ھاراق
ئەختەم ئۆمەر
بۇنىڭدىن يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ھاراق ئىچمەكچى بولسا،<ئەل -جامائەت كۆرۈپ قالسا ،سەت تۇرىدۇ &t;دەپ نومۇس قىلىپ ،يوشۇرۇن ئىچەتتى.بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ھاراق ئىچمىسە ئەل قاتارى ئولتۇرۇش -قوپۇشلاردىن قېلىپ ،جامائەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان غەلىتە ئادەت شەكىللەندى . قىزلارمۇ ئىچىدىغان بولغاندىن بېرى ھاراق ئىچمەيدىغان يىگىتنى يىگىت ھېساپلىمايدىغان بولغانمىش.شۇڭا،ھازىر ئۇيغۇرلىرىمىز جامائىتى ۋە مەسچىت جامائىتى ،دەپ ئىككى جامائەتكە بۆلۈنمەكتە. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىلىرىدە ئاتا بىلەن ئانا مەسچىت جامائىتى ،ئۇغۇل بىلەن قىز ھاراق ،تانسا جامائىتى بولۇپ قالدى .ئىككى جامائەتنىڭ بىرىگە تاللاپ قاتناشمىغان ئادەم چوقۇمكى جەمىئىيەتتە قاتارغا ئۆتمەيدۇ.مۇشۇ كۈنلەردە بىز خەقنىڭ سورۇنلىرىدا ،ھاراق جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكەن ھاراقلىرى ،ئىچىپ قېلىنلىشۋېلىپ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ھەققىدە لاۋزىلىق بىلەن ماختىنىپ سۆزلەشسە ،مەسچىت جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىدىن ماختىنىپ ،دىن ھەم قىنىدىن چىققان ھاراقكەشلەر ،بۇزۇق -زىناخورلار ئۈستىدە دادلاپ قاقشاش بىلەن ئۆتىشىۋاتىدۇ.ئادەملىرىمىزگە قىلىدىغان باشقا ئىش ،گەپ ،غەم بولمىغاندىن كېيىن مۇشۇ ئىشلارنىلا سۆزلىشىدۇ.بولۇپمۇ ھاراقكەشلىك ئاپىتى شەھەرلەردىنمۇ كۆرە يېزىلاردا ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئەۋىج ئېلىۋاتىدۇ.
مەن بىز خەقنىڭ نى -نى زىيالىيلىرى بىلەن ئولتۇرغان سورۇنلاردا ئۇلار مېنى :<سەن ھاراق ئىچمىسەڭ يا تاماكا چەكمىسەڭ ،يا تانسا ئوينمىساڭ ،بۇ دۇنيادا ياشىغىنڭىنىڭ نېمە ئەھميىتى ؟&t;دەپ ئەيبىلەشتى .مانا بۇ ھاراق جەمئىيتنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھاياتلىقنىڭ ھوزۇر -ھالاۋىتى ئۈستىدە چىقارغان خۇلاسىسى .
بۇدۇنيا ئادەمگە ئەمگەك قىلىش ،بالا تەربىيلەش ،ئىبادەت قىلىش ،ئىلىم -ھۈنەر ئۆگىنىش ،بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ،بىر كىمگە ياخشىلىق قىلىشتەك چىن مەنسى بىلەن ھوزۇرلىنىدىغان خەيىرلىك ئىشلار كۆپ تۇرۇپ ،بەزى كىشىلەر ئاشۇ مەسىتلىكىتىن ھوزۇرلانسا ،خەلقىمىز راۋاج تاپماقچىمۇ ياكى ھاراق بىلەن زەھەرلىنىپ ئاۋۋال ئەقلىنى ،بارا -بارا ئۆزىنى ھالاك قىلماقچىمۇ ؟بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ئورنىغا مۇنداق ئىككى ئېچىنىشلىق ئىككى تارىخىي ساۋاقنى ئەسلەپ ئۆتۈش كۇپايە،روسىيەلىك بىر ئالىم رۇس مىللىتى ئۈسىتدە توختىلىپ :<ناپالىئوننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن روھى كۆتۈرلۈپ ،تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ماڭغان رۇس مىللىتى ھاراققا ،بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش نەتىجىسىدە چۈشكەنلەشتى &t;دەپ ھەسرەت چەككەن؛ ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتاپتا ئېيتىلىشچە ،ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمي مەدەنيىتى ئۇچۈن ئاجايىپ بۈيۈك ،ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىندىئانلار ھاراققا بېرىلىش نەتىجىسدە ۋەيران بولۇپ ،بارا -بارا مەھكۈملۇققا چۈشكەن .ئەسلىدە ئۇلار ئەڭ دەسلەپ ئەنگىلىيدىن بارغان دېڭىزچىلارغا ئامېرىكىنىڭ يېرىمىنى بوتۇلكا ھاراققا تېگىشكەنىكەن .
شۇڭا ھاراقتىن ئىبارەت بۇ شېرىن ،ئەمما ،تۇيدۇرماي زەئىپلەشتۈرىدىغان جېنمىىزنى ئالغۇچى دۈشمىنىمىز بىلەن دوسىت تارتىشنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرمىساق ،راۋاج تېپىشىمىزدىن ئۈمۈد يوق. ناپالىئون ،گېتىلىرمۇ مەغلۇپ قىلالمىغان رۇسلارنى ئاشۇ ھاراق مەغلۇپ قىلغان تارىخي پاجىئەدىن بىز ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك .
مەنبە : <ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى &t;ناملىق كىتاپىدىن ئېلىندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |