لۈكچەكلەر ، قېنى سىلەر ...؟
ئاپتورى: ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
لۈكچەك دېسە كۆپ ھاللاردا كۆز ئالدىمىزغا مۇتىھەم، قائىدىسىز، جىدەل-ماجرا دېسە بەش-توققۇز مەزە كۆتۈرۈپ بارىدىغان ئەخلاقسىز كىشىلەر كېلىدۇ. پپېقىرمۇ ئىجدىمائىي ئەخلاق تەربىيە جەريانىدا لۈكچەك دېگەن ئۇقۇمنى ئەشۇنداق ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئۇلارنى سەلبىي كىشلەر توپىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمما ، بىر تۇغقىنىمىز سۆزلەپ بەرگەن لۈكچەكلەر ھەققىدىكى بىر ئىش مەندە لۈكچەك ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش پەيدا قىلىپ قويدى.
تۇغقىنىمىزنىڭ دىيىشىچە ، ئۇ كىچىگىدىن بىر قورادا ئويناپ چوڭ بولغان بىرەيلەنگە بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى نەچچە مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ تۇرۇپتۇ. كېيىن پۇل ئۇنىڭغا لازىم بولغاندا نەچچە رەت چىرايلىق يوسۇندا سۈيلىگەن بولسىمۇ ئەمما قەرىزدار تەرەپ ھەر خىل باھانە كۆرسىتىپ پۇلنى ۋاقتىدا بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئوتكەندىن كېيىن تۇغقىنىمىز ئىش ئورنىدىن قېلىپ تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن ئېغىر قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇپ پۇل بەكلا ئۆزىنى كۆرسىتىپتۇ. شۇ ئارىدا يەنە نەچچە رەت سۈيلەپتۇ. ئەمما ئۈنۈمى بولماپتۇ. ئارىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تو قۇنۇشمۇ يۈز بېرىپتۇ. قەرىزدار تەرەپ ئاكا-ئىنىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ قەرىز بەرگۈچىنىڭ كانايلىرىنى سىقىپ خېلى كۈن ساپتۇ. پەقەت ئامال بولماي تۇغقىنىمىز ج خ ساقچىخانىسىغا ئەرىز قىپتىكەن ساقچىلار قەرىزدار ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ ئازراق جەرىمانە قويۇپلا ئىشنى تۈگىتىپتۇ.
تۇغقىنىمىز خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇپتۇ . سوت مەھكىمىسى قەرىزدارنى چاقىرىپ سۈرۈك ئىچىدە پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. ئاڭغىچە قەرىزدار تەرەپ تىجارەت سەۋەبىدىن باشقا شەھەرگە يۆتكىلىپ تىجارەت باشلاپتۇ. شۇنىڭ بېلەن پۇل يەنە ئىگىسىنى تاپالماپتۇ.
ئاخىردا تۇغقىنىمىز باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بېلەن قەرىزدار تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىر لۈكچەكنى ئىزلەپ تېپىپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ. تىجارەت بېلەن شۇغۇللىندىغان بۇ لۈكچەك جەمەتلىك خەق بولۇپ خېلىلا تەسىر دائىرسى باركەن. ئۇ دەرھال سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ قەرىزدار تۇرۇشلۇق جايدىن ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ، باشلاپ بارغان بىر نەچچە ئادەملىرى بېلەن قەرىزدارنى سىرىتقا چاقىرىپ پۇلنى دەرھال ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. قەرىزدار ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سېزىپ شۇ ھامان قەرىزنى ئەينەن قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ھەم بىر مۇنچە ئوۆزرىخالىق ئېيتىپتۇ. نەچچە يىللار ھەل بولمىغان ئىش نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدىلا ھەل بوپتۇ. لۈكچەكلەر تۇغقىنىمىزنىڭ سۆيۈنچىسنىى رەت قىلىپ پەقەت بىر ۋاق ئاددىي تاماقلىنىپلا بولدى قىپتۇ ھەم بۇندىن كېيىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا يەنە ئوۆزىنى ئىزدەشنى ئېيتىپ خوشلىشىپتۇ.
مەن تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم. چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئىلگىرى لۈكچەكلەر ھەققىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق گەپلەرنى ئاڭلايىتتۇق. ئۇلار كۆپ ھاللاردا لۈكچەكلەرنى ياماندىن قورىقمايدىغان ياۋاشنىى بوزەك قىلمايدىغان ، مەرىت- سېخى، قورىقماس قىلىپ تەسۋىرلەيىتتى. دۇرۇس، ئىلگىرى ھەممە يۇرىتلاردا ئەشۇنداق لۈكچەكلەر بولغان . ئۇلار قېرى، ئاجىز، بىچارە غېرىپ -غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلاپ ،ئۆكتەم، قىزىل كۆز ، ئوغرى-يالغانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى قوغداشتا موھىم رول ئوينىغان. << ئانا يۇرىت&t;&t; رومانىدىكى غېنى باتۇرمۇ تالانىتلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمىدە بىر كوچا لۈكچىگى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. << سۇ بويىدا &t;&t; رومانلىرىنى ئوقۇساق ئۇنىڭدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى لۈكچەك بولۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن: گۈلدار شەيىخ لۇجىشىن، ۋۇسۇڭ، لى كۈي دېگەندەك . ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ياماندىن قورىقمايدىغان ياۋاشنى بوزەك قىلمايدىغان ھەققانىي يۈرەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرىدۇ.
ئەمما ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەقىي قىلىشى بىزدىكى لۈكچەك ئۇقۇمىنى سەلبىلاشتۇرۇپ قويغاننىڭ ئۈستىگە ھازىرقى لۈكچەكلەرمۇ نامەرىتلىشىپ ، بارغانسېرى توخۇ يۈرەك، يالغانچى، ئوغرى، جىدەلخور بولۇپ كېتىپ ئىلگىرىكى نوچىلارنىڭ شەنىنى بۇلغاپ قويدى. كىشىلەر ھازىر ئىلگىرىكى لۈكچەكلەرنى سېغىنماقتا. دەۋىر ئۇنىڭغا تەقەززا بولماقتا.
شۇڭا ھەقىقى مەنىدىكى لۈكچەكلەرنى قەلەمگە ئېلىپ ئۇنى سادىقلىق بېلەن تەسۋىرلەش ، ئەدەبىيات قوشۇنىدىكى ساقتىلىق، توخۇ يۈرەكلىك، مەنپەتپەرەسلىكنى قورىقماي قامچىلىيالايدىغان لۈكچەك يازغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش تولىمۇ زۆرۈردۇر، ئەلۋەتتە.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |