سۆزلەشتىكى ئۈچ ئادەت
ئەختەم ئۆمەر
قوتۇر كېسىلى بولغان ئىت يالىقىنى يالاۋېتىپمۇ غىڭشىغاننى كۆرگەنتىم.ھازىر بىز خەقنىڭ ھۇزۇرلىنىپ سۆزلەش تەپەككۈرى مۇنداق ئۈچ ئادەتنى ئۆزىگە بەلگە قىلىدىكەن:
بىرىنچى:غەيۋەتخورلۇق ئادىتى.
غەيۋەتخورلۇق پۈتۈن مىللەتنىڭ يىلىك يالىغاندەك تېتىشلىق،تاز بېشىنى قاشلىغاندەك يېقىشلىق ۋە ھوزۇرلۇق مۇڭدىشىش ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنكى،تۇنجى مۇڭدىشىشتىلا پەرىشتىدەك پاك،ئالى ھۆرمەت ساھىبمۇ،شەيتاندەك پاسىق مەلئۇنمۇ ئوخشاشلا غاجىلىنىپ،سېسىق ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ دەپنە قىلىۋىتىلىدۇ.مۇشۇ سۆھبەتتە بولغان ئەقىللىق،ئەقىلسىزنىڭ ھەممىسى خاھى بۇ ئادەمنى تونۇسۇن ياكى تونىمىسۇن ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ،ئۆزىنى ئۇنىڭ دۈشمىنى سايلىۋالىدۇ.شۇڭا بىزنىڭ مىللەتتىن پەيغەمبەر چىقسىمۇ،بىر قېتىملىق تاتلىق غەيۋەتتىلا،ئۇ ئېشەكنىڭ تاپىغا ئايلاندۇرۇپ قويىلىدۇ.
ئىككىنچى:ماختىنىش ئادىتى.
بىز خەق ھازىرقى كۈندە ماختانچاقلىقتا ئىنسانىيەتكە ئەۋرىشكە بولغىدەك ھالغا يەتتۇق.بۇ ئىش بۇرۇن ساپ-ساپچى ، غىلتاڭ خوتۇنلارنىڭ يۈزىنى بوياپ،ئۆزىنى پەرىشتە كۆرسىتىدىغان قىلىقى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئەر-ئايال ئوخشاش رەڭدە كىيىم كىيىشتىن نومۇس قىلمايدىغان بولغاندەك،ئەرلەرگىمۇ بۇ سەت قىلىق يۇقۇپ ماختىنىشتىن يۈزى قىزارمايدىغان بولۇشتى. ئەرلەرمۇ ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنى ئىت-ئېشەكتىن بەتتەر سېسىتىپ بولۇپ، خۇلاسە كالامغا كەلگەندە،ئادەمنىڭ ھۆ بولغۇسىنى كەلتۈرۈپ ئۆزىنى ماختىغىلى تۇرسا،قالغان ئاخماقلار ئۇنىڭ پولىرىغا دوست تارتىپ ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايدۇ. بۇ بىچارە ماختانچاق ئۆز خىيالىدا قالتىس ئادەم بولۇپ كەتتىم دەپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ يۈرۈيدۇ.ئەمما شۇ دوست تارتىشقان <قەدىناس&t;لار ھەپتە ئون كۈندىن كىيىن بىر غەيۋەت بىلەنلا بۇ ماختانچاقنى بىراقلا ئېشەك ئۆپكىسى قىلىپ سېستىۋىتىدۇ.شۇنداق قىلىپ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە،ھەتتا گۆرگە كىرىپ ھىساپ بىرىۋاتقان مەرھۇملارغىچە ھەممىمىزنىڭ جەددالنىڭ توقۇمىدەك بىر يۈدە بوغچىلىق غەيۋىتى بولىدىكى، ھازىرغىچە غەيۋىتى يوق ئۇيغۇر تېخى بىزدە ياشاپ باقمىدى.
ئۈچىنچى:دادخورلۇق ئادىتى.
ھەممىمىز ماختىنىپ،غەيۋىتىمىز پىشىپ سېسىپ بولغاندىن كىيىن،بىر دادلىغىلى تۇرىمىزكى،بۇ دۇنيادا بىز قاخشىمىغان ھېچنېمە قالمايدۇ.ئەخمەقلىقتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنمىزكى، بىز دادلاپ بەرگەن ھېچبىر ئىنسان تېرىقتەك دادىمىزغا يىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە،بىرنى ئون قىلىپ غەيۋەت قىلىپ توقۇپ.ھەممە يەردە چاۋىمىزنى چىتقا يېيىپ تاماشا كۆرىدۇ. سەن ئۆيۈڭ، خوتۇنىڭ،بالاڭ ھەققىدە ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە دادلاپ بېرىپ ، ئەپتى-بەشىرەڭ چۇۋۇلىدىغان رەسۋاچىلىققا ئېرىشتىڭ، خەق بولسا تاماشىغا ئېرىشتى.ئۆزۈڭ رەسۋا، تۇتۇرۇقسىز بىر ئادەمگە ئايلاندىڭ.سەن ئاتا-ئاناڭ،خوتۇن-بالىلىرىڭ،قىلىۋاتقان ئىش-ئەمىلىڭ ئۈستىدىن خەقكە دادلاپ بەرسەڭ ،خەق ياخشى ئاتا-ئانا،خوتۇن-بالىلىرىنى،ئېقىش تېپىۋاتقان ئىشىنى ساڭا بىرەمتى؟ ئاتا- بوۋىللىرىمىز سەلتەنەت سۈرگەن دەۋرلەردە،بېشىغا ھەرقانداق ئىش كەلسە،سەۋر-تاقەت بىلەن ئولتۇرۇپ، ئەقىل ئىشلىتىپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىپ كەلگەن.
ئىش قىلىدىغان ئادەم ھېچقاچان دادلاپ پاراڭ قىلمايدۇ.پەقەت ئىش قىلمايدىغان ئادەملا چىدىماسلىق قىلىپ تولا قاقشايدۇ.
دىمەك،بىزگە يۇققىنى دادخورلۇق كېسىلى،قىلىدىغىنىمىز ھەممە يەردە قۇرۇق پاراڭ سېلىش بولغانكەن،بۇ بىزنىڭ ئىشتىن گەپكە ئامراقلىغىمىزنى كۆرسىتىدۇ.سەن بۇ دۇنياغا دادلاپ ئەمەس،ئىشلەپ ياشىغىلى كەلگىنىڭنى ئۇنۇتما.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |