ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان خوتەنلىك ياشلىق ئۆسمۈرگە ئوچۇق خەت
<< ئەيساجان تۇردى ئاچچىق &t;&t;
تەڭرىنىڭ سېنى خوتەن دىيارىدا ئۇيغۇر قەۋمىگە تەۋە قىلىپ يارىتىشى سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ئىدى. سەن ئەمدىلا - باھارىڭنى ئۆتكۈزگەن ئىدىڭغۇ ؟
ماھىيەتتە بۇ سېنىڭ غەمسىز چاغلىرىڭ بولۇشقا تىگىشلىك بالىلىق پەسلىڭ ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ساڭا غەمسىز، يۈگەنسىز ئاتلاردەك گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇش، دۇنيانى بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلىش، ئاجايىپ شوخلۇق بىلەن دۇنيا خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش... نېسىپ بولمىغان ئىكەن. بىز سېنى بىلىم ئال دېدۇق. بىراق مەكتەپكە ئايىغىڭ چۈشىشى بىلەنلا << پۇل بەر &t;&t; دېگەن سۆزنى شۇ قەدەر كۆپ تەكرارلىدۇق . سەن << پۇل &t;&t; دېگەن ھەيۋەتلىك بۇ سۆزنى تولا ئاڭلاپ شۇ قەدەر چۆچۈپ كەتتىڭ. بۇ قېتىم كۈن تاڭدىن شامغىچە جاپالىق ئىشلىگەن ئاتا - ئاناڭ تۈگىمەس سېلىق ۋە جەرىمەنىلەردىن ئاشۇرۇپ ئاكا - سىڭىل ئىككىڭلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئاران يۈ ەن بېرەلىدى. بۇ پۇل ئاكا - سىڭىل ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن ئازلىق قىلاتتى. ئاتا - ئاناڭ سەن ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە يۈرۈكىنى سۇغۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىدى. جەنۇپ دېھقانلىرى شۇنداق يارتىلغان بولسا كېرەك. ئۇلار شۇنچە نامرات تۇرۇقلۇق ھەممىسى ھاتەمدەك سېخى، مەرد... بىراق مەردانە ئەمەس چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى زەخمىلەنگەن.
سەن كۆپ ئويلۇنىشلار ئارقىلىق بۇ يۈ ەننى سىڭلىڭغا بېرىپ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدىڭ. ياق، بۇ ھىيلىگەر، جاللات رىئاللىق سېنى ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى. ساڭا ئۆلۈم تېخى بالدۇرلۇق قىلاتتىغۇ؟دېمەك، سەن نامراتلىقنىڭ قۇربانلىق پاخلىنى بولۇپ قالدىڭ ؟ مەن سېنىڭ ئۆلۈم خەۋرىڭنى ئاڭلاپلا دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر پىخسىق ھەم تار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئازاب دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ كەتتىم. بىر چاغدا سېنىڭ ئۆلىمىڭ ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق << ئۇچۇق دەرىس &t;&t; ئۆتۈپ بەرگەنلىكىڭنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپقاندەك بولۇپ، ساڭا ئۇشبۇ خەتنى يېزىشقا قولۇمغا قەلەم ئالدىم. سەن ئۆلۈپ كەتتىڭ. ياق ئۆلىۋالدىڭ. ياق بۇ رەھىمسىز رىئاللىق سېنى تىرىك يۇتىۋەتتى ؟
ئۆلۈمنىڭ شەكلى ئانچە ئاز ئەمەس، شەرەپلىك ئۆلۈش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. بوغۇلۇپ ئۆلۈش كۆرەشتە ئوق بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ساڭا تەقسىم بولغان كۈن تېخى تۈگۈمىگەن بولىشى ئېنىق. بوغۇلۇپ ئۆلىۋېلىشىڭنىمۇ << خۇدا بۇيرىغان... &t;&t; دىسەڭ، بۇ بىزنىڭ نادانلىقىمىزنىڭ يەنە بىر خىلدا ئىپادىلىنىشى ئەمەسمۇ ؟
مۇشۇ تاپتا ساڭا غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ : << تۇغۇلۇش - ئۇقۇشماسلىق، دۇنيا - مەينەت، ياشاش - بىمەنە، ئۆلۈم - خوشاللىق &t;&t; دىگەندەك پىكىرلىرىنى ئېيتىپ بەرسەم، توغرا قىلغانلىقىڭغا شۈبھىسىز ئىشىنىپ، خوشال بولۇپ كېتەرسەن ؟
سەن ئۆلۈم ئارقىلىق شادلانماقچى ھەمدە داداڭنىڭ گەجگىسىنى بېسىپ تۇرۋاتقان سېلىقنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى بولدۇڭ بىراق نامراتلىق دەردىدىن بىرەر قېتىممۇ ھەقىقى كۈلۈمسىرەش پۇرسىتىە ئېرىشەلمىگەن، ئۈنلۈكرەك پاراڭ سېلىشقىمۇ پېتىنالمىغان ئاتا - ئاناڭنىڭ يۈرەك - باغرىنى لەختە - لەختە قان قىلىۋەتتىڭ شۇنداقتىمۇ سېنى گۇناھكار دىيىشكە بولمايدۇ.
بەزىلەر << بوغۇلۇپ ئۆلىۋالغانلار جەننەت قارىسىنى كۆرەلمەيدۇ &t;&t; دىيىشمەكتە...
بەلكىم دوزاخ ئازابى نامراتلىق ئازابى ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغاندۇ ؟
سەن باياشاد ئائىلىدە توغۇلغان بولساڭ، ھىچ بولمىغاندا داداڭنىڭ ئوقۇشلۇق پۇلۇڭنى تۆلەش ئىقتىدارى بولغان بولسا... سەن ئۆلىۋالمىغان بولاتتىڭ داداڭدا نىمە گۇناھ ، ئاناڭدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭمۇ جاپالىق ئىشلىگەنگە يارشا پۇل تاپقۇسى، باي بولغۇسى، ئىپتىدائىي تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگۈسى بار ئىدى. بىراق، ئۇلار پۇل تاپالمىدى، باي بولالمىدى...
پەقەت << ئاتا - بوۋىمىز ئەينى چاغلاردا پۇل ئەمەس، ئالتۇن كۈمۈش خەجلەيدىكەنىدۇق...&t;&t; دىگەندەك شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە << بىزگىمۇ خۇدايىم بېرەر &t;&t; دىگەندەك قانائەت سۆزىنىلا قىلالىدى شۇ ؟ بىراق رىئاللىق مۇشۇ ھالىتى بىلەن داۋام ئېتىشكە رۇسلاندى.
سەن بىرەر سىياسى خاتالىق سادىر قىلمىغان. شۇنداقلا ئېتقاد - ئەخلاققا يات، باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ناچار ئىشلارنىمۇ سادىر قىلمىغان ئىدىڭ. تۇغۇلۇپلا نامراتلىق دەستىدىن بوۋايغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىڭ شۇ ؟ نامراتلىق دەل سېنىڭ جىنايىتىڭ ئىلگىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈمى سېنىڭ ئۆلۈمىڭگە ئوخشىمايدۇ. شۇنداقلا - يىللاردا غەرىب ئەللىرىدە << دۇنيادىن زىرىكىش ، ئۆلۈمنى سېغىنىش &t;&t; ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋېلىشىغا، قەھرىمانلارنىڭ دۈشمەن قورشاۋىدا قېلىپ ئۆلىۋېلىشىغا، فىئۇدانلىق جەمىيەتتە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمىگەن قىزلارنىڭ ياۋۇز بايۋەتچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ. ھەمدە يېقىندا يۈز بەرگەن ياشلىق قىز ئامانگۈلنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ زەربىسىگە چىدىماي چاشقان دورىسى يەپ ئۆلىۋېلىشىغا، ئەمدىلا - باھارىنى ياشاپ تۈگەتكەن زىلۋا بەدەن، ئۇيغۇر قىزى روشەنگۈلنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازادىن قورقۇپ يۇقۇرى بېسىملىق توكنى تۇتىۋېلىپ ئۆلىۋېلىشىغا... ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
- يىلى يازدا مەن تۇغۇلغان بۇ سەھرادىمۇ تەن - تۇرقى قەدىمقى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنى ئەسلىتىدىغان ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان قايتۇرۇشقا تىگىشلىك بىر تۇتاش تېرىقچىلىق قىلىش پۇلىنى دەل ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا يېزىلىق پارتىكومنىڭ رەھبىرى تەپىدىن قاتتىق تاياق يەپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن غىپپىدە كېتىۋالدى. بىراق ئۇنىڭ چۆچىرىدەك ئالتە بالىسى تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ جاپالىق ئىشلىسىمۇ يۇقسۇزلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ زار - زار يىغلىشىپ قېپ قالدى.
ھېلىقى رەھبەر ئۈچ يىللىق تۈرمىگە سولاندى. دېمەك، بىزمۇ نامراتلىق دەستىدىن بىر يۇۋاش دېھقان تاغىمىزدىن، مۇھىمى بىر ياخشى رەھبىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق.
<< دۇنيا كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپ &t;&t; دەيدۇ گىرمانىيە پەيلاسوپى نېتزى. ھازىر كونا ماشىنىلار شەھەرلەردىكى مەركىزى كوچىلارغا كىرىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىگىنىدەك، نامرات كىشلەر بازارغىمۇ كىرەلمەس بولۇپ قالدى. جەمىيەتتە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە... << بىز ھازىر يەر ئاستىدا نېفىت دېڭىزى، سېرىق ئالتۇن غەزنىسى، ئېتىزلاردا ئاق ئالتۇنى، يايلاقلاردا سان - ساناقسىز چارۋا - ماللىرى، يەر شارىنى ئاغدۇرۋەتكۈدەك گازلىرى... بولغان ئالتۇن تاۋاقنى كۆتىرۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالدۇق...&t;&t;بۇ قىسمەتنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك ؟
يەھۇدىلار دۇنيادا خورلۇققا ئەڭ كۆپ ئۇچىرغان مىللەت. ئۇلار ھازىر نېمە ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك مىللەتكە ئايلىنالىدى ؟
ئىقتىسادتىن ئايرىلغان مىللەت باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاخىرغىچە ساقلاپ قالالمايدۇ. مانا بۇ ھالاكەت يولى. بىز بۇ يولنىڭ تەنھا كارۋىنى بولۇپ قاچانغىچە ماڭىمىز ؟
يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان كۆپ خىل ئىچكى - تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ھامان باشقىلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. تۈنۈگۈن كوچىمۇ كوچا تاشلاندۇق ۋېلسىپىتنى مىنىۋېلىپ تۆمۈر - كېسەك، قۇرۇق قۇتا، تاشلاندۇق چاچ... تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بۈگۈن سانتانالىق خوجايىنغا ئايلىنىپ قېلىشى ئانچە كۈلكىلىك ئەمەس.
بىز ئۆزىمىزگە : << نىمە ئۈچۈن يەھۇدىلار، خەنزۇلار، نېگىرلار... بىزدىن باي ؟ بىز نىمە ئۈچۈن نامرات ؟ &t;&t; دىگەن سۇئالنى قويۇشقا پېتىنالمىدۇق. ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنى تارىخ شەجەرىسى نوقتىسىدىن سېلىشتۇرۇپلا قەلبىمىزنى شاد ئېتىشكە كۈنۈپ كەتتۇقكى، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىككى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلدۇق. ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساق << ئادەمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق دۈشمىنى دەل ئۆزى &t;&t; دىگەن ھىكمەتنىڭ ئاساسسىز مەيدانغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلىگەن بولاتتۇق . شۇنداقلا گىرمانلاردەك پەلسەپىۋى مىللەت ، خەنزۇلاردەك تىرىشچان مىللەت ، يەھۇدىلاردەك كىتابخۇمار مىللەت ، ياپۇنلاردەك ئىجادچان مىللەت...بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتۇق.
نامراتلىققا ئۆلۈم ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇشنى يۇقۇرقىدەك ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدى تېپىش تولىمۇ قىيىن .
سەن بىزگە : << خۇدا بىزنى ياراتتىمۇ ياكى بىز خۇدانى ياراتتىقمۇ ؟ نامراتلىق بىزگە ئامراقمۇ ياكى بىز نامراتلىققا ئامراقمۇ ؟ نامراتلىقنىڭ يىلتىزى ئۆزىمىزدىمۇ ياكى باشقىلاردىمۇ ؟ بايلار بولغاچقا نامراتلار مەۋجۇتمۇ ياكى نامراتلار مەۋجۇت بولغاچقا بايلار مەۋجۇتمۇ ؟ ئادەم ئۆلۈمنى سېغىنامدۇ ياكى ئۆلۈم ئادەمنى سېغىنامدۇ ؟ روھى نامراتچىلىق ماددى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ياكى ماددى نامراتچىلىق روھى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟ ئادەم پۇلنى باشقۇرامدۇ ؟ پۇل ئادەمنى باشقۇرامدۇ ؟ ئادەم ياشاش ئۈچۈن پۇل تاپامدۇ ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ياشامدۇ ؟...&t;&t; دىگەندەك بىر قاتار چىگىش سۇئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.
يېقىندا بىر تەرەكتۇر بىر - كېچە كۈندۈزدە سائەت خامان تىپىپ بىرمۇنچە پۇلغا ئىشلەپتۇ. ھىچ بىر دېھقان : << بىر كېچە - كۈندۈز سائەت تۇرسا ؟ &t;&t; دېگەن سۇئالنى قويالماپتۇ. يەنە بىر دېھقان ئۆلۈپ كەتكىلى يىل بولغان ئۈچ تۇياق تۆگىسىگە ھازىرغىچە << ئوت ئۇچى بېجى &t;&t; ۋە << سۇ بېجى &t;&t; تۆلەپتۇ . بىراق ئۇ باج ئالغۇچىلارغا : << ئۆلۈپ كەتكەن تۆگىمۇ سۇ ئىچەمدۇ ؟ ئوت يەمدۇ ؟ &t;&t; دىگەن سۇئالنى قويالماپتۇ.
بىزنىڭ يۇرتتا مۇنداق بىر مەشھۇر چاقچاق بار :: مەلۇم بىر ئاشخانا خوجايىنى ئاشخانا ئالدىدىن بايلار ئۆتسە << گۆش بار ، پولو بار &t;&t; دەپ توۋلايدىكەن. نامرات كىشىلەر ئۆتسە << نان بار، مەنتەڭ بار &t;&t; دەپ توۋلايدىكەن.
مانا بۇ چاقچاقنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى. بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىقتىسادى مەنا يوشۇرۇنغان، يەنى نامراتلار ئىنتايىن كەمسىتىلگەن.
ئەسلىدە ھايۋانلار قوغدالغان يەردە، ئادەملەرمۇ قوغدىلىشى كېرەك ئىدى. سەن بۇ دۇنيادا خوۋلۇق كۆرمەستىنلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدىڭ. بىزگە تۇيدۇرماستىنلا كېتىپ قالدىڭ دىسەم سۆزۈم سەل ئېشىپ كېتەر. بىز سېنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىڭنى بىلمەيدىغانغا سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىنۇرماللىشىپ كەتكەن ساراڭ ئەمەسقۇ ؟ ياكى بىز تۈنۈگۈنلا يەردىن ئۈنۈپ، ئاسماندىن چۈشۈپ... ساڭا قېرىنداش بولىۋالغان ئەمەسقۇ ؟ بىز ساڭا ھايات چېغىڭدا ياردەم قىلالىغان بولساق توغرا بولاتتى. ھېلىمۇ ياخشى سەن ئۆلىمىڭ ئارقىلىق مىھرى - شەپقەتكە مۇھتاج ساناقسىز ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدۇڭ.
دېمەك، سەن بىزگە يەنىلا پۇرسەت يارتىپ بەردىڭ مۇشۇ تاپتا سېنىڭ نامىڭدىن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا : << سىلەر ھەشەمەتلىك سورۇنلاردا ئولتۇرۋاتقىنىڭلاردا ھازىرغىچە شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ، كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان ، مەكتەپكە يالاڭئاياق بارىدىغان ، ئوقۇشلۇق سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمەي ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى ئەلەم بىلەن يىرتىۋاتقان... قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەسلەپ قويۇڭلار &t;&t; دىگۈم كېلىۋاتىدۇ.
بىز چوقۇم پارتىلاش خارەكتىردىكى ئەجىر قىلمايدىكەنمىز << ئالتۇن ساڭقىيدىغان ئېشەك &t;&t; ، << ئېچىل داستىخىنىم &t;&t; ،<< ئۇر توقماق &t;&t; قاتارلىق << ئەڭگۈشتەر &t;&t; لەرگە ئېرىشەلمەيمىز . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمايدىكەنمىز ، ھىچكىم بىزنى نامراتلىق پاتقاقلىرىدىن تارتىۋالمايدۇ .
بىز چوقۇم قەبرەڭگە : << نامراتلىق - جىنايەت &t;&t; دېگەن سۆزنى ئىنتايىن كۆركەم قىلىپ يېزىپ قويىمىز.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |