ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەسلىمىزگە قايتايلى ئەركەكلەر


ئەسلىمىزگە قايتايلى ئەركەكلەر


 


   ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جەمئىيىتىمىزدە <<قىز- ئاياللىرىمىز ئېچىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلىرىنى ئېچىۋەتتى، رېستۇران، دېسكوخانىلارغا قاتراپ، يولدىن چىقىپ، بۇزۇلۇپ كەتتى، ئىنساپ- دىيانەت، ئەڭ مۇھىمى شەرم- ھايانى ئۇنتۇپ كەتتى&t;&t; دېگەندەك پاراڭلارنى كۆپىنچە ھاللاردا يىگىتلەر، ئەرلەر، خىزىر سۈپەت مويسىپىت ئاتىلاردىن پات- پاتلا ئاڭلاپ قالىمىز. ھەتتا بەزىلىرىمىز بىلىپ ياكى بىلمەي مۇشۇنداق ئىشلارنى شاھىدى ھەتتا بىۋاسىتە جاۋابكارىمۇ بوپقالىمىز...
   بەس، ئەرلەر، ئەي زاتى ئەركەكلەر، بولدى بەس. ئەمدى يېتەر، قاچانغىچە گۇناھنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئەسلى سۆيۈملۈك ھەم سۆيۈشكە تېگىشلىك پەرىشتە سۈپەت قىزلار، ئاياللار، ئانىلارغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزىمىزنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىۋېرىمىز؟... قاچانغىچە ئەسلىدىن ئەرلەر، زاتى ئېسىل ئەركەك بولمىش ئەرلەر ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىمىزدىن قېچىپ، ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، كۆرسەكمۇ كۆرمىگەنگە سېلىپ يۈرىۋېرىمىز؟... قاچانغىچە ئۆزىمىزنى بىلەلمەي، ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزدىكى ئىللەت، خاتالىقلارنى ئېتىراپ قىلماي يۈرىمىز؟... قاچانغىچە غەپلەت ئۇيقۇمىزدىن ئويغانماي بىمەنىلەرچە يېتىۋېتىمىز؟...
   بەس، ئەرلەر، ئەي زاتى ئەركەكلەر، بولدى بەس. باھانە ئىزدىمەيلى، ئەمدى باھانە ئىزدەپ ئاۋارە بولمايلى، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى... ھورۇنلىشىپ، قاشاڭلىشىپ، بوشاڭلىشىپ، ئەبگالىشىپ، ئەڭ مۇھىمى ئىمان- ئېتىقادسىزلىشىپ، پەسكەش– رەزگىلىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى. قىز- ئاياللىرىمىز، ئانىلىرىمىز ئالدىدا ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈرگەنلىكىمىزنى، ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئەرلىك، ئەركەكلىك بۇرچىمىزنى تولۇق، مۇكەممەل ئادا قىلالمىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى...
   شۇنداق، ھەقىقەتكى بەزى قىز- ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ تاپتىن چىقىپ كەتتى. ئەمما << ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ&t;&t; دېيىلىدىكەن، ئەمدى بىز يەنە بىر تەرەپكىمۇ قاراپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى... قانلىرى سوۋۇغان، روھسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىمىزنىڭ تېرەنلىرىگە قولىمىزنى سېلىپ، زامانىۋىيلىق ئېلىپ كەلگەن خىلمۇخىل زەھەرلەردىن بىھوشلانغان كاللىمىزنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، ياخشى ئويلىنىپ باقايلى:
  قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ تاپتىن چىقىپ، بۇزۇلۇپ، ئاشنا ئويناپ يولدىن چىقىپ كېتىشى، نامەلۇم قاۋاقخانا، مەيخانا، بەزمىخانا... قاتارلىق ئاتالمىش <<خانا&t;&t;لارنىڭ دائىملىق ئەزىز مېھمىنىغا،<<ئۈچتە ھەمراھ&t;&t; خېنىمىغا، ھەتتا پۇل ئۈچۈن تېنىنى ساتىدىغان پاھىشىگە ئايلىنىپ كېتىشى، غۇرۇر، ۋىجدانىنى يوقىتىپ، ئىمان- ئېتىقادسىز ھايۋانلارچە بەدەۋىيلەرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىدا بىزنىڭمۇ، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەرنىڭ، زاتى ئېسىل ئەركەكلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بارمۇ- يوق؟... ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالالىدۇقمۇ يوق؟... ئوغۇللۇق، ئەرلىك، ئاتىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلالىدۇقمۇ يوق؟... ئادا قىلساق قانچىلىك ئادا قىلالىدۇق؟...
   قاراپ باقايلى، ئەرلەر، ئەي زاتى ئەركەكلەر، ئەقىل كۆزىمىزنى چوڭ ئېچىپ، ئۆتكۈر، سىنچى نەزەرلىرىمىز ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزغا، ئەسلىمۇ، نەسلىمۇ ئېسىل ئەرلەرگە، زاتى ئەركەكلەرگە قاراپ باقايلى:
زادى قانچىمىز ئاشۇ زامانىۋىيلىققا يۈزلىنىپ، مەيدىسىنى، كىندىكى، يوتىسىنى ئەڭ مۇھىمى قىزلىق شەرم- ھايا پەردىسىنى ئېچىۋەتكەن <<زامانىۋى&t;&t;، <<مەدەنىي&t;&t; قىز- ئاياللىرىمىزنى كۆرگەندە، شەھۋەت نەزەرلىرىمىز بىلەن ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىگە، قىسقا، تار، نېپىز كىيىملىرى ئىچىدە گەۋدىلىنىپ، كۆرۈنۈپ تۇرغان، نازۇك ئەزالىرىغا، قىسقىسى، چوققىسىدىن تارتىپ تاپىنىغىچە بوينىمىز قايرىلغۇچە قاراپ قانماي يەنە قايرىلىپ ئارقىسىدىن قارىماستىن،  بەلكى يۈزمۇ- يۈز تۇرۇپ ئاچچىق نەپرەت نەزەرىمىز بىلەن كۆزلىرىگە تىكىلىپ خىجالەت مېۋىسىگە ئېغىز تەگكۈزۈپ، ئۇيالدۇرۇپ، ئۇيالمىسا، قىزىرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئالا- بۇلىماچ يۈزلىرىگە ياپيېشىل تۈكۈرۈپ، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويالىدۇق؟...
  بىر چاغلاردا ئەرەب ئۇسۇلىنى دوراپ، كىندىكىنى ئېچىۋېلىپ سەھنىگە چىققان ئۇسسۇلچى قىزلارغا قاراپ <<توۋا&t;&t; دەپ ياقا چىشلىگەن زاتى ئەركەكلىرىمىزدىن قانچىمىز، زادى قانچىمىز ئەتراپىمىزدىكى، كۆز ئالدىمىزدىكى كىندىكىنىلا ئەمەس، خېلى كۆپ يەرلىرىنى ئېچىۋېتىپ، تەپتارتماستىن سەھنىگىلا ئەمەس، كوچىلارغا، ئالدىمىزغا چىقىپ، كۆز ئالدىمىزدا نايناقشىپ يۈرىۋاتقان ئاشۇ قىز- ئاياللىرىمىزغا قاراپ، شەھۋەت ئوتلىرىدا يېنىپ لەۋلىرىمىزنى چىشلىمەستىن، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، دىلىدىن قايىل ۋە مايىل قىلالىدۇق؟...
   زادى قانچىمىز دىلىمىز ۋە تىلىمىزدا، ھەرىكىتىمىزدە بىردەك بولۇپ، نەپرەت، ئېچىنىشلىرىمىزنى كۈچلۈك قارشىلىققا، بويسۇندۇرغۇچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسيانكارلىقىمىز بىلەن ئەشۇ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدا ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ جەلىپكار گۈزەللىكىنىلا ئەمەس، شەرم- ھاياسى، ئىپپەت- نومۇسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان قىز- ئاياللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرالىدۇق؟... زادى قانچىمىز مۇشۇنداق قىلالىدۇق؟...
  زادى قانچىمىز ھەممەيلەن ئېغىزىمىزدا تىللاپ يۈرگەن<<ئۈچتە ھەمراھ خېنىم&t;&t; ۋە <<ئايرىم خانە قىزلىرى&t;&t; بىلەن تاساددىپىي ياكى مەقسەتلىك ھالدا جەم بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالىدۇق؟... زادى قانچىمىز ئەھمىيەتسىز ئەمما تالاي باھانىلەر بىلەن تەشكىللىنىپ تۇرىدىغان <<رەڭلىك سورۇن&t;&t;لارنىڭ مېھرىدىن كېچىپلا قالماستىن، ئاشۇ <<رەڭلىك سورۇن قۇشلىرى&t;&t;نى چىرايلىق ئۆز ئۆيىگە يولغا  سېلىپ قويالىدۇق؟...
   زادى قانچىمىز بىر قىسىم ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن ئەرلىرىمىزنىڭ زورلۇقى، خورلۇقى ۋە ئاللىقانداق ئىپلاس، رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرىدىغان قۇربانلىقىغا، يەنە بىر قىسىم قىلغان ئىشىغا ئىگە بولمايدىغان ۋە بولالمايدىغان ئىستىلسىز، بېلى بوش يىگىتلەر ۋە ئۆز ئۆيىدە ئامراق ئايالى ۋە ئوماق باللىرى تۇرسىمۇ <<باشقا شاخ&t;&t;لارغا ئېسىلغۇسى، <<يېڭىلىق&t;&t;لارنى كۆرۈپ، تېتىپ باققۇسى كېلىدىغان تۇزكور، نائەھلى ئەرلىرىمىزنىڭ <<كۆيدۈم- پىشتىم&t;&t;، <<جېنىم، تاتلىقىم&t;&t; دېگەندەك لەنەت تەگكۈر شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ ياكى تۇرمۇشتىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئۇلۇغۋار ئارزۇ- ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانغان ۋە ئايلىنىۋاتقان، زورلۇق، نامراتلىق، ئىلاجىسىزلىق، ھېسىيات، مۇھەببەت، پۇل، تۇرمۇش، ئويۇن- تاماشا، كۆڭۈل خۇشلۇقى  ۋە ۋە ياكى باشقا ئاللىقانداق باھانە- سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەسلى- ۋەسلىنى بىردەملىك قىزغىنلىقنىڭ بەدىلى قىلىۋەتكەن <<دەردمەن&t;&t; قىز- ئاياللىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، مۇزلىغان قەلبلىرىنى قېرىنداشلىق مېھىرى- مۇھەببىتىمىز بىلەن ئىللىتىپ، ئاشۇ ئاتالمىش <<خانا&t;&t;لارنى نىقاب قىلغان قانۇنلۇق بۇزۇقچىلىقلار ماكانلىرىدىن ۋە قارىماققا پۇزۇر كىيىملەر ئىچىدە سېسىپ تۇرغان چوشقا تەلەتلىك بەتبۇي بەدەۋىيلەرنىڭ قوينىدىن تارتىپ كېلەلىدۇق؟... زادى قانچىمىز موھتاجلىق، قىينچىلىق، يوقسۇزلۇق دەستىدىن تىك تۇرالمايۋاتقان ئاجىز قىز- ئاياللىرىمىزغا توغرا نىيەت بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنالىدۇق؟... زادى قانچىمىز شۇنداق قىلالىدۇق؟....
   ئەرلەر، ئەي زاتى ئەركەكلەر، ئويغىنايلى، كۆزىمىزنى ئۇۋۇلىۋېتىپ ئەتراپقا ئەقىل كۆزىمىزدە قاراپ باقايلى، زامانىۋىي جەمئىيەت بىزگە ئاتا قىلغان زەھەرلەرگە كانىدەك يېپىشىپ، ئالماستەك بەدىنىمىز ۋە ھوش- كاللىمىزنى يوقىتىپ، غەيرەت- جاسارەت، چىدام- شىجائىتىمىزنى يوقىتىپ، قىز- ئاياللىرىمىز ۋە زامانىۋىي دۇنيا ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى، ئۇلۇغ ئەرلىك بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى... ئەرلەر زەئىپلەشكەن جەمئىيەتتە ئاياللار بۇزۇلىدۇ، ئاياللار بۇزۇلسا ئائىلە بۇزۇلىدۇ. ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلەشكەن مىللەت ۋە جەمئىيەت مۇقەررەر زاۋاللىققا، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ... ئەزەلدىن جاھاننىڭ ئىشلىرى ئەرلەرنىڭ قۇدرىتى ۋە ئاياللارنىڭ ھىماتى بىلەن ئوڭشىلىپ، تۈزىلىپ كەلگەن، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، سەۋەنلىك، خاتالىقلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالايلى، تۈزىتەيلى، ئۆزىمىزنى تونۇپ، ئۆزىمىزنى قايتىدىن يارىتىپ، ئېسىل ئەخلاق بىلەن قىز- ئاياللىرىمىزنى قايىل، دىلىنى مايىل قىلىپ جاسارەت بىرلە شاپائەت، قۇۋۋەت بىرلە مەرھەمەت بىلەن قىز- ئاياللىرىمىزنى ئۆز ئىتائىتىمىزگە ئالايلى...
   ئويلىنايلى، ئەرلەر، ئويلىنىپ باقايلى، ئەي نەسلى ئېسىل زاتى ئەركەكلەر، ئويغىنايلى، ئەي ئەسلىمۇ، ۋەسلىمۇ ئېسىل زاتى ئەركەكلەر، ئويغىنىپ باقايلى، ئويلانمىساقمۇ، ئويغانمىساقمۇ بولمىدى... قىز- ئاياللىرىمىز، ئانىلىرىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى بولمىش پەرىشتىلىرىمىز تۈگىشىپ كەتمىسۇن...
   غەپلەت ئۇيقۇمىزدىن ئويغىنىپ، ئەقىل كۆزىمىزنى چوڭ ئېچىپ ئەتراپىمىزغا قارايلى... ھاياتنىڭ ئاچاللىرىدا تېڭىرقىغان، جۇت- شىۋىرغانلىرىدا شۈمشەيگەن قىز- ئاياللىرىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيلى، ھاياتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزەيلى، تۇيۇق يوللاردىن قۇتقۇزۇۋالايلى...
   ياراتقۇچىدىن قىز- ئاياللىرىمىزغا ئىنساپ- دىيانەت تىلەش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئەرلىرىمىزگە جاھاننى بىلىكىگە تايىنىپ كۆتۈرگۈدەك قۇۋۋەت- جاسارەت ۋە ئەرلىك شىجائەت، قىز- ئاياللىرىمىزنى ئەقلىيلىك ۋە ئىلمىيلىك ئارقىلىق ئۆز ئىتائىتىگە ئالىدىغان ئەقىل- پاراسەت تىلەيلى ۋە تىرىشايلى، تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئوبرازىمىزنى قايتىدىن تىكلەيلى... شۇنداق جاسارەت ۋە قۇۋۋەتكە تولايلىكى، ئەرلەرنىڭ قۇدرىتىدىن جاھان تىترىسۇن، قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ دىللىرى سۆيۈنسۈن...


 

مەنبە : باھادىر بلوگى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203