بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟
ئاپتورى:يالقۇن روزى
دادىلار قەيسەرلىكىتە،چىدام-جاسارەتتە،ئىلىم-ھۈنەردە.ۋاپادارلىقتا،ئەل-يۇرۇتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە.... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
« بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشىكىگە ئايلاندۇرۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس،بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك».
بۇ بىر ئابزاس سۆز.ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ-سانىدا ئېلان قىلىنغان«بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»دېگەن ماقالىسنىڭ ئاخىردىكى كەسكىن خىتابى.مېنىڭچە،سۆيۈملۈك ئانقلىرىمزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىكدادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇمەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن«بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟»دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.
لۇشۈن ئەپەندى-يىللىرى«بىز ھازىر قانداق دادا بولۇشمىز كېرەك»دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ،ئەينى يىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرسىدا ئۆتكۈر تەنقىدىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەىكەن.شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى«يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى»نى قوزغاپ،مىللىي ئويغنىش دولقۇننى ئەۋىج ئالدۇرغان.مىللىي خورلۇقنى يەتكۈچە تارتىقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ-نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا،تەسلمىچى ھۆكۈمەتكە،ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە،مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن.شۇڭا،ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارتىلىپ ئۆتكۈر ئىبارلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن.ئەدەبىي تەنقىدچىلەر«يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى»دەپ ئېيتىشقان.شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇ يىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى«دادىنى دۇمبالاش»يىللىرى دەپ ئاتاشقان.
شۈبھىسىزكى،بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك-ئىستقبالى ھەققىدە ئەستايدىل ئويلانغاندا،مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە ئەندىشىگە چۆمگەندە،تەبىئىي ھالدا كرىزس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛شۇنىڭ بىلەن.بۇ نېمە ئۈچۈن؟قانداق قىلىش كېرەك؟بىزگە نېمە كېرەك؟چىقىش يولى-تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟دېگەندەكنۇقتىلاردىن چىقىپ تۇتۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ.بايانىمىزدىكى«بىزگە قانداق ئانلار كېرەك؟»،«بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟»دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بىلىپ تۇرۇپتىمىز : نۆۋەتتە،خەلقىمىز مەۋقۇت-بولۇش تەرەققىي قىلىش،ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھالەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بىزگە نىسبەتەن ئېيتقانىدا،ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر.بۇنى«بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس»دەپ ئېيتىشقا بولدىۇ.كۆپىنچە كىشلەر بەلكىم،«ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجىمائىي مەسىلە»دەپ ئويلىشى مۇمكىن،توغرا،ئەقلىي ئىقتىدار جەۋەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ،مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەللەردىكى كىشلەردىمۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسلىسى مەۋجۇت،مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاق كرىزىس مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىر ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى،دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئەمما،مەن بىزنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك،دەپ قارايمەن.سەۋەبى شۇكى،بىزنىڭ كىشىنىڭ زورقى كېلىدىغان ھەققانىيەت،گۈزەللىك،مەردانىلىك،ئوچۇق-يورۇقلۇق،باتۇرلۇق،مېھىرىبانلىق،ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يوقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە،بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا.قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ،خۇشامەتچى جان باقتىلارنىڭمۇ،نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ،ھارام تاماق ھورۇنلارنىڭمۇ،ئەيتاۋۇر،خروئىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ...ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىندىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتلىرى بار.ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە،چاكىنا،كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيقىماستىن سۆزلەپ يۈرىۋىرىدۇ.ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى،نە ۋىدانىي ئازاب تۇيغۇسى،نە نومۇس تۇيغۇسى يوق.ئۇلار ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ماختانسا ماخىتىندۇكىقىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ،ئەپسۇسلانمايدۇ.نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن،گەپ-سۆزى ياڭراق،يۈرۈش-تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟سەۋەبى،ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاقىي پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دىيەرلىك ھېس قىلمىغان،ئالىيجاناب ئەخلاقىي-پەزىلەتنىڭ كۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگە،شۇڭا،ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل،ئەكىسچە جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى،دەپ بىلىدۇ.ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كېتىشدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە،بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا.بىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى-،-،-،يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇ چاغلاردا كىشلەرنىڭ«ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىئ بەكرەك تەكىتلىنىپ،«ھەق-ناھەق تۇيغۇسىغا ئىەە مۇھەببەت-نەپرەت تۇيغۇسى روشەن ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك،ھالال بىلەن ھارامىغا بولغان مۇئاملىسى سەزگۈر ئادملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش»كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.بۇ دادىلار ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ،ئۇلارنىڭۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرننىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا،ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن.پەقەت،قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخىشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسدىلا گەپ-سۆز قىلالىغان.نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال-دۇنيانى،ھوقوق-ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلدىغان،بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن،ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى،ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى،ئۇزۇرلاندى،ۋەھالەنكى،قۇربان قىلۋەتكەن ئادىميىلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى،ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىميلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى.ئادىميلىكىدىن بارغانسېرى ياتىلىشپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخىشمايدىغان يەنە بىر ئەۋىلاد بارلىققا كەلدى(بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارىقويۇق بىر تاياقىتا ھەيدىمەيمىز،ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننمۇ تەرغىب قىلمايمىز،ئەلۋەتتە).
ئادەتتە،دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقىنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىندۇ،ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزپىسى ئەجدادلدردىن مىراس قالغان،دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئورۇن ئالسا،دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ.دادا «ئۆز پادىلىرى»نى ھەر جەھەتتىن ياخىشى ھىمايە قىلمىسا،تەبىئىي ھالدا«پادىلىرى»بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ.بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ-بىلمەي،ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ.مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.
خوش،بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز«پادىسى»نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگە ئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ يوق؟مەن ھازىرقى بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەش.ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش.خەتەر ۋە قىينچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش،قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش،ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتىكى ئويناۋاتقان رولىغا،پاراسىتى ۋە دىيانەتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن.مەرد-مەردانە،جاسارەتلىك،غورورلۇق،نومۇسچان چىداملىق ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ«نەسلى قورۇپ كېتىش خەۋپى»گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.ئەكىسچە«ئۆيۈڭنىڭ دېرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن »دەپ قويسا،ھەپتىلەپ خوشال يۈرىدىغان خېنىم مىجەز دادىلارنى؛باشلىقى «ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىسا ،باشلىقىم ماڭا ئامراق دەپ ماخىتىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاق باش دادىلارنى؛يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۈنۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛ھىممەت-غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلۋالغان لالما مىجەز دادىلارنى؛ئەمەل-مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛ بىر بوتۇلكا بەتبۇي ھاراقىنىڭ قۇلى بۇلۇپ،سورۇنمۇ-سورۇن سوكۇلداپ تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛لەۋزىدە تۇرمايدىغان،خىيانەتكارلىق،ساتقىنلىق،ساختىپەزلىك،سۇخەنچىلىكتە پەسكەشلىكلەرنى جاھانداچىلىق يولى قىلۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا،دادىلىرىمىز ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قىيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ،دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟بۇنداق دادىلار ئۆزنىڭ ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
كېسىپ ئېيتىشقا بۇلىدۇكى،بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ،ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
ئەمدى بۇنداق «دادا»لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېردىغان پەيىت كەلدى،چۈنكى،بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا،شۇڭا،ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كىرەك:دادىلار-مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى،قول،قانىتى.دادىلارنىڭ ۋوجۇدى ھەققانىيەت بىلەن ،باتۇرلۇق بىلەن چېۋەرلىك بىلەن،ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تۇلۇشى كېرەككى،ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق،مۈجمەللىك،پەمسىزلىك،بېلى بوشلۇق،ساداقەتسىزلىك،ھاماقەتلىك،ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك،دادىلار قەيسەرلىكىتە،چىدام-جاسارەتتە،ئىلىم-ھۈنەردە،ۋاپادارلىقىتا،ئەل-يۇرۇتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە...پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |