ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بىز قانداقلارچە << ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى››;دەپ ئاتىلىپ قالدۇق ؟


بىز قانداقلارچە << ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى››;دەپ ئاتىلىپ قالدۇق ؟


 

( يالقۇن روزى )


 

    -يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسائۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت  دەپ تەرىپلىنىدىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، پەلسەپە دوكتورى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. -يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى  شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم -بابنىڭ بېشىدىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە، ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى دەپ يازغانىدى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم. پىسخىكىلىق ھالەت  دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىك قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمئىيەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا نەپەر ئۇيغۇرنى ئوبيېكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.


 

  تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېقىش تەلەپ قىلىنغان.


 

.دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
. يۇمۇرلۇق؛
.ئۈمىدۋار؛
.بېكىنمە؛
. ئوچۇق-يورۇق؛
. ئۈمىدسىز؛
.ئەقىللىق؛
.ئەستايىدىل؛ .
.ئىچ-مىجەز؛
.ئىشچان؛
.تۈزكۆڭۈل؛
.باتۇر،؛
. مەرد.


 

تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان نەپەر كىشىنىڭ نەپىرى  ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر  دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋېتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋى غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ ئوقياچى مىللەت  دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن مەرىپەتچى مىللەت  دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟ شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ سۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈرلۈك كونكرېت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئو-تېلېۋىزور ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، ۋچد ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىئو ئىستانسىلىرى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يوقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلىكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر.


 

  مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يېتەكچى خۇمار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغىمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كېتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت سەنئەتخۇمار مىللەت  دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ.


 

    بۇنىڭدىن يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيسى تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن:-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە :«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.


 

  بۈگۈنكى شارائىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن- تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۈھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيتقاندا، دەۋر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.


 

  بىز كۆزىمىزنى يوغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋرگە قاراپ باقايلى دەۋر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ خەلق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟ بۈگۈنكى دەۋر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، رىقابەت دەۋرى دەۋىرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟ كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئۇنۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە سەنئەتخۇمارلىق  تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟ بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلىبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان چاۋاكچى مىللەت  بوپقالمايمىزمۇ ؟


 

  بەزىلەر خەلق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىك بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك  دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلقنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسىلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېيىن مېنىڭ قارىشىم دىگەن ماقالىسىدە :ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ دەپ ئېيتقان. خەلقىمىز ئاپپاق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلقنى يېتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يېتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.


 

  خەلق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يېتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىنىڭ -بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر. بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يېتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئۇسسۇل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.


 

  بەزىلەر بىزگە سەئىدىيە خاندانلىقىدىن مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دېيىش خاتا دەيدۇ. توغرا، بىز مىللىتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئۇنۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنت بوپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئۇنۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانائەتلىنىپ، پەخىرلىنىپ،مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى سەنئەتخۇمار  دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمرى كوتام بەختى قارا تەقدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.


 

  مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش  ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇنۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ، ئەمەلىيەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتېرىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، يىللاردىن كېيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەت كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ..... سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سېگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن ئالىملار مىللىتى، قۇدرەتلىك، زامانىۋى مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟ (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش .شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى -يىل- (قوشما سان)؛ يىپەك يولىدىكى ھېكمەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى -يىل نەشرى )


 

  ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شارائىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.


 

  قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستانلاردا -ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار  دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يېتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق :


 

.ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار:
. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
. ئارمىيىدە داڭق چىقارغانلار؛
. تەشكىلاتچىلار؛
. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛
.دوختۇرلار؛
.مائارىپچىلار؛
.ئەدىبلەر؛
.ئاخباراتچىلار؛
ئارخىتېكتورلار؛
.رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛
. تىياتىر، مۇزىكا، كىنو، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
. تەنھەرىكەتچىلەر.


 

  ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يۇقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203