنىڭ يىزىقچىلقنى ياخشى كۈرۇشىملا ئەمەس،بەلكى توغرا پىكىر قىلىشقا بولغان ئنتىزارلىقمۇ بار.مەن ئۈچۈن بۇنڭ باشلىنش نوقتىسى ئۇرۇشتۇر.ئۇرۇش مەلۇم مەنىدىن كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك مۇھىم مىنۇتلار ئەمەس،كىشىلەر ئۇرۇشتىن پەقەت ئۇنىڭ تارىخى دەقىقلىرىنىلا كۆرىدۇ.ئالايلۇق،فرانسىيدىكى ۋارمى ئۇرۇش مەيدانىدا گىئوتى گېرمان تەرەپتە تۇرۇپ ۋەقەنى بايان قىلغان بولسا،ئېنقىلابچىلار مېنىڭ ئەجدادىم بولمش فىرانسۇزلا ئىدى.بۇكىشىنى شۇنداق روھلاندۇرىدىغان ۋە ھاياجانغا سالىدىغان ئش بۇلۇشى كېرەك ئىدى.ياق،مەن ئۈچۈن ئاددىى پۇخرالار،ھەتتا ئۇششاق باللارمۇ ھېس قىلالايدىغان بىر خل سەرگۈزەشتە.مىنڭ نەزىرىمدە،ئۇرۇش دەققىلىرى بىر ئازمۇ تارىخىلىققا ئىگە ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ.
بىز ئاچلىق ۋە قورقۇنچ،سۇغۇقنڭ دەردىنى ئۆلگۈدەك تارىتتۇق.مەن دېرىزىمىزدىن رومىل مارشال ئارمىيسنىڭ ئتالىيىنڭ شىمالى ۋە ئاۋستىرىينى كۆزلەپ،ئالىپىسقا قاراپ ئلگىرىلگەنلكنى كۆرگىنم ھلھەم ئېنىق ئسىمىدە.بۇ ئىش ماڭا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرالىغىنى يوق.ئەكىسچە،ئۇرۇشقا ئەگىشىپ ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمىزدە،بىزنڭ ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بۇلۇپ كەتكەن،ھەتتا يېزىش ۋە ئوقۇمىقىمىزمۇ بىر گەپ بولغاندى.قەغەز-قەلەم بولمىغانلىقتىن،نورمىلق مال سېتىۋېلىش دەپتىرنڭ كەينىگە ياغاچچىنڭ قىزىل ۋەكۆك چىقىدىغان قەلىمىدە بىرنېمىلەرنى سىزغان ۋەيازغان ئىدىم.بۇ مېنڭ يىرىك كەلگەن رەسىم سىزىش قەغىزىگەۋە قەلەمگە بولغان ئشتىياقىمنى قەۋەتلا كۈچەيتىۋەتكەنىدى.بۇلۇپمۇ،ئوقۇيدىغانغا باللار كىتابى تاپالماي،مومامنىڭ لوغىتىنى چالاقويماي ئۇقۇپ چىقاتتىم.لۇغەتتىكى بىلىملەر مەن ئۈچۈن ئېچىلغان گۈزەل ئشىك-دېرىزە ئىدى،مەن شۇ ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇيتتۇم،ئۇنڭ رەڭلىك قىستۇرما بەتلىرى،چۈشەندۈرۈلگەن يەر نامىلىرى،خەرىتە،خام سۆزلەر ئارقىلىق قانغۇدەك دۇنيا كېزەتتىم ۋەشېرىن خىياللارغا چۆمۈلەتتىم.يەتتە-سەككىز يېشىمدا يازغان تۇنجى كىتابىم«يەر شارىغا سەپەر»ئىدى،ئارقىدىن تەسەۋۋۇرۇمدىكى دونىل Ⅲ تىن ئبارەت شېۋىتسىيە پادھشاھىنى يازدىم. كېيىن يەنە چايكا تەرپىدىن ئېيتىلغان ھېكايىنى يازدىم.بۇ،باللارنڭ سىرىتقا چىقىش ئەركىنلىكى يوق چاغلار ئىدى.چۈنكى،مۇمامنڭ ئۆيى ئەتىراپىدىكى ئېتىز ۋەگۈللۈككە مىنا كۈمۈلگەن ئىدى.ئېسىمدە قىلىشچە،بىر كۈنى مەن دېڭىز بويىدا ئايلىنىپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا،تۆمۈر تىكەن بىلەن قورشالغان بىر يەرگە كىرىپ قالدىم.ئۇنڭغا كىرىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى نېمىسچە،فرانسۇزچە يېزىلغان،باش سۆڭكىنڭ ئسكىلتىمۇ سىزىپ قۇيۇلغانىدى.
بۇنداق ۋاقتتا،كىشىلەرنىڭ چەكسىز تەلپۈنىدىغىنى قېچىش بولدىغانلىقىنى چۈشەندىم.شۇڭا،مەندىمۇ تەلپۈنۈش بولدى ھەم شۇ تەلپۈنۈشلىرىمنى يېزىپ ماڭدىم.مومام چۆچەك ئېيتىشقا ئۇستا ئايال ئىدى.چۈشتىن كىيىنكى ئۇزاق ۋاقىتلاردا ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بىرەتتى.ئۇ تەسەۋۋۇرىغا قالتىس باي ئايال ئىدى،ھەمىشە ئورمانلىق(ئۇبەلكىم ئافرىقىنڭ ئورمانلىقى ۋە ياكى ماۋرىتئوسنېڭ ماكوبى ئورمانلىقى بولىشى مۇمكىن)ھەققىدە چۆچەك ئېيتاتتى،چۆچەكنىڭ باش قەھرىمانى ئۆتۈپ كەتكەن بىر مەككار مايمۇن بولاتتى، ئۇ شۇنداق خەۋىپ-خەتەر ئچىدىمۇ خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرالايتتى.مەن ئافرىقىنى بىر ئايلانغان،ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپمۇ باققان.مەن ئۇ يەردە ئورمانلىقنى تۇنجى كۆرگەن،ئەمما ئۇيەردە ھايۋاناتلار يوق دېيەرلىك ئىدى.بىراق،ئۇبۇدۇ كەنتىدىكى ئەمەلدار كامېرون چېگىرىسىغا يېقىن بىر جايدا،ماڭا تاغدىكى شىنپەنزىلەرنڭ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ ۋاقىرشىنى ئاڭلىتىپ قويغانىدى.مېنڭ بۇقېتىمقى سەپەر جەريانىدا ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇش جەريانىدا(نېگىريىدە ئاتام يېزا دوختۇرى بۇلۇپ تۇرغانىدى)ئېلىپ كەلگىنىم كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان رومانىمنڭ ماتىرىيالى بولماستىن،ئككنچى بىر خىل مىجەز-ھەم خىيالى،ھەم رېئاللىقنڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچىرايدىغان مىجەز بولدى،شۇنىڭدىن ئتىبارەن ئۇمجەز مىنڭ ھاياتىمغا ھەمراھ بۇلۇپ كەلدى،-ئشقىلىپ ،مېنڭ ھاياتىم زىددىيەتلىك تەركىبلەرگە تولغانىدى.ئەجەبلىنەرلىكى،ئۇنڭدىكى ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ ئازابلىرى ئىدى.تۇرمۇش مانا شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە،بۇنىڭ زادى نېمىدىن دىرەك بىردىغىنىنى بىلەلمەي ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمى ئويلىنىش ئچىدە ئۆتتى.
كىتابنڭ ھاياتىمغا بۆسۈپ كىرىشى سەل كېيىنكى ئىش.مەن نۇرغۇن كىتاب جاۋەنلىرىنى ئاتامنىڭ موكا(ماۋرىتئوس ئارلى)دىكى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىن كىيىن كۆرگەن. ئۇنىڭغا پارچە-پۇرات مىراس شەكلىدە تەگكەن نەرسىلەر ئچىدە كىتابلارمۇ بار ئىدى،ئاتام ئۇنى ئوبدان ساقلىغانىدى.مەن شۇ چاغدا،بۇ باللارغا دەماللىققا كۆرسىتىپ قويغىلى بولمايدىغان بۇ ھەققەتنى-كىتابنىڭ ئۆي- مۈلۈكىنىمۇ،بانكىغا قۇيۇلغان پۇلدىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.قاتتىق مۇقاۋىلىق بۇكىتابلار ئارسىدا دۇنيا ئەدەبىياتىغا تەۋە بەزى بۈيۈك ئەسەرلەرنى بايقىدىم، ئالايلۇق،تونى جاھاننۇت قىستۇرما رەسىم سىزغان«دونكىخوت»،«كەيمە تازا»،«ھىنگورجىب ئائلە تەزكىرىسى»،«گىلۋىرنىڭ ساياھىتى»ۋە ۋىكتور ھيۇگۇنىڭ«-يىل»،«دېڭىزدىكى ئەمگەكچىلەر»،«كۈلۈپ تۇرۇپ جاننى ئالىدىغان ئادەم»دېگەندەك يىرىك رومانلىرى ھەمدە بالزاكنىڭ«ھەزىل ھېكايىلەر»ىنى ئوقۇدۇم.بىراق،يەنىلا مېنڭ ئەڭ قىزقىشىمنى قوزغىغىنى ساياھەت خاتىرلىرى بولدى،بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندىستان،ئافرىقا ۋە ماسكار تاقىم ئاراللىرىغا قىلىنغان ساياھەت ياكى تارىخشۇناس،ئېكسپېدىتسىيىچى دومونىت دى ئورۋىل ياكى ئابى رىكون ۋە ماركوپولۇلارنىڭ خاتىرىسى ئىدى.ئافرىقىدىكى ئاشۇ ۋاقتىم كەڭ-كۇشادە چاغلىرىمدا،باشقا يات شەھەرلەرنىڭ مەززىسىز،ئاددىي تۇرمۇشىدا بۇكىتابلار ماڭاخەتەرلىك سەرگۈزەشتىنڭ ھۇزۇرىنى بەردى،رېئال دۇنيانىڭ موللۇقىنى ھېس قىلدۇردى،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇن بىلىم بەردى. ئەقىل-بىلىم بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆز-ئۆزۈمدىن،ئۆز تۇيغۇمدىن ئۇ ھەقتە ئىزدىنشكە ياردەم بەردى.مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا،ئۇلار ماڭا بالىلىق تۇرمۇشنىڭ زىدديەتلىك ماھىتىنى بالدۇراق ھېس قېلىشىمغا ياردەم بەردى،ئۇ مېنىڭ پاناھ جايىم ئىدى،مەن ئۇنىڭدىن زوراۋانلىق ۋەكۈچلۇك رىقابەتنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم، شۇنداقلا چاسا دېرىزە ئەينەكلىرىدىن تاشقى دۇنيانى كۆرۇپ ھۇزۇر سۈرەتتىم.
شۋېتسيە خان جەمەتىنڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ خەۋەرىنى ئاڭلاشتىن سەللا ئىلگىرى مەن سىتگ داگىرمەن يازغان«ھەسرەتلىك دىكتاتورا»ناملىق سىياسىي ماقالىلەر توپلىمىنى قايتىدىن ئوقۇۋاتاتتىم.بۇ نېپىزغىنە كەلگەن ئازابلىق كىتابىنى قايتا ئۇقۇشۇم تاساددىبىلىق ئەمەس ئىدى.مەن دەرھال شېتىسىيەگە بېرىپ،بۇ يىل تارقىتلدىغان مۇكاپاتنى ئېلىۋېلش بىلەن بللە داگرمەننىڭ بالىلق دەۋىرىدە ياشىغان جايىنى زىيارەت قىلىپ كېلەتىتم .مەن داگىرمەننىڭ بالىلىق تۇيغۇلىرىنى ساتىرىك يوسۇندا ئىپادىلەشنى تۇلىمۇ ياقتۇرىمەن.ئۇنىڭ غايىۋىلىكى،دانىشمەنلىكى،ئۇرۇشتىن كېيىنكى مالىمانچىلىق يىللارغا سەزگۈرلۈك بىلەن ھۆكۈم قىلىشلىرىغا قايىل ئىدىم. بۇ ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن، مىنڭ بولسا بالىلىق مەزگىلىم ئىدى. ئۇنىڭدىكى بىر جۈملە سۆز قەدىمىمنى تۇيۇقسز تۇغتىتپ قويغان،ئۇ جۈملە مەن ئۈچۇنلا يېزىلغاندەك ئىدى-بۇ مېنڭ تۇنجى رومانىم«ئېچىرقاش كۈيى»نى يېزىپ ئىلان قلغان چاغلىرىم ئىدى.بۇ جۈملە مۇنداق ئىدى:قانداقمۇ شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن،بىرتەرەپتىن،دۇنيا ئەدەبىياتتىنىمۇ مۇھىم ھېچنەرسە يوقتەك؛يەنە بىر تەرەپتىن،بىز ئۆز ئەتىراپىمىزنى كۆرەلەيمىز،كىشىلەر ئاچلىق بىلەن كۆرەش قىلماقتا،ئۇلار ئاي ئاخىرىدا قانچىلىك پۇل تاپتىم،دېگەننى ئەڭ مۇيىم ئۇرۇنغا قويمىسا بولمايدۇ.چۈنكى،يازغۇچى يېڭى بىر زىتلىق نەزرىيىسىگە يولوقتى:ئۇ ئاچ-يالىڭاچ كىشىلەر ئۈچۈن يازماقچى،بايقىماقچى بولسا،قورسىقى توق ئادەملەرلا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقاشقا چولىسى تىگىدۇ»(«يازغۇچى ۋەئاڭ»).
سىتىگ داگىرمەن زىددىيەت ئورمانلىقدا دەپ ئاتىغاندەك،يازغۇچى بۇ تېمىدىن قاچالمايدۇ. ئەكىسچە،بۇ ئورمانلىققا ماكانلىشىپ،ئۇنىڭ ھەربىر تۈپ دەرىخى،ھەربىر يالغۇز ئاياغ يولى،ئۇنىڭ ئسىملىرىغىچە ئنچىكە تۇنۇشۇپ چىقىش كېرەك.ئەمما ،بۇ ھۇزۇرلىنىپ تۇرۋېلىش ئەمەس.ئۇ ئۆزىنى ھامىيلىققا ئىرىششى كىرەك،دەپ قارايدۇ.بۇ يەردىن تۇرالغۇ،يېقىن دوست ئىزدەيدۇ.لىكىن،يازغۇچى رېىئاللىققا بۆسۈپ كىرگەندە،ئۇ رېئاللىقنى كۆزەتكۈچىلا ئەمەس، بەلكى رول ئالغۇچىمۇ ئەمەس.ئۇلار ئەمەس بەلكى رول ئالغۇچىمۇ بولىدۇ.ئۇلار يۆنىلشنى توغرا تاللاپ ئارلىقنى ياخشى مۆلچەرلىشى كېرەك.سېسىرو،رابىلايىس،كوندۇرەكتا،روسسۇ،سىتائل خانىم،سولژىنتىسېن،ۋاڭ سوڭ يۇڭ،ئابدۇلەتىف لەبىم مىلان كوندىرالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەدەبىيات يولىدا سەرسان-سەرگەردان بولدى.كىشىلەرنىڭ بەزىسى مەندەك ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەركىنلىككە ئېرىشنى ئويلىسا،يەنە بەزىسى بىر يەردە ئۇزاق تۇرۇشنى ئەركىنلىكنىڭ قامال قىلىنىشى دەپ قارايدۇ.
بىراق،ئەركىنلىكتىن كەلگەن ھۇقۇق-ئىمكانىيەتلەر يەنىلا سىزنى زىددىيەت قوينىغا باشلايدۇ.يازغۇچى ماكان تۇتقان ئورمانلىق چوڭقۇرىدىكى تىكەنلىك دەرەخكە قاراڭ-پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن يېزىقچىلىققا،ھېكايە تۇقۇشقىلا كىرىشىپ كەتكەن بۇ ئەر ياكى ئايال،ئاز ساندىكى بەخىتلىك كىشلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟بېز ئەڭ چېكىگە يەتكەن،قورقۇنچلۇق ھالەت-زېمىندىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ياشاش ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى.ئارىستوتېل ياكى تولىستويدەك ئىجدتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ھالىتى-ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسرلىردىكى يانچىلار قۇل-دېدەكلەر، دېھقانلار ياكى نۇرانە دەۋردە ئافرىقا دېڭز بويلىرىدىن بۇلاپ كىلىنگەنلەر ھەمدە گورى ئارىلىياكى ئەل مىنادا،زان زىباردا سېتىلغان قۇللارنى كۆز ئالدىمزغا كەلتۈرەيلى.بۈگۈنكى كۈندە مەن سۆزلەۋاتقان شۇ پەيتتە،ئاشۇ سۆزلەش ھۇقۇقى يوق كىشىلەر-تىلنىڭ يەنە بىر چېتىدە تۇرغان كىشىلەريەنىلا شۇ پېتى ياشىماقتا.ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى گرامماسكېيدىكى ئۇرۇش ئەمەس،ساختىخنىڭ(بۇرۇن ئۇيغۇرچە سارتىرې دەپ ئېلىنىغان)قول باغلىشش ئەمەس،بەلكى داگېرمەننىڭ ئۈمۈتسىز ئددىسى.ئەدەبىيات ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ پاراغىتى دىگەن ئددىيە،ئەدەبىيات كۆپ سانلىق كىشىلەر پىششق بىلىپ كەتمەيدىغان ئددىيە ۋە ئوبىزارلىق ئارقىلىق ھۇزۇر بىرىدۇ دىيىش،ھەر بىرىمىز ئېنىق ھېس قىلىپ يىتەلەيدىغان تەشۋىشنىڭ مەنبەسىدۇر(بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم،ئەسەر ئوقويالايدىغان ۋە يازالايدىغان ھەربىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ).كىشىلەر بەلكىم بۇ سۆزلەرنى ئاشۇ چەتكە قېقلغان كىشىلەرگە،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت داستىخىنىغا مەردانىلق بىلەن قۇيۇشنىلا ئستەيدىغاندۇ.بىراق،نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلماق تەس؟ تىل-يېزىقى قالمىغان ئاشۇ مىللەتلەر،خددى ئىنسانشۇناسلار ئىسىم قۇيۋالغاندەك ناخشا-مۇزىكا ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە تايىنىپ بىر خىل ئۈزۈل-كىسىل ئالاقلىشش ئۇسسۇلىنى تېپىپ چىقىشقان. نېمە ئۈچۈن بىزنڭ سانائەتلەشكەن جەمىمىتىمىزدە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئشقا ئايلىنىپ قالدى؟مەدەنىيەتنى قايتىدىن يارتىش كىرەكمۇ؟ بىۋاستە،شۇ ھامانلا ئشلەتكىلى بولىدىغان بىر خىل ئالاقىلىش ئۇسسۇلىغا قايتىش كېرەكمۇ؟ كىشىلەر بۇنىڭ ئورننى بۈگۈنكى كۈندە كىنونىڭ ياكى قىياپەت-ۋەزىنلىك،ئېيىتقىلى بولدىغان خەلىق قوشاقلىرىنىڭ ئالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.بەلكىم ئۇلار ئشىنىدىغان يەنە جاز مۇزىكىسى ياكى باشقا دۇنيادىكى كاليپىسو ۋەمالويا،سېگا ئېپوس باردۇر.
بۇ زىددىيەتلەر يېقىندىلا يۈز بەرگەن ئەمەس.فرانسۇزتللىق ئۇلۇغ يازغۇچى فرانس رابىلىس ئىلم-پەندىكى ساختىلىقلارغا ئوت ئېچىپ،ئورتاق تىلدىكى بەزى سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنى يۈزمۇ يۈز مەسخىرە قىلغان.ئۇنىڭ سۆزلىگىنى مۇشۇ ئاچ قالغانلار ئۈچۈنمۇ؟ شەھۋەھپەرەسىتلىك،چوڭ يەپ،چوڭ ئېچىپ،راھەتپەرەسلىك دېگەندەك ھەددىدىن زىيادە ئىشتىھانى بىلدۇردىغان سۆزلەرنى ئاجىز-ئۇرۇق دېھقانلارغا،ئىشچىلارغا ئىشلىتىپ سۆزلەرنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتكەن.ئىقىلابنىڭ زىتلىقى يازغۇچىنىڭ ئېڭىدا رېسىلار ئېروسىدەك مەجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ.ئەگەر،«يازغۇچى قەلەم تەۋرەتكەندە ئەخلاق قارشى كەم بولسا بولمايدۇ»دېيلسە،ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلىمى كۈچلۈكلەرگە مەدىيە ئوقۇماي،قاراڭغۇلىقنى يېزىشى كېرەك.ھالبۇكى، بۇ ئەخلاق قارشىنىڭ ئەمەلگە ئېشش جەريانىدا،سەنئەتكار«گۇمانلىق نۇقتىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىم»دەپ قارىماسلىقى كېرەك.يازغۇچىلارنىڭ قارشىلىقى،رەت قىلىشى،قاغاش-تىللاشلىرى توسۇلغان بىر تەرەپكىلا يىتىپ بارالايدۇ،كۈچلۈكلەرنىڭ تىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتە بۇلۇپ ،بەزى سۆز-جۈملىلەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.بىراق، ئۇنىڭ ئېشىپ قالغىنىچۇ؟بىر خىل يوقالغان يىراق يېزىق،بىر خىل نەپسىلىك ھەم سۇغۇق قانلارچە ئارقىغا سۆرەش.بەزىدە يۇمۇرمۇ بۇلىشى مۇمكىن،ئۇ ئۈمدسىزلىككە بېرىلگەن سوغات ئەمەس،چېكى يوق ئۈمدسىزلىك،غەيرى ھەققانىيەت ئۆزىنىڭ تاشلىنىپ قالغان قىرغىقىغا قاراپ ئاقىدۇ.
ئۇنداقتا،نىمە ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىمىز؟ھازىر يازغۇچىلار ھېكايە-رومان ئارقىلىق دۇنيانى،ئۆز تۇرمۇشىنى قەلەم بىلەن ئۆزگەرتىشىنى خىيال قىلمايدىغان بولىدۇ.يازغۇچى ئاددىلا بىر گۇۋاھچى بۇلۇشنى ئويلايدۇ.زىددىيەت ئورمانلىقىدىكى باشقا بىر دەرەخكىمۇ نەزەر سېلىپ بېقىڭ.يازغۇچىلار كۆپ ۋاقىتتا گۇۋاھچى بۇلۇشنى ئويلىسىمۇ،ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئشلىرىنى ئوغرىلقچە كۈزەتكۈچى بۇلۇپ قالىدۇ.
سەنئەتكارلارمۇ گۇۋاھچىغا ئايلىنىدۇ.«ئېلاھ كومېدىيسى»نى يازغان دانتى،شېكىسپىر دېگەندەك گۋاھچىلارمۇ بار.بىز يەنە چارلىز چاپلىننىڭ فىلىملىرىدىن بىمەنىلىكلەرنى كۆرىمىز.
گۇۋاھچىلىققا يارايدىغان ئەڭ ياخشى يازغۇچى ئۆزىگە گۇۋاھچى بولالايدۇ... تولىستوي بەلكىم ناپالىئوننىڭ روسيىگە سالغان ئازابلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەندۇر،لېكىن بۇتارىخنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.ستوۋ خانىم«تام تاغىنىڭ كەسپى»نى يازغان بولسىمۇ،لېكىن قۇللارنىڭ ئۆزلىرى كۆرەش ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.
يازغۇچى نىمىلەرنى قىلالايدۇ؟ھەرىكەت يازغۇچىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن قويدىغان ئىشى،ھەركەت گۇۋاھ -شاھىد بۇلۇش ئەمەس. يېزىش، تەسەۋۋۇر، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەر يازغۇچىنىڭ تىلى، توقۇلمىسى ۋە چۈشلىرىگە رېئاللىقنى ئارلاشتۇغۇزىدۇ،ئادەمنىڭ روھى ۋە قەلبىنى ئۆزگەرتىدۇ،گۈزەل بىر دۇنيانى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن قىلدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بىر ئاۋاز يازغۇچى سۆزدېگەن ،سۆز ئۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇلار جەيەت بورانلىرى سۈر-توقاي قىلىۋىتىدۇ،«چۈش بولسا ئاجايىپ –غارايىپ ھېسىسي ئوبرازدۇر»دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.نېمە ھوقۇق –ئمتېيازلار يازغۇچىغا تېخىمۇ پايدىلىق؟يازغۇچىلار راستىنلا چىقىش يولى تىپىش كېرەكمۇ؟بۇ«كنوك ۋە دوختۇرنىڭ غەلبىسى»دىكى يېزا ساقچىسىنىڭ مەيدانىدا تۇرغانلىق ئەمەسمۇ؟ئۇ،بىر قېتىملىق يەر تۋرەشنى تۇسۈپ قالماقچى بولغانغۇ؟ئەسلەشنى بىلىدىغان يازغۇچى يەنە قانداق ھەرىكەت قىلالىسۇن؟
تەنھالىق،غېرىبلىق يازغۇچىغا بېرىلگەن مۇكاپات...تەنھالىق،يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا چۇڭقۇر مۇھەببەت، يازغۇچىلار ئۇنىڭ ياردىمىدە بەخت ئزدىشىدۇ.بۇبىر خىل زىددىيەتلىك بەخت بۇلۇپ، ئازاب بىلەن خۇشاللق گىرەلەشكەن...يازغۇچى زەھەرلىك ھەم زكرۈر بولغان ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈردىغان ئادەم ھەم ئۆزىنىڭ كېرەكسىز توپىسىدىن ئۆسۈپ يىتىلىدۇ.ئۇ بارچە ئادەملەر،بارچە دەۋرگە:ھەممە ئادەمگە ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قەغەزدىكى ئاق ئەينەككە تىكىلىپ،لامپا نۇرى ئاستىدا ياكى كومپېيۇتىرنىڭ يورۇق ئىكىرانى ئالدىدا كۇنۇپكا تاختىلىرىغا بارماقنىڭ تىگىشكەن ئاۋازىغا قۇلاق سالغاچ يازغانلىرىنى دەپ بەرگۈسى كېلىدۇ. مانا بۇ يازغۇچىنڭ ئورمانلىقىدۇر،ھەربىر يازغۇچى بۇ ئورمانلىقتىكى ھەر بىر يولنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى بىلىدۇ. گاھىدا بەزى نەرسىلەر توشقاندەك«پەرت»تىدە قېچىپ كىتىدۇ. يازغۇچى بىر چەتتە بۇ ئشنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرىدۇ.
تەڭرىتاغ ژۇرنىلى - يىل - سان
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |