ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بولۇمسىز ئايال


بولۇمسىز ئايال


 

(ھېكايە)


 

توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى


 

 شەھەر باشلىقى ئوچۇق دېرىزە ئالدىدا تۇراتتى. ئۇچىسىدا كۆڭلىكىلا بولۇپ ، ياقىسىغا چىرايلىق گالىستۇك قىسقۇچ قاداقلىق ئىدى . ساقال- بۇرۇتلىرى پاك- پاكىزە قىرىلغان_ ئۆز قولى بىلەن قىرغان ئىدى. شۇنداق ، كىچىككىنە يېرىگە تىغ تەگكۈزۈۋالغان ، ئەمما كىچىككىنە قەغەز پارچىسى بىلەن چاپلىۋالغان ئىدى.
_ماڭا قارا ، شۇمتەك_دەپ ۋارقىرىدى شەھەر باشلىقى.
بۇ شۇمتەك باشقا بىرى ئەمەس ، ھېلىقى نامرات كىرچى ئايالنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ بالا شەپكىسىنى ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلەن قولىغا ئېلىپ سالام بەردى . شەپكىنىڭ ئوتتۇرىسى يىرتىق ئىدى . چۈنكى بۇ شەپكىنى دائىم پۇرلاپلا يانچۇقىغا سېلىۋالاتتى. ئۇچىسىغا ئاددىي ، ياماق چۈشكەن بولسىمۇ پاكىزە ۋە رەتلىك كىيىم كىيگەن ، پۇتىغا قېلىن ياغاچ كەش سېپىۋالغان بۇ بالا ئەيمەنگىنىدىن خۇددى پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك تۈگۈلۈپ تۇراتتى.
_سەن دېگەن ياخشى بالا،_دېدى شەھەر باشلىقى ئەپەندى ،_ ئەدەپلىك بالىسەن . ئاناڭ شۇ تاپتا دەريا بويىدا كىر يۇيىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟ يانچۇقۇڭغا سېلىۋالغان نەرسىنى چوقۇم ئاناڭغا بەرمەكچىغۇ سەن ؟ ئاناڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوبدان ئىش ئەمەس بۇ . قانچىلىك ئېلىۋالدىڭ؟
_ئىككى سەر ،_ دېدى بالا ئەندىشىلىك ئاۋازدا دۇدۇقلاپ .
_بۈگۈن ئەتىگەن ئىككى سەر قېقىۋالغانتى،_ دېدى شەھەر باشلىقى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
_ياق ،_ دېدى بالا جاۋاب بېرىپ ،_ ئۇ دېگەن تۈنۈگۈنكى ئىش .
_ئىككى سەردىن ئىككىسى ساق يېرىم جىڭ دېگەن گەپ . تازىمۇ بولۇمسىز خوتۇن- دە ئۇ سىلەرنىڭ خىلىڭلار ئۈچۈنمۇ نومۇس ئاناڭغا ئېيتقىن ، نومۇس قىلسۇن . ئۆزۈڭمۇ پەخەس بول ، ھاراقكەش بولۇپ قالما ، ئەمما ھاراقكەش بولۇپ چىقماي قالمايسەن ۋاي بىچارە بالا، يولۇڭغا ماڭغىن
 بالا يولىغا ماڭدى ، شەپكىسى ھېلىمۇ قولىدا ئىدى ، ئالتۇندەك سېرىق بۈدرە چاچلىرى شامالدا تىك بولۇپ كەتكەن ئىدى . بالا بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن ئەگىپ دەريا بويىغا بارىدىغان تار كوچىغا بۇرۇلدى . ئانىسى دەريادىكى كىر يۇيىدىغان ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، بىر پاتمان يوتقان كىرلىكىنى توقماقلاۋاتاتتى. تۈگمەننىڭ قاپقىسى ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا ، يېنىدىن گۈلدۈرلەپ ئېقىپ ئۆتىۋاتقان سۇ بۇ كىرلىكلەرنى خۇددى كىر يۇيىدىغان ئورۇندۇقنى ئۆرىۋەتكىدەك كۈچ بىلەن چايقاپ ماڭاتتى ، كىرچى ئايال بار كۈچى بىلەن ياغاچ ئورۇندۇقنى بېسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى .
_مەنمۇ ئېقىپ كەتكىلى تاس قالدىم ،_ دېدى ئانىسى ،_ تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ كېرەك بولۇپ تۇراتتى. سۇ ئەجەپمۇ سوغۇق ئىكەن ، مۇشۇ سوغۇق سۇدا تۇرغىنىمغا ئالتە سائەتتىن ئاشتى. ماڭا بىرەر نەرسە ئالغاچ كەلدىڭمۇ؟
بالا يانچۇقىدىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئالدى ، ئانىسى بوتۇلكىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ ئازراق ئىچىپ قويدى.
_ۋاھ ، مېنى قۇتقۇزدىغۇ بۇ_ دېدى ئانىسى ،_ ئوبدانلا ئىسسىپ قالدىم بىر ۋاق ئىسسىق تاماقنىڭ ئۆزىدە ، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس سەنمۇ ئازراق ئىچىۋال ، جېنىم بالام چىرايىڭدا قان دىدارى قالماپتۇ ئۇچاڭدىكى مۇشۇ يېلىڭ ئىگىنىڭ بىلەن توڭلاپ قالىسەن . ھازىر دېگەن كۈز ۋاقتى ئەمەسمۇ . يا ئاللا ، سۇ نېمە دېگەن سوغۇق ئاغرىپ قالمىسامكەن دەيمەن . ياق ، ئاغرىپ قالمايمەن يەنە بىر ئوتلام ئىچكۈزۈپ قوي ، سەنمۇ ئازراق ئىچىۋال ، ئازراقلا ئىچكىن ، ھاراققا ئۆگىنىپ قالساڭ بولمايدۇ ، بىچارە بالام ، تاتلىق بالام
 ئانىسى شۇنىڭ بىلەن سۇدىن چىقىپ ، بالىسى تۇرغان كۆۋرۈككە ئېسىلىپ چىقتى. پالاڭ پەرتۇقىدىن ، كىيىم- كېچەكلىرىدىن توختىماي سۇ تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
_جاپادىن قورقمايمەن ، جان تىكىپ ئىشلەيمەن ،_ دەيتتى ئۇ ،_ بالام ، ھالال ئەمگىكىم بىلەن سېنى بېقىپ قاتارغا قوشالايدىغانلا ئىش بولسا ، ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ مەيلى .
 شۇ ئەسنادا يېشى ئۆزىدىن چوڭراق بىر ئايال چىقىپ كەلدى . ئوزايىدىن خېلىلا نامرات ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالنىڭ بىر پۇتى ئاقساق ئىدى ، سۈنئىي چېچى ساڭگىلاپ چۈشكەن بىر كۆزىمۇ ئەما ئىدى . بۇ سۈنئىي چېچىنىڭ رولى ئەسلىدە شۇ كۆزىنى يېپىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ ، ئەكسىچە بۇ ئەيىپىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ قويغان ئىدى . قوشنىلىرى «يالغان چاچلىق توكۇر مارېن(aren)» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئايال كىرچى ئايالنىڭ دوستى ئىدى.
_پاھ ، ۋاي بايقۇشۇم سۇ ئىچىدە ھېرىپ ئۆلەي دېگىنىڭنى قارىمامدىغان ، جان لازىم ئەمەسمۇ ساڭا_دېدى ئۇ ئايال ،_ بىرەر نەرسە ئىچىپ ئىسسىنىۋالساڭ بولغىدەك . شۇغىنىسى بەدنىيەتلەر نەچچە تېمىم ئىچكىنىڭنى كۆرۈپ قالسىلا ئالا تاغىل قاقىلدىشىپ كېتىدۇ- دە
 شەھەر باشلىقىنىڭ دېگەن گېپى نەچچە مىنۇت ئۆتە- ئۆتمەيلا كىرچى ئايالنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . چۈنكى ، مارېن شەھەر باشلىقىنىڭ گەپلىرىنى قويماي ئاڭلىۋالغان ۋە ئىنتايىن خاپا بولغان ئىدى ، دېمىسىمۇ بىر ئانىنىڭ بىر قانچە تېمىم ھاراق ئىچكىنىنى خۇددى ئالاھىدە بىر ئىشتەك شۇ ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئېيتىپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان . بىراق ، تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنى شۇكى ، شەھەر باشلىقى شۇ كۈنى كاتتا زىياپەت بەرمەكچى ، زىياپەت ئەھلى شۇ زىياپەتتە كۈچلۈك ياخشى ھاراقلارنى بوتۇلكا- بوتۇلكىلاپ ئىچكۈسى.
_نۇرغۇن خەق غەرق مەست بولۇپ كېتىدۇيۇ ، بۇنى ھاراق ئىچتى دېيىشمەيدۇ . ئۇلار ياراملىق كىشىلەرمىش ، سەن بولساڭ بولۇمسىزمىشلەر_ دېدى مارېن ئاچچىق قىلىپ .
_ۋاي بالام ، ئۇ ساڭا شۇنداق گەپنى قىلدىمۇ؟_ دېدى كىرچى ئايال لەۋلىرى تىترىگىنىچە ،_ قارىغىنە ، سېنىڭ ئاناڭ بولۇمسىز خوتۇنمىش ھە ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇقمۇ بولغاندۇ ، ئەمما ئۆز ئوغلۇمغا دېمىسە بولاتتى- دە ، يەنە كېلىپ شۇنىڭ ئۆيىدە يەتكىچە جاپا چەكتىمغۇ .
_شەھەر باشلىقىنىڭ ئاتا- ئانىسى تېخى ھايات چاغدىن باشلاپلا شۇنىڭ ئۆيىگە خىزمەتكار بولۇپ كىرگەن ھەمدە شۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئىدىڭ . شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ ، شۇ چاغدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ كىشىلەرنىڭ يېۋەتكەن تۇزلىرىنىڭ سانى يوق ، ھازىر ئۇسساپمۇ قالغاندۇ ،_ مارېن كۈلىۋەتتى ،_ شەھەر باشلىقى بۈگۈن كاتتا زىياپەت بەرمەكچى . ئەسلىدە مېھمانلىرىنى باشقا ۋاقىتتا كېلىشكە تەكلىپ قىلماقچى ئىكەن ، ئەمما تائاملار تەييارلىنىپ بولغاچقا ئەپلەشمەپتۇ . بۇ ئىشنى ماڭا ئىشىك باقار ئېيتىپ بەردى . شەھەر باشلىقى باياتىن بىر پارچە خەت ئالغان ئىكەن ، خەتتە ئېيتىلىشىچە ئىنىسى كوپېنھاگېندا ئۆلۈپ قاپتۇ .
_ئۆلۈپتۇ ؟_ سورىدى چىرايى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ كەتكەن كىرچى ئايال.
_ھەئە ، ئۆلۈپتۇ ،_ دېدى مارېن ،_ كۆڭلۈڭ بەك يېرىم بولىۋاتامدۇ؟ شۇنداق ، سەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خىزمەتكار بولغان، شۇڭا ئۇنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا تونۇيسەن .
_ئۆلۈپ قاپتۇما ؟ ئەجەپمۇ ئاقكۆڭۈل كىشى ئىدى ئۇ ئۇنىڭدەك ئادەم ئاز تېپىلىدۇ ._ كىرچى ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى._ ئىلاھىمەي ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە پىقىراپ كېتىۋاتىدىغۇ_ ھاراقنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋەتكەنلىكىمدىن شۇنداق بولىۋاتقان گەپ ، مەن راستلا ئۇنچىلىك ھاراق كۆتۈرەلمەيتتىم . مىجەزىم يوق تۇرىدۇ_ كىرچى ئايال يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ياغاچ شادىغا يۆلىنىۋالدى .
_ئىلاھىمەي ، راستلا ئاغرىپ قاپسەنغۇ_ دېدى مارېن ،_ كېرەك يوق ، پاتلا يېشىلىسەن . ياق راستلا ئاغرىپ قاپسەن ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي .
_بىراق ، بۇ كىرلەرنى ...
_ماڭا قويغىن ، ماڭا تايىنىۋال . بالاڭ قېپ قېلىپ بۇ نەرسىلەرگە قاراپ تۇرسۇن . مەن بىر دەمدىلا يېنىپ كېلىپ يۇيىۋېتىمەن ، جىقمۇ كىر- قات ئەمەسكەن .
 بىچارە كىرچى ئايالنىڭ پۇتلىرى دىرىلدەپ تىترەيتتى.
_ سوغۇق سۇدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم ،_ دېدى ئۇ زەئىپ ئاۋازدا ،_ ئەتىگەندىن باشلاپ ھېچنېمە يېمەپتىمەن ھەم ئىچمەپتىمەن . پۈتۈن ئەزايىم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ . ئاھ ، مېھىر- شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىم مەدەتكار بولغايسەن ، ئۆيۈمگە بېرىۋالاي ۋاي بىچارە بالام_ كىرچى ئايال يىغلىۋەتتى ، بالىسىمۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالا دەريا بويىدا ئۆزى يالغۇز ئاشۇ بىر دۆۋە ھۆل كىيىملەرگە قاراپ ئولتۇردى . ئۇ ئىككى ئايال ناھايىتى ئاستا مېڭىپ كېتىۋاتاتتى. كىرچى ئايال ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ ، دەلدەڭشىگىنىچە تار كوچىدىن ئۆتۈپ ، بىر دوقمۇشتا قايرىلىپ ، شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق كوچىغا يېتىپ كەلدى . شەھەر باشلىقىنىڭ مەھكىمىسى ئالدىغا كېلىپلا پىيادىلەر يولىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشى ئولاشتى ، ئاقساق مارېن ياردەمگە ئادەم چاقىرىش ئۈچۈن مەھكىمىگە كىرىپ كەتتى. شەھەر باشلىقى ۋە مېھمانلىرى دېرىزە ئالدىغا كېلىپ قاراپ باقتى.
_ھېلىقى كىرچى ئايال ئىكەنغۇ ،_ دېدى شەھەر باشلىقى ،_ ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىۋېلىپ ، مەست بولۇپ قاپتۇ بولۇمسىز ئايال ئۇ . ۋاي ئىست ، شۇنداق ئوماق بىر ئوغلى بار ، مەن ئۇ بالىغا ھەقىقەتەنمۇ ئامراق ئىدىم ، ئانىسى بولسا بىر بولۇمسىز خوتۇن .
 كىرچى ئايال ئۇزاق ئۆتمەي ئېسىگە كەلدى . كىشىلەر ئۇنى ئاددىيغىنە ئۆيىگە يۆلەشتۈرۈپ ئەكىرىپ ، كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدى . ئاقكۆڭۈل مارېن ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئىستاكان پىۋە قىزىتىپ ، ئىچىگە ئازراق سېرىق ماي ۋە شېكەر سالدى ، ئۇ شۇ تاپتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق دورىنى ئويلاپ تاپالمىغانىدى. ئاندىن پالاقشىغىنىچە دەريا بويىغا بېرىپ ، كىر- قاتلارنى يۇيىۋەتتى ، نىيىتى ياخشى بولسىمۇ ، ئەمما تازىمۇ بىپەرۋالىق بىلەن يۇيدى . راستىنى ئېيتقاندا ، ھۆل كىيىملەرنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ ، سېۋەتكە سېلىش بىلەنلا ئىشنى تامام قىلدى .
 مارېن قاراڭغۇ چۈشكەندە ھېلىقى ئاددىيغىنە ئۆيگە كېلىپ ، كىرچى ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇردى . ئۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ئاشپىزىدىن بۇ بىمار ئۈچۈن ئازراق قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاغ ياڭيوسى ۋە بىر پارچە سۈرلەنگەن سېمىز چوشقا سېنى تىلەپ ئەكەلگەن ئىدى ، ئۇ بۇ تائاملارنى بىمارنىڭ بالىسى بىلەن قاساپ- قاساپ يەۋەتتى ، بىمار بولسا بۇ تائاملارنىڭ مېزىلىك ھىدىدىنلا بەھرىمەن بولدى ، «مېزىلىك پۇراقمۇ ئىنتايىن قۇۋۋەت قىلىدۇ» دەيتتى ئۇ .
 ئۇزاق ئۆتمەيلا بالا ئۇخلاشقا ياتتى. ئانىسى ئۇخلاپ ياتقان كارىۋاتقا چىقىپ ، ئانىسىنىڭ ئايىقىدا كۆك ۋە قىزىل ياماقلار بىلەن تولغان كونا ئەدىيالنى يېپىنىپ توغرىسىغا ياتتى. ئەمدى كىرچى ئايالنىڭ روھى كەيپىياتى سەل ياخشىلىنىپ قالغاندەك بولدى . ئىسسىق پىۋا ئازراق ماغدۇرىغا كەلتۈرگەن ، تائاملارنىڭ مېزىلىك ھىدىمۇ مەنپەئەت قىلغان ئىدى .
_رەھمەت ساڭا ، ئاقكۆڭۈللىكىم ،_ دېدى مارېنغا ،_ بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن . مېنىڭچە ، بالا ئۇخلاپ قالدى . قارىغىنە ، كۆزىنى يۇمۇپ يېتىپتۇ ، نېمە دېگەن ئىسسىق چىراي - ھە . ئانىسىنىڭ دەردىنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ. ئىلاھىم مەڭگۈ بىلدۈرمىگەي . مەن ئۇ چاغلاردا ھېلىقى مەسلىھەتچى بېگىمگە_ شەھەر باشلىقىنىڭ ئاتىسىغا خىزمەتكار ئىدىم . بىر كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئوغلى قايتىپ كەلدى. مەن ئۇ چاغلاردا تەلۋە بىر قىز ئىدىم ، ئەمما پەرۋەردىگارىمنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرەلەيمەنكى ، دۇرۇس قىز ئىدىم . ئۇ ستۇدېنىت بولسا شوخ ، يېقىملىق ، ئاقكۆڭۈل ، باتۇر يىگىت ئىدى ، ۋۇجۇدىدىكى ھەر بىر تېمىم قېنى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىيلىكتىن پۈتكەن ئىدى . مەن بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانمەن . ئۇ يىگىت بۇ ئائىلىنىڭ بايۋەتچىسى ، مەن بولسام پەقەتكىنە بىر دېدەك ئىدىم . ئەمما ئارىمىزدا مۇھەببەت پەيدا بولدى. مۇھەببىتىمىز سەمىمىي ، ئورۇنلۇق مۇھەببەت ئىدى . ئۇ يىگىت بۇ ئىشنى ئانىسىغا ئېيتتى. چۈنكى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ئالەمدىكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى بولۇپ ، ھەم زېرەك ، ھەم مۇلايىم ئايال ئىدى . يىگىت شۇ چاغدا بىر يەرگە سەپەرگە ماڭدى ، يولغا چىقىش ئالدىدا ئۈزۈكىنى بارمىقىمغا سېلىپ قويغان ئىدى . ئۇ كېتىشى بىلەنلا ئايال خۇجايىنىم مېنى ئالدىغا چاقىرىتىپ ، بىر خىل قەتئىي ، ئەمما سىلىق- سىپايە تەلەپپۇزدا مەن بىلەن سۆزلەشتى. خۇددى ئەقىل- ئىدراك ئىلاھىنىڭ ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندەك بىر ھالدا ئۇ يىگىتنىڭ مەن بىلەن بولغان پەرقىنى ، روھىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ماددىي جەھەتتىن بولسۇن تامامەن پەرقلىنىدىغانلىقىمىزنى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بەردى .
 _«ئۇ ھازىر چىرايلىق چېھرىڭگە مەھلىيا بولۇپ قاپتۇ» دېدى ئايال خۇجايىنىم ، «ئەمما سېنىڭ گۈزەللىكىڭ ئەبەدىل شۇنداق بولىۋەرمەيدۇ ، سەن ئۇنىڭدەك تەربىيە ئالمىغان ، ئەقىلدە ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېتەلمەيسەن. بەختسىزلىك دەل مۇشۇ يەردە» ، خۇجايىنىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى : «مەن نامراتلارغا ھۆرمەت قىلىمەن . ئۇلارنىڭ ئورنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن بايلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ . ئەمما ، بىز بۇ دۇنيادا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا پەخەس بولۇشىمىز شەرتكى ، چەك- چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتمەيلى ، بولمىسا ھارۋىمىز ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ ، ئۆزىمىزمۇ يولغا يىقىلىپ چۈشىمىز . ماڭا ئايان ، ئىنتايىن ياخشى بىر كىشى ساڭا ئۆيلەنمەكچى ، ئۇ بىر ھۈنەرۋەن ، مېنىڭ دەۋاتقىنىم ھېلىقى پەلەي تىكىدىغان ئۇستىكار ئېرىك (ri). ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ، بالىسى يوق ، ھال- ئوقىتىمۇ ياخشى . ئويلىنىپ باقارسەن»_ خۇجايىننىڭ ھەر بىر سۆزى خۇددى بىر ئۆتكۈر تىغدەك يۈرىكىمگە سانچىلاتتى . بىراق ، سۆزلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى . بۇنداق بىلىش ھەسرىتىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى . مەن خۇجايىنىمنىڭ قولىنى سۆيدۈم ، ئازابلىق ياشلىرىم تۆكۈلدى . ئۆيۈمگە يېنىپ كىرىپ ، كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىغىنىمدا تېخىمۇ ھەسرەتلىك يىغلىۋەتتىم . بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ قايغۇلۇق بىر كېچە بولدى . قانداق ھەسرەت چەككىنىمنى، قانداق تىپىرلىغىنىمنى بىر پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ
 ياندۇرقى يەكشەنبە كۈنى چېركاۋغا بېرىپ ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا مەدەتكار بولۇشىنى ۋە يول باشلىشىنى تىلىدىم . چېركاۋدىن چىققىنىمدا ئېرىك ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى. خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى شۇنداقتەكلا . بۇ چاغدا كۆڭلۈمدە ھېچقانداق شۈبھە قالمىدى . ئىككىمىز سالاھىيەتتىمۇ ، مال- مۈلۈك جەھەتتىمۇ بىر- بىرىمىزگە مۇناسىپ كېلەتتۇق. ئۇ تېخى ھال كۈنى ھەر ھالدا ئوبدان كىشى ئىدى . شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قولىنى قىستىم:
_ماڭا بەرگەن كۆڭلىڭىز ئۆزگىرىپ قالمىغاندۇ؟_ دېدىم.
_ياق ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ،_ دەپ جاۋاب بەردى ئېرىك.
_سىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ، گەرچە كېيىن سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ ، ئەمما ھازىر كۆڭلى چۈشمىگەن بىر قىز بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟_ سورىدىم مەن.
_شۇنداق ، مۇھەببەت كېيىن تۇغۇلىدۇ ،_ دېدى ئېرىك . بىز شۇنداق قىلىپ ماقۇل بولۇشتۇق . مەن ئايال خۇجايىنىمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ باردىم . ئوغلى ماڭا بەرگەن ھېلىقى ئۈزۈكنى قوينۇمدا ساقلاپ كەلگەن ئىدىم . كۈندۈزى سېلىۋېلىشقا پېتىنالمايتتىم ، پەقەت ئاخشىمى ئۇخلاشقا ياتقىنىمدىلا سېلىۋالاتتىم . شۇ چاغدا ئۇ ئۈزۈكنى لەۋلىرىم قاناپ كەتكۈچە توختىماي سۆيۈپ كەتتىم . كېيىن ئايال خۇجايىنىمغا قايتۇرۇپ بەردىم ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا : پەلەيچى ئۇستىكار بىلەن بولىدىغان تويىمىزنى كېلەر ھەپتە جاكارلايدىغان بولدۇق ، دەپ ئېيتىپ بەردىم . ئايال خۇجايىنىم مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى . مېنى بولۇمسىز دېمىدى ، ئەمما ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدىن ياراملىقراق بولسام كېرەك ، تۇرمۇش مۈشكۈلاتىغا تېخى دۇچار بولمىغان ئىدىم- دە . بىز بىر قانچە ھەپتە ئۆتۈپ توي قىلدۇق . تۇنجى يىلى تۇرمۇشىمىز يامان ئەمەس ئۆتتى. بىزدە بىر نىمكار ۋە بىر شاگىرت بار ئىدى ، سەنمۇ بار ئىدىڭ ، مارېن . سەن بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ،  بىزگە ياردەملىشەتتىڭ .
_ئاھ ، سەن ئاجايىپ غەمگۇزار ، ئاقكۆڭۈل خۇجايىن ئىدىڭ ،_ دېدى مارېن ._ ئېرىڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن
_شۇنداق ، سەن بىز بىلەن بىللە تۇرغان چاغلار كۈنىمىز ئەڭ ياخشى ئۆتكەن چاغلار ئىدى . بىز ئۇ چاغلاردا تېخى بالىلىق بولمىغان ئىدۇق . مەن ھېلىقى ستۇدېنىتنى ئىككىنچى كۆرمىدىم ، ھە راست ، مەنغۇ كۆرگەن ، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا كەپتىكەن ، قەبرىنىڭ يېنىدا تۇراتتى ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ، ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر سىياقتا ئىدى ، ئەمما ئانىسىنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق ئىدى . كېيىنچە دادىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ چاغدا چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقاچقا دادىسىنىڭ ئۆلىمىگە كەلمىدى ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قايتىپ كەلمىدى . ماڭا ئايان ، ئۇ ئىزچىل توي قىلمىدى ، كېيىن ئادۋۇكات بولدى . مېنى ئۇنتۇپلا كەتتى ، مېنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ تونۇيالمايتتى. شۇنداق سەتلىشىپ كەتتىم - دە . مېنى كۆرمىگىنىمۇ بىر ھېسابتا تەلىيىم
 كىرچى ئايال ئۆتكەن مۇشەققەتلىك كۈنلىرىنى ۋە باشلىرىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنى شۇ تەرزدە ئېيتماقتا ئىدى.
_بىز بەش يۈز كرونا پۇل يىغقان ئىدۇق ،_ دېدى ئۇ ._ كوچىدا سېتىلىدىغان بىر ئۆي بولۇپ ، باھاسى ئىككى يۈز كروناچە ئىكەن . بۇ ئۆينى چېقىپ يېڭىلاپ سالسىمۇ ئەرزىيتتى . شۇڭا بىز بۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق . تاشچى ، ياغاچچىلار كېتىدىغان خىراجەتنى ھېسابلاپ كۆردى ،يېڭى ئۆي سېلىشقا كېتىدىغان خىراجەت ئون مىڭ يىگىرمە كرونا بولىدىكەن . ئېرىك لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىناۋەتلىك ئادەم ئىدى ، شۇڭا ئاستانىدىن بۇ پۇلنى قەرز ئالالاپتۇ . ئەمما ، كېمە يېرىم يولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەچكە ، پۇلنى ئالغاچ كېلىۋاتقان كېمە كاپىتانىمۇ ، پۇلمۇ يوق بولدى.  شۇ چاغدا مانا ھازىر ئۇخلاۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئاچتى . ئۇزاق ۋاقىت دەرت قىلىپ كەلگەن ئېغىر كېسەل ئېرىمنى يىقىتتى. توققۇز ئايغىچە ھەر كۈنى ئېرىمنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ- سالدۇرۇپ قويۇشۇمغا توغرا كەلدى . كۈنىمىز كۈندىن- كۈنگە بەتتەرلەشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرزدار بولۇپ كەتتۇق . بىز ھەممە نەرسىمىزنى سېتىۋەتتۇق . ئارقىدىنلا ئېرىممۇ ئالەمدىن ئۆتتى . مەن ئىشلىدىم ، جان كۆيدۈردۈم ، بالام ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم ، كىشىلەرنىڭ پەلەمپىيىنى سۈرتتىم ، كىر- قاتلىرىنى يۇيدۇم ، قاتتىق- يىرىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم ، ئەمما ھال- كۈنۈم ياخشىلانمىدى ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى شۇكەن پەرۋەردىگارىم مۇۋاپىق ۋاقىتتا مېنى ئېلىپ كېتەر ، ئوغلۇم بىلەنمۇ كارى بولماي قالماس.
 كىرچى ئايال شۇنىڭ بىلەن ئۇيقىغا كەتتى.
 ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇ روھى ھالىتى كۆپ ياخشىلىنىپ قالغان ، شۇنداقلا خېلى ماغدۇرىغا كېلىپ قالغان ئىدى . شۇڭا داۋاملىق ئىشلىيەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدى . ئەمما سوغۇق سۇغا كىرىشى بىلەنلا توڭلاپ پۈتۈن ئەزايىغا تىترەك ئولاشتى ۋە پىررىدە بېشى قايدى . سەندىرەكلىگىنىچە قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭشىتىپ ، ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى- دە ، يىقىلىپ چۈشتى. بېشى قىرغاققا چۈشكەن ، پۇتى بولسا يەنىلا سۇدا ئىدى . بىر پېيىغا بىر تۇتامدىن پالاڭ تەگلىك قىلىپ سېلىنغان ياغاچ كەشلىرى سۇدا ئېقىپ كەتكەن ئىدى . مارېن قەھۋە ئېلىپ كەلگىنىدە كۆرگەن مەنزىرە ئەنە شۇ بولدى.
 شۇ ئەسنادا شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى بىر چاكار شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە چاپسان بارغىن ، ساڭا ئېيتىدىغان ئىشى بار ئىكەن ، دەپ كىرچى ئايالنىڭ ئاددىيغىنە ئۆيىگە ئۇنى چاقىرغىلى كەلدى ، ئەمما كېچىككەن ئىدى بۇ چاغدا كىشىلەر قوشۇمچە تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيىسىمۇ قىلىدىغان بىر ساتراچنى كىرچى ئايالغا لوڭقا قويدۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىپ ئەكەلگەن ، ئەمما بۇ بىچارە ئايال ئۇنىڭغىچە ئۆلۈپ قالغان ئىدى.
_ھاراق بېشىغا چىقتى_ دېدى شەھەر باشلىقى.
 ئىنىسىنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى مەكتۇپ ئىچىگە بىر پارچە مۇھىم ۋەسىيەت قىستۇرۇلغان ئىدى . بۇ ۋەسىيەتنىڭ بىر ماددىسىدا: مەرھۇمنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتكارىغا ، يەنى ھازىرقى ھېلىقى پەلەيچىنىڭ تۇلىغا ئالتە يۈز كرونا قالدۇرغانلىقى ، بۇ پۇلنى شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆز خىيالى بويىچە ئۇ ئايالغا ياكى ئۇ ئايالنىڭ بالىسىغا مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى .
_مېنىڭ ئىنىم بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى ئازراق تۇترۇقسىز ئىختىلاپ بولۇپ ئۆتكەن ،_ دېدى شەھەر باشلىقى،_ بەختكە يارىشا ئۇ خوتۇن ئۆلدى. ئەمدى ئۇ بالا جىمى پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ . مەن ئۇنى كەلگۈسىدە سەمىمىي بىر ئىشلەمچى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىرەر دۇرۇس ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ باقتۇرىمەن .
 ئاشۇ بىر قانچە ئېغىز سۆزى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز بەختىنى بەرگەي.
 شەھەر باشلىقى بۇ بالىنى چاقىرىتىپ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ماقۇل بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئاناڭنىڭ ئۆلگىنى ئوبدان ئىش بولدى ، ئۇ بىر بولۇمسىز خوتۇن ئىدى» دېدى .
 كىشىلەر كىرچى ئايالنىڭ مېيىتىنى چېركاۋ زاراتگاھلىقىغا ئاپىرىپ ، نامراتلار قەبرىستانىغا قويدى . مارېن قەبرىگە بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتى تىكتى ، بالا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
_جېنىم ئانا_ بالا يىغلىۋەتتى ، ياشلىرى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇراتتى._ خەق ئانامنى بولۇمسىز دېيىشىدۇ، راست شۇنداقمۇ؟
_ ياق ، ئاناڭ ئىنتايىن ياراملىق ئايال ئىدى_ دېدى ھېلىقى قېرى چاكار ئىنتايىن خاپا ھالدا كۆككە بېقىپ ،_مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاناڭنىڭ ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ؛ ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى تۈنۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ تېخىمۇ ئوبدان چۈشەندىم . ساڭا ئېيتسام ، ئۇ تېپىلغۇسىز بىر ئايال ئىدى . گېپىمنىڭ راستلىقىنى پەرۋەردىگارىمىز بىلىپ تۇرۇپتۇ . خەق «ئۇ دېگەن بىر بولۇمسىز خوتۇن» دېسە دەۋەرسۇن ، نېمە دېگۈسى كەلسە دەۋەرسۇن .


 

(- يىلى)


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203